ئىستانبۇلدا «سوتۇق بۇغراخان» كىتابخانىسى ئېچىلدى

0:00 / 0:00

ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپلەپ ئولتۇراقلاشقان رايونلىرىدىن زەيتىنبۇرنۇدا «سۇتۇق بۇغراخان» نامدا بىر كىتابخانا ئېچىلدى.

كىتابخانىدا ھازىر ئۇيغۇرچە رومان كىتابلار، دىنىي كىتابلاردىن 10 توملۇق «ھەدىسلەر توپلىمى» ۋە بەش توملۇق، «سەھىھ ھەدىسلەر» توپلىمى شۇنىڭغا ئوخشاش ھەر خىل دىنىي ۋە ئىسلام تارىخىغا ئائىت كىتابلار تېپىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كىتابخانىدا چەتئەللەردە ئۇيغۇر تىلىدا ھەر خىل تېمىلاردا نەشر قىلىنغان كىتابلار، بولۇپمۇ تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان 120 تۈردىن ئارتۇق ئۇيغۇرچە كىتابلار تېپىلىشتىن سىرت، ئۇيغۇر ئىلىدا نەشر قىلىنغان بىر قىسىم تارىخى رومانلار ۋە شېئىرلار توپلىمى قاتارلىق كىتابلارنىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

بىز بۇ كىتابخانا توغرىسىدا تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن سۇتۇق بۇغراخان كىتابخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇمىنجان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.


بىز ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن سۇتۇق بۇغراخان كىتابخانا مەسئۇللىرىدىن مۇھەممەد تۇرسۇن ئۇيغۇر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مۇمىنجاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ كىتابخانىدا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ھەر خىل تېمىلاردىكى كىتابلار تېپىلىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سۇتۇق بۇغراخان كىتابخانىدا ئوقۇش قوراللىرى، ئوقۇغۇچىلار ئېھتىياجلىق بولىدىغان دەپتەر - قەلەم شۇنىڭغا ئوخشاش ھەر تۈرلۈك ئوقۇش بۇيۇملىرى سېتىلىدىكەن.

بۇ كىتابخانىنىڭ ئېچىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن 13 - ئىيۇن كۈنىدىن، 5 - ئىيۇل كۈنىگىچە 1 - نۆۋەتلىك سۇتۇق بۇغراخان كىتاب يەرمەنكىسى ئېچىلىدىكەن.

بىز سۇتۇق بۇغراخان كىتابخانىسىنى زىيارەت قىلدۇق، سۇتۇق بۇغراخان كىتابخانىسى ئوچۇق بولۇپ، ھەر خىل كىتابلار تىزىلغان ئىكەن. كىتابخانىدا كىتاب سېتىلىشتىن سىرت يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرىگە ئالاقىدار تۈرلۈك ئۇيغۇر دوپپىلىرى، كانۋا ۋە ئەتلەس كۆڭلەكلەر، «شەرقىي تۈركىستان خەرىتىسى» چۈشۈرۈلگەن شەپكە، كۆڭلەك ۋە چاپانلار، ئالاھىدە ئىشلەنگەن شەرقىي تۈركىستان بايراقلىرى، دەپتەر - قەلەم ۋە كۆك بايراقلىق ئاچقۇ ئاسقۇلار بولۇپ ھەر خىل مىللىي مەدەنىيەتكە ئالاقىدار بۇيۇملارنى ئۇچراتتۇق.

مەمەتتۇرسۇن ئۇيغۇر ئەپەندى، سۇتۇق بۇغراخان كىتابخانىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ھەر تۈرلۈك كىتابلار بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىرگە، مىللىي مەدەنىيەتكە ئالاقىدار ھەر خىل بۇيۇملار، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجلىق ئوقۇش ماتېرىياللىرى تېپىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە سۇتۇق بۇغراخان كىتابخانىسىنى مەنىۋى مەدەنىيەت مەركىزى قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.