ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىنىڭ پەخرىي رەئىسلىكىگە سايلاندى

0:00 / 0:00

بۇ نۆۋەت تۈركىيەدە ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 5-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ ئاكادېمىيىنىڭ پەخرىي رەئىسلىكىگە سايلاندى. شۆھرەت مۇتەللىپ، كلون ساھەسىدە دۇنيادا كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىملارنىڭ بىرى ئىدى.

بۇ قېتىمى يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر دوكتور ۋە تەتقىقاتچىلار قاتنىشىپ ئۆز ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك ماقاللارنى ئوقۇپ ئۆتكەن. ماقالىلەر پۈتۈنلەي ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇلغان. بۇ يىغىن ئەھلىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.

يىغىن 2013-يىلى 5-6-ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىن مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يىغىنغا ئامېرىكا، ياپونىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن 24 نەپەر ئۇيغۇر دوكتور – پروفېسسور كېلىپ قاتناشتى ۋە يىغىندا ئۆزلىرى تەييارلاپ كەلگەن ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرىنى تەقدىم قىلدى.

يىغىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى ئابلەت تۇران ئەپەندىنىڭ ئېچىلىش نۇتقى بىلەن باشلاندى. يىغىندا، تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەن ساھەلەردە دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر دوكتور، پروفېسسورلار ۋە دوكتور ئاسپىرانتى ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ كەسپى ساھەدە تەييارلاپ كەلگەن ئىلمىي تەتقىقات ماقاللىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

يىغىندا، ئامېرىكىدىن كەلگەن ئۇيغۇر بىئولوگىيە ئالىمى دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ، «مىتوخوندرىيە كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا كۆپەيتىش ۋە يېڭىدىن پروگراممىلاش ئۇسۇلى»، دېگەن تېمىدا دورا ياساش مۇتەخەسسىسى دوكتور رىشات ئابباس، «دورا تەتقىقاتى ۋە تەرەققىياتى» دېگەن تېمىدا، فرانسىيەدىن كەلگەن دوكتور ئوقۇغۇچى دىلنۇر رەيھان «ئۇيغۇرلار دىياسپورا شەكىللەندۈرەمدۇ؟» دېگەن تېمىدا، ئۇيغۇر زىيالىي ئابدۇلھەمىت قاراخان، «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت قۇرۇلمىسى ۋە تاشقى سىياسىتى» دېگەن تېمىدا، ئۇيغۇر تىلشۇناس تەتقىقاتچى قۇددۇس ھاپىز، «تىل ۋە تەرەققىيات» دېگەن تېمىدا، پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت، «قوش يېزىق ئىشلىتىش ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىمۇ؟»، دېگەن تېمىدا، شىۋېتسىيەدىن كەلگەن ئۇيغۇر يازغۇچى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد، «گۇننار يارىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا ناتونۇش بىر يۈزى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

بۇ يىغىندا، تۈركىيە بىلىم ۋە تەتقىقات جەمئىيىتى باش مۇتەخەسسىسى فاتىھ شاھىن ئەپەندىمۇ «چەتئەللىك تەتقىقاتچى، ئىلىم-پەن خادىملىرىنىڭ دۆلەتلىك تەتقىقات مۇكاپات ياردەملىرى ئېلىش ئىمكانلىرى» ھەققىدە توختالدى.

بۇ يىغىن ئىككى كۈن داۋام قىلغان بولۇپ، ئىككى كۈن جەريانىدا 20 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ئۆزلىرىنىڭ كەسپى ساھەلىرى بويىچە ئىلمىي ماقاللىرىنى تەقدىم قىلدى.

5-قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا، ئۇيغۇر ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىنىڭ پەخرى رەئىسى بولغانلىقى ئېلان قىلىندى. يىغىن زالىدىكىلەر شۆھرەت مۇتەللىپنى تەبرىكلەپ قىزغىن ئالقىشلىدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىنىڭ رەئىسى دوكتور ئابلەت تۇران ۋە ئامېرىكىدىن كېلىپ يىغىنغا قاتناشقان دوختۇر مەمەتئىمىن، تۇغلۇق ئابدۇرازاق ئەپەندىلەر يىغىن ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.