ستالىننىڭ شېڭ شىسەينى ئاگاھلاندۇرۇپ، باش كونسۇل ئاپرېسېۋقا يازغان خېتى

0:00 / 0:00

1933-يىلى، 12-ئاپرېل ئۆزگىرىشىدە ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەن شېڭ شىسەي، 1934-يىلى، 2-ئايغا كەلگەندە سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ۋە سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ياردىمى بىلەن جاڭ پېييۈئەن ۋە ما جوڭيىڭ قوشۇنلىرىنى يوقىتىپ، ئۈرۈمچىنى قوغداپ قالدى ھەم ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىۋالدى.

سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى شېڭ شىسەيگە ھەربىي، ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن ياردەم بەرگەن بولۇپ، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىسىز مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايتتى. ستالىن ھۆكۈمىتى ۋە ستالىن رەھبەرلىكىدىكى رۇسىيە بولشېۋىكلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىتى بيۇروسى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنى قوللىماستىن شېڭ شىسەينى قوللاپ ئۇنىڭغا ياردەم بەردى؟

ھەتتا نېمە ئۈچۈن ستالىن ھۆكۈمىتى شېڭ شىسەينىڭ شىنجاڭ ئۆلكىسىنى سوۋېتلەشتۈرۈش تەلىپىنىمۇ رەت قىلىپ، ئۇنى نەنجىڭ ھۆكۈمىتىگە بويسۇنۇشنى تەلەپ قىلدى؟ بۇنىڭدىكى سىر سىياسىي بيۇرو قارار ئېلىپ، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن مۇداپىئە كۆرۈش، خىتاي بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ياپونىيەنىڭ ھۇجۇمىدىن ئورتاق ساقلىنىش ئىدى. بۇنىڭدىكى ئەڭ چوڭ ئامىل ياپونىيە ئامىلى، شۇنىڭدەك يەنە ئەنگلىيە ئامىلى ئىدى.

بۇ ھەقتە ستالىن قاتارلىق ئۈرۈمچىدىكى سوۋېت باش كونسۇلى ئاپرېسېۋەقا تاپشۇرۇق بەرگەن بولۇپ، ئۇ خېتى شېڭ شىسەينى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىسا، بارلىق ياردەملەرنى توختىتىۋېتىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالغان.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.