ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئابدۇشۈكۈر سامساق ئالدى بىلەن سۆگە چىقىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى. شىۋېتسىيەدىكى پىشقەدەم سىياسەتچى، جامائەت ئەربابى پارۇق سادىق نورۇز ئەھلىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، نورۇز بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە قىسقىچە توختالدى.
شىۋېتسيەدە ياشاۋاتقان زىيالىي قۇندۇز خانىمنىڭ نورۇز ئەھلى ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلاپ كەلگەن « نورۇز بايرىمىنىڭ خاسىيەتلىرى» دىگەن ماۋزۇدىكى ماقالىسى كۆپچىلىكنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.
شىۋىتسىيەدە قۇرۇلغان ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا ئەترىتى تەرىپىدىن ئورۇنلانغان ئۇيغۇرچە ناخشا، مۇزىكىلار نورۇز ئەھلىنى ھوزۇرلاندۇردى.
پائالىيەت جەريانىدا جامائەت ئەربابى پارۇق سادىق ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ يېڭىدىن ئىجارىگە ئالغان ئىشخانسىنى تەبرىكلەپ، چوڭلار مەشرىپى نامىدىن نەق پۇل ياردەم قىلدى.
بىز بۇ قېتىملىق نورۇز پائالىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئابدۇشۈكۈر سامساقنى زىيارەت قىلدۇق.
پائالىيەت داۋامىدا جامائەت ئەربابى پارۇق سادىق زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ، پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرىمىنى مۇبارەكلىدى.
سىتوكھولىم ۋە ئەتراپتىكى شەھەردىن بولۇپ، 100دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان پائالىيەت ئىنتايىن جۇشقۇن كەيپىيات ئىچىدە داۋام قىلدى.
پائالىيەت شۇ يەر ۋاقتى 5 تە باشلىنىپ 7 دە ئاخىرلاشتى.