شىۋىتسىيەدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھەر خىل شەكىلدىكى مەشرەپلەر داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، 2011-يىلدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «ئۇيغۇرىستان مەشرىپى»بولسا بۇنىڭ بىر تىپىك مىسالىدۇر.
بۇ مەشرەپنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيادىن شىۋېتسىيەگە كۆچمەن بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇرلار. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى مەشرەپكە ئالاھىدە كۆڭۈل بولۇپ، ئايدا بىر قېتىم يىغلىشىپ مەشرەپ پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
مەشرەپكە داخىل بولغان ئۇيغۇرلار بۇ مەشرەپ ئارقىلىق، ئۆز-ئارا ئەھۋاللىشىش، چۈشىنىش، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئاغرىق-سىلاقلاردىن خەۋەر تېپىش ۋە ئۇلارنى يوقلاش، ئۆز-ئارا ئارازلىشىپ قالغانلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەش، شىۋېتسىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارغا ماددىي، مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم بېرىش، ئۇيغۇر دىيارىدا بولۇۋاتقان ۋەقەلەرگە قارىتا تەپسىلىي ئۇچۇرغا ئىگە بولۇش قاتارلىق مەزمۇنلاردا سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان مۇسىبەتلەرگە كۆڭۈل بولۇپ، ئۇيغۇر يېتىم بالىلارغا ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم بېرىش، مالايشىيادىكى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ كەلمەكتە.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن «ئۇيغۇرىستان مەشرىپى» دىكى يىگىت بېشى، قازىبەگلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئۇلار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەشرەپنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالى، قىلىۋاتقان پائالىيەتلىرى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.