شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار نورۇز بايرىمىنى خاتىرىلىدى

0:00 / 0:00

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، نورۇز بايرىمىنى خاتىرىلىدى.

بۇ يىللىق نورۇز بايرىمى ئىش كۈنىگە توغرا كەلگەچكە، شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ نورۇزلۇق پائالىيەتكە تولۇق قاتنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن پائالىيەت ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. پائالىيەتكە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 300 گە يېقىن ئادەم قاتناشتى. پائالىيەت جامائەت چوڭلىرىنىڭ ۋە بىلىم ئىگىلىرىنىڭ نورۇزلۇق سالىمى ۋە گۈزەل ئىستەكلىرى بىلەن باشلاندى.

سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان دوكتور ئەسەد سۇلايمان نورۇز بايرىمىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

نورۇز پائالىيىتى مول مەزمۇنلۇق سەنئەت پائالىيىتى بىلەن داۋام قىلدى ۋە شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قېتىملىق چوڭ كۆلەملىك يىغىلىش ۋە ئۇچرىشىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى.

نورۇزلۇق پائالىيەتكە ئۇيغۇرلاردىن سىرت يەنە، بىرقىسىم باشقا مىللەت ۋەكىللىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى. نورۇز پائالىيىتىنىڭ قىزغىن كەيپىياتىدىن تەسىرلەنگەن ئامېرىكىدىن شىۋېتسىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن بىر جۈپ ياش ئۆز قىزغىنلىقلىرى بىلەن سەنئەت نومۇرلىرى ئورۇنلاپ بەردى ۋە ئاخىرىدا تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى:
-مەن بۈگۈن سىلەر بىلەن يېڭى يىلىنى بىرگە تەبرىكلەۋاتقىنىمدىن بەك خۇش بولدۇم. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە ناخشا -مۇزىكىلىرىنى كۆرۈپ بەك ھاياجانلاندۇق. مەن ئۇسۇلنى بەك ياخشى كۆرىمەن، شۇڭا سىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇيغۇرچە كىيىملەرنى كىيىپ ئۇسۇل ئوينىغىنىڭلارنى كۆرۈپ بەك خۇش بولدۇم. مەن بۇرۇن ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ باققان، گەرچە تىلىنى چۈشەنمىسەممۇ مۇزىكا ۋە ئاھاڭى ماڭا بەك تەسىرلىك، گۈزەل تۇيۇلغان ئىدى. مەن بۇ يەردە بۈگۈن ھەممە ئادەمنىڭ ئورتاق بىر تىلدا پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ بەك تەسىرلەندىم. تامىقىڭلار شۇنچىلىك ئوخشاپتۇ.

پائالىيەت ئىككى بۆلەك بويىچە ئېلىپ بېرىلدى، چوڭلارغا بېغىشلانغان قىسمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ياشلار قىسمى باشلاندى.شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ چوڭى پارۇق سادىق ئۆزىنىڭ ئارزۇ -ئىستەكلىرىنى ئىپادىلىدى.

بۇ يىللىق نورۇزغا بېغىشلانغان بۇ قېتىمقى پائالىيەت 3-ئاينىڭ 24 كۈنى يەنى يەكشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلدى ۋە چۈشتىن كىيىن سائەت 3 تە باشلىنىپ كەچ سائەت 10 دا ئاخىرلاشتى.