ئۇيغۇرلار شىۋېتسىيەدە ئېچىلغان مۇسۇلمانلار يىغىنىدا كۆرگەزمە ئاچتى

0:00 / 0:00

شىمالىي ياۋروپا ئىسلام بىرلىكىنىڭ ھەر يىلى دېكابىر ئېيىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان خەلقئارالىق ئىسلام قۇرۇلتىيىنىڭ 35-نۆۋەتلىك يىغىنى 24-دېكابىر كۈنى سىتوكھولمنىڭ ئوسا تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ يىغىن زالىدا شۇ يەر ۋاقتى 15:00دە رەسمىي باشلاندى.

شىمالىي ياۋروپا ئىسلام بىرلىكىنىڭ 24-دېكابىردىن 26-دېكابىرغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 35-نۆۋەتلىك يىغىنىغا، شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

بۇ قېتىملىق ئىسلام بىرلىكىنىڭ يىغىنى يىلدىكىدىن كۆلىمى كىچىكلىتىلگەن بولسىمۇ، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن تونۇلغان ئىسلام ئالىملىرى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئوخشىمىغان تېمىلاردا لېكسىيە ۋە مۇنازىرىلەر ئۆتكۈزۈلمەكتە.

بۇ قېتىمقى يىغىن «ئىسلام دىندىكى تىنچلىق ۋە رەھىم شەپقەت» دېگەن تېمىدا ئېلىپ بېرىلماقچى.

يىغىن كۆرگەزمە زالىدىن ئۇيغۇرلارغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن، بۇ ئورۇنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم تونۇشتۇرۇلغان «ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقان ئايال» ناملىق كىتابنىڭ شىۋېتچىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلغان تەشۋىقات ۋارىقى، «ئۇيغۇرچە-شىۋېتچە لۇغەت»، 24 يىلدىن بۇيان تۈرمىدە يېتىۋاتقان دىنىي زىيالىي ئابدۇلكەرىم ئابدۇۋەلىنىڭ ماتېرىيالى قاتارلىقلارنى تەييارلىدى.

بۇ قېتىملىق يىغىن ئەھۋالىدىن تەپسىلىي خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇللا ئەھەتنى زىيارەت قىلدۇق.

شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان دىنىي زىيالىي قۇربانجان ئۆزىنىڭ بۇ يىغىنىغا ئۇزۇندىن بۇيان قاتنىشىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەمدە بۇ يىغىندىكى مەزمۇنلارنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ياۋروپادا بىر كىشىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ياشاشتا ۋە بۇ يىغىنى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەھۋاللىرىنى باشقا مۇسۇلمانلارغا ئاڭلىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.