بۇ يىل 80 ياشقا كىرگەن مۇزەپپەر ئاكا يېقىندا ئوغلى شۆھرەت مۇتەللىپوفنىڭ ئىلىم-پەن ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە شان-شەرىپىنى ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلاشقا مۇۋەپپەق بولدى.
ئامېرىكىدا چىقىدىغان «تەبىئەت» ژۇرنىلى 19-دېكابىر كۈنى ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپوفنى «2013-يىللىق دۇنياۋى 10 چوڭ ئالىم» نىڭ بىرى قاتارىدا باھالىغان پەيتلەردە، ئۇنىڭ ياشانغان دادىسى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئاۋاتتىكى ئۆيىدە بۇ خۇشخەۋەرنى كۈتۈۋالدى.
بىز ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپوفنى يېتىشتۈرگەن بۇ ئۇيغۇر ئائىلىسى ۋە بۇ ئائىلىدىكى بىر جۈپ ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدە رادىئو ئاڭلىغۇچىلارغا مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
مۇزەپپەر ئاكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى 1758-ۋە 1760-يىللىرى ئەتراپىدا تارىم دەرياسى بويىدىكى شايار بوستانلىقىدىن ئىلى ۋادىسىغا كۆچۈرۈلگەن كىشىلەر ئىكەن. 1880-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۇنىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى ئىلىدىكى نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرى بىلەن رۇسىيەگە مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈپ، ھازىرقى ئالماتا شەھىرىگە 30 كىلومېتىر كېلىدىغان ئاۋات يېزىسىغا ماكانلاشقان ئىكەن. مۇزەپپەر ئاكىنىڭ بوۋىسى 90 ياشتىن ئاشقاندا ئاۋاتتا ۋاپات بولغان ئىكەن، دادىسى بولسا 1940-يىللاردىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ «ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى» دا قۇربان بولغان ئىكەن.
مۇزەپپەر ئاكا زىيارىتىمىز داۋامىدا ئۆزىنىڭ 44 يىللىق پېشقەدەم مائارىپچى ئىكەنلىكىنى، ئەينى ۋاقىتتا ئاۋات تەۋەسىدىكى رۇس ۋە ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپتە، يەنى ھازىرقى سادىر پالۋان نامىدىكى ئورتا مەكتەپتە تارىخ ئوقۇتقۇچىسى بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
مۇزەپپەر ئاكا ئوغلى شۆھرەتنىڭ بالىلىق دەۋرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى ئەسلەپ ئۆتتى: «شۆھرەت كىچىكىدىنلا ناھايىتى سەرەمجان ۋە رەتلىك بالا ئىدى، بالا چاغلىرىدا بىر ۋېلىسىپىت ئېلىپ بەرگەن ئىدىم، ئۇنى تاكى چوڭ بولۇپ كەتكۈچە بۇزۇپ قويماي ھەيدىدى، كېيىن ئۇكىسىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.»
ئۇ، ئوغلى شۆھرەتنى ئەينى ۋاقىتتا نېمە سەۋەبتىن رۇس تىلىدىكى مەكتەپتە ئوقۇتقانلىقى ھەققىدە مۇنداق چۈشەنچە بەردى: «سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە كۆپىنچە مەكتەپلەر رۇس تىللىق بولۇپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە رۇس تىلىدا ئوقۇمىغان بالىلارنىڭ ئىستىقبالى ۋە كەسپىي تەرەققىياتى ياخشى بولمايتتى. شۇ سەۋەبتىن بىزمۇ بالىلارنى رۇسچە مەكتەپكە بېرىشكە مەجبۇر بولغان.»
مۇزەپپەر ئاكا يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بالىلىرىم كىچىك چاغدا، مەن ئائىلىدە ئانا تىل ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەت تەربىيىسىنى چىڭ تۇتتۇم. بالىلار مەكتەپكە كىرىشى بىلەنلا ئايالىم خىزمەت قىلىشتىن ۋاز كەچتى. ئۇ ئۆز دەۋرىدە خېلى مەلۇماتى بار ئايال ئىدى، لېكىن بالىلارنىڭ ئوقۇشىنى دەپ ئىشتىن توختىدى ۋە بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا مەسئۇل بولدى. بۇ جەھەتتە ئانىسىنىڭ بالىلارغا بولغان تەسىرى خېلى چوڭقۇر بولدى.»
ئۇ يەنە ئوغلى شۆھرەتنىڭ 10-سىنىپنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئارمىيىگە بارغانلىقىنى، ئۇ يەردە ياخشى ئىشلىگەنلىكىنى، ھەربىي مەجبۇرىيەتنى تاماملاپ بىر ھەپتە ئۆتمەيلا موسكۋاغا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشقا كەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
مۇزەپپەر ئاكا 1995-يىلى ئوغلى شۆھرەت ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇشنى قارار قىلغىنىدا، ئۆزىنىڭ قىلچە ئارىسالدى بولماستىن ئوغلىنىڭ تاللىشىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
ئۇ پەرزەنتلىرىنىڭ ئائىلە تەربىيىسى ھەققىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «مەن بالىلىرىمنى مىللىي غۇرۇر بىلەن تەربىيىلىدىم. بالىلىرىمدىن ھەرقانداق شارائىتتا مىللىي روھ ۋە مىللىي ۋىجدان بىلەن ياشىشىنى تەلەپ قىلدىم. سىزگىمۇ مەلۇم، بىز ئۇيغۇرلار دۇنياغا نىسبەتەن ئاز خەلق، شۇڭا ھەر ۋاقىت ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىمىزنى تەشۋىق قىلىشىمىز كېرەك. مەن بۇ يىل 80 ياشقا كىردىم. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق جامائەت ئىشلىرىغا، جەمئىيەتلىك پائالىيەتلىرىگە ھازىرمۇ خۇددى ئاتتەك تەييار تۇرىمەن.»
مۇزەپپەر ئاكا ئاخىرىدا بىر ئاتا بولۇش سۈپىتى بىلەن پەرزەنتلىرىنىڭ ئىلىم-پەن ساھەسىدە قولغان كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شۆھرەت مۇتەللىپوفنىڭ ھازىر ماسساچۇسىتېز تېخنىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىئولوگىيە ئىلمى بويىچە تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان سىڭلىسى، دوكتور مايسەم مۇتەللىپوۋا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئاكام 1995-يىلى ئامېرىكىغا كەلدى، مەن 1996-يىلى كەلدىم. مۇشۇ 18 يىلدىن بۇيان ھەر يەردە ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇرلۇقۇمنى تەكىتلەپ كەلدىم. باشقىلار مەندىن ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق مىللەت ئىكەنلىكىنى سورىغىنىدا ئامال بار تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشكە تىرىشتىم، بىلمىگەنلىرىمنى ئىنتېرنېتتىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن چۈشەندۈردۈم. دادامنىڭ تەربىيىسى بويىچە ھەر ۋاقىت ئۇيغۇرلۇقۇمنى ئۇنتۇمىدىم!...»