ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپوف ۋە ئۇنىڭ ئىلىم-پەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ ئارقىسىغا تىركەلگەن ئائىلە تەربىيىسى

0:00 / 0:00

2013-يىلى 19-دېكابىردا ئامېرىكىدا چىقىدىغان «تەبىئەت» ژۇرنىلى «2013-يىللىق دۇنياۋى 10 مەشھۇر ئالىم» نىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. ئامېرىكا ئورېگون ساغلاملىق ۋە ئىلىم-پەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر پروفېسسورى، بىئولوگىيە ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپوفنىڭ نامى مەزكۇر تىزىملىكتىن ئالاھىدە ئورۇن ئالغان.

مەلۇمكى، بۇ يىل 15-مايدا شۆھرەت مۇتەللىپوف يېتەكچىلىك قىلغان تەتقىقات گۇرۇپپىسى كېلون تېخنىكىسىنى قوللىنىپ ئىنسانىيەتنىڭ غول ھۈجەيرىسىنى قايتا ئىشلەپچىقىرىشتا بۆسۈش ھاسىل قىلغان. بۇنىڭ بىلەن شۆھرەت مۇتەللىپوفنىڭ ئىنسانىيەت غول ھۈجەيرىسى تەتقىقاتىدىكى بىر يۈرۈش نەتىجىلىرى دۇنيا ئىلىم-پەن ساھەسىنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىغان. ئۇنىڭ بۇ ساھەدىكى نەتىجىلىرى يېقىندا «دەۋر» ژۇرنىلىدا تونۇشتۇرۇلۇپ، «2013-يىللىق دۇنيا مېدىتسىنا ئىلمىدىكى 10 زور بۆسۈشنىڭ بىرى» دەپ باھالانغان.

شۆھرەت مۇتەللىپوفنىڭ بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىسى ئۇنىڭ پىشقان تېرە ھۈجەيرىسىنى بوش ھالەتتىكى ئانىلىق تۇخۇمغا مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگۈزۈپ، خىمىيىلىك ۋە ئېلېكترلىك غىدىقلاش ئارقىلىق تۇخۇمنى پارچىلاپ ئاخىرىدا تۆرەلمىنىڭ غول ھۈجەيرىسىنى ئىشلەپچىقارغانلىقىدا ئىپادىلەنگەن.

ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپوف 1961-يىلى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىگە يېقىن ئۇيغۇر يېزىسى - ئاۋاتتا تۇغۇلغان. 1979-يىلىدىن باشلاپ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىدە ئىككى يىل ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن. بۇ جەرياندا ئۇ رۇسىيەنىڭ غەربىي شىمالى رايونىدا تۇرۇشلۇق ھەرىكەتچان راكېتا قىسمىدا ھەربىي رادىئو تېخنىكى بولۇپ ئىشلىگەن. ھەربىي سەپتىن بوشىغاندىن كېيىن، موسكۋاغا بېرىپ غول ھۈجەيرە كەسپى بويىچە ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرگەن. 1995-يىلى ئامېرىكىغا كېلىپ ئوقۇغان ۋە يەرلىشىپ قالغان.

شۆھرەت مۇتەللىپوفنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئەسلىدە ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد غۇلجىدا ياشىغان كىشىلەر بولۇپ، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە يۈز بەرگەن بىر قاتار تارىخىي تراگېدىيىلەر نەتىجىسىدە رۇسىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى يەتتەسۇ تەۋەسىگە كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان. ئالماتاغا 30 كىلومېتىر كېلىدىغان غۇلجا يولىدىكى ئۇيغۇر يېزىسى ئاۋاتتا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن شۆھرەت ۋە ئۇنىڭ سىڭلىسى مايسەم كىچىكىدىنلا ناھايىتى قويۇق ئۇيغۇر مۇھىتىدا چوڭ بولغان. ئۇلارنىڭ دادىسى مۇزەپپەر ئاكا ئۆز پەرزەنتلىرىنى مىللىي روھتا تەربىيىلەش ئۈچۈن كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن.

شۆھرەت مۇتەللىپوف تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزىنىڭ پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن پەخىرلىنىش ھېس قىلغانلىقىغا جاۋابەن ئۆزىنىڭمۇ ئۇيغۇر پەرزەنتى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىش ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شۆھرەت مۇتەللىپوفنىڭ بىر تۇغقان سىڭلىسى دوكتور مايسەم مۇتەللىپوۋا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئاكىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىن رۇسىيە تەۋەسىدىكى يەتتەسۇغا كۆچۈپ چىققانلىقىنى، دادىسىنىڭ كىچىكىدىن ئۆزلىرىگە ئۇيغۇرلۇق تەربىيىسى بېرىپ چوڭ قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. مايسەم مۇتەللىپوۋا مەيلى ئاكىسى بولسۇن ياكى ئۆزى بولسۇن، ھەممىدىن ئاۋۋال ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر مىللىتىگە مەنسۇپ دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شۆھرەت مۇتەللىپوفنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇنىڭ غول ھۈجەيرىنى كىلونلاش تەتقىقات گۇرۇپپىسىدا پوست-دوكتورلۇق تەتقىقاتى ئېلىپ بارغان دوكتور ئالىمجان پولاتمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىشىدا ئۇستازى شۆھرەت مۇتەللىپوفنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيىلەش ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلىش روھىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دوكتور ئالىمجان ئاخىرىدا شۆھرەت مۇتەللىپوفنىڭ ھاياتىغا دائىر تەسىرلىك بىر ھېكايىنى قىستۇرما قىلىپ ئۆتتى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.