«سىدنېي ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى» 7 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

0:00 / 0:00

2006-يىلى ئاۋسترالىيىنىڭ سىدنېي شەھىرىدە قۇرۇلغان «ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى» نىڭ 7 يىللىق خاتىرە مۇراسىمىدا ئانا تىلنى قوغداشنىڭ مۇھىم ۋە شەرەپلىك ۋەزىپە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مۇراسىمنىڭ ئېچىش نۇتقىنى سۆزلىگەن سەلىمە كامال خانىم مۇھەجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئۇيغۇر ئانا تىلىنى پەرزەنتلىرىگە تولۇق ئۆگىتىش خىزمىتى ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلىدى.

خاتىرىلەش مۇراسىمىغا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان 12 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى ۋە 50 كە يېقىن ئاتا-ئانا قاتناشتى.

ئوقۇغۇچىلار تاتلىق ئۇيغۇر تىلىدا شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلىپ، ئانا تىل سۆيگۈسىنى ئىپادىلىگەن مىنۇتلاردا ئاتا-ئانىلار ھايجان ياشلىرىنى تۇتۇۋالالماي قېلىشتى.

سىنىپقا ئېسىلغان «كۆپ تىللىق بولۇش شەرەپلىك، ئانا تىلىنى ئۇنتۇش جىنايەت»، «ئانا تىل ھوقۇق دېمەكتۇر»، «ئانا تىلنى قوغداش ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ مەجبۇرىيىتى» دېگەندەك شوئار ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى مەزكۇر مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارغا ئانا تىل ۋە مىللىي كىملىك پوزىتسىيەسىنى سىڭدۈرۈشتە سەرپ قىلغان قان-تەرىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.

خاتىرە مۇراسىمغا قاتناشقانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن 7 يىلدا مەزكۇر مەكتەپ نەچچە ئونلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتىگە ئۇيغۇر ئانا تىلىنى ئۆگىتىپلا قالماي، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي قەھرىمانلىق ھېكايىلىرىنىمۇ ئۆگەتكەن.

خاتىرىلەش مۇراسىمىدا ئوقۇغۇچىلار دېكلاراتسىيە قىلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئارمىيىسىنىڭ مارشى قاتارلىقلار يۇقىرىقىلارنىڭ دەلىلى بولالايتتى ئەلۋەتتە.

ئۇنىڭدىن باشقا مەزكۇر مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن رافىلە شۆھرەت، ئىلياس ئادىل قاتارلىقلار شتاتلىق «ئانا تىلىنى ئەڭ ياخشى ئۆگەنگەن ئوقۇغۇچى مۇكاپاتى» غا ئېرىشىپ ئاتا-ئانىسىغا جۈملىدىن سىدنېيدا ياشاۋاتقان شەرەپ كەلتۈرگەن.

سىدنېي ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى قۇرۇلغان يەتتە يىلدىن بۇيان ھەرخىل ئىسسىق-سوغۇقلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلمەكتە.