بۇنىڭدىن 35 يىل مۇقەددەم سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستانغا بېسىپ كىرگەن ئىدى

0:00 / 0:00


1979 - يىلى دېكابىر ئېيىنىڭ بېشىدا سابىق سوۋېت رەھبەرلىكى ئافغانىستانغا ھەربىي قوشۇنلىرىنى كىرگۈزۈش توغرىلىق قارار قوبۇل قىلغان بولۇپ، بۇ باسقۇنچىلىق ھەرىكەت ئون يىلغا سوزۇلغان ئىدى.

مۇشۇ ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن يېقىندا «سېنتىر ئاسىيا» تور بېتىدە «سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشنى قانداق باشلىغان. 35 يىل مۇقەددەم سوۋېت ئەسكەرلىرىنى كابۇلغا كىرگۈزۈش توغرىلىق قارار قوبۇل قىلىندى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭ ئاپتورى ۋىكتور رىلسكىي ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرى ئافغانىستاندا شەكىللەنگەن سىياسىي ۋەزىيەت ھەم ئۇنىڭدىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قانداق پايدىلانغانلىقى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئىلگىرى سۈردى.

ۋ. رىلسكىينىڭ ئېيتىشىچە، 1979 - يىلى 8 - ۋە 9 - دېكابىر كۈنلىرى سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىياسىي بيۇرۇسى ئەزالىرىنىڭ بىر توپى يىغىلىپ، ئافغانىستانغا ئەسكەر كىرگۈزۈش زۆرۈرلۈكىنى مۇھاكىمە قىلغان. بۇ زۆرۈرلۈك مەملىكەتنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا پەيدا بولغان خەۋپنىڭ، يەنى ئا ق ش نىڭ ئافغانىستان تېررىتورىيىسىدە ئۆز راكېتالىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ ھەمدە ئافغانىستاننىڭ شىمالىي رايونلىرىنىڭ قوشنا پاكىستانغا قوشۇۋېتىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن كېلىپ چىققان بولۇپ، سوۋېتلەر قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن، بىرىنچى نوۋەتتە، ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئوبيېكتلىرىنى ساقلاپ قېلىشنى كۆزلىگەن ئىدى. مەزكۇر مەسىلىنى ئالدى بىلەن دۆلەت رەھبىرى لېئونىد برېژنيېف ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن سەپداشلىرى، يەنى مىللىي بىخەتەرلىك كومىتېتى رەئىسى يۇرىي ئاندروپوف، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاندرېي گرومىكو، پارتىيەنىڭ باش ئىدىيىۋىي رەھبىرى مىخايىل سۇسلوف ۋە مۇداپىئە مىنىستىرى دمىترىي ئۇستىنوفلار بىلەن بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلدى. بۇنىڭغا شۇ ۋاقىتتىكى باش شتاب باشلىقى مارشال نىكولاي ئوگاركوف ئۆزىنىڭ قارشىلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن شۇنىڭغا قارىماي، 12 - دېكابىردا ئافغانىستانغا سوۋېت ئەسكەرلىرىنى كىرگۈزۈش توغرىلىق ئاخىرقى قارار قوبۇل قىلىندى. ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئەسكەر كىرگۈزۈشنى سىياسىي بيۇرۇنىڭ بارلىق ئەزالىرى بىر ئېغىزدىن قوللىدى. ئەمما دىققەت قىلىدىغان يېرى شۇكى، سىياسىي بيۇرۇ مەجلىسىدە سوۋېت ئىتتىپاقى مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئالېكسېي كوسىگىن بولمىغان ئىدى، ئۇ مەملىكەت ئىقتىسادىنىڭ ئەھۋالىنى بىلگەن ۋە يۇقىرى ئەخلاقلىق ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن ئافغانىستانغا ئەسكەر كىرگۈزۈشكە قەتئىي قارشى پىكىر كىلغان. ئەنە شۇ پەيتتىن باشلاپ ئۇ ۋە برېژنيېف ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلىرى ئوتتۇرىسىدا تولۇق ئۈزۈلۈش يۈز بەردى.» شۇنىڭ بىلەن سوۋېتنىڭ مەخسۇس ئورگانلىرى ئافغانىستاننىڭ شۇ چاغدىكى رەھبەرلىرىنى يوقىتىش ھەرىكەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كىرىشتى ۋە 25 - دېكابىر كۈنى سەھەردە دەسلەپكى سوۋېت قوشۇنلىرى چېگرىنى بۇزۇپ كىردى.

ۋ. رىلسكىي ئافغانىستانغا بېسىپ كىرىش ئوپېراتسىيىسىنى سوۋېتنىڭ ئەڭ داڭلىق مەخسۇس ئەترەتلىرىنىڭ، شۇنداقلا سوۋېت باش رازۋېتكا باشقارمىسنىڭ 530 ئادەمدىن، يەنى ئۆزبېك، تۈركمەن ۋە تاجىك مىللەتلىرىدىن تەركىب تاپقان 154 - مەخسۇس ئەترىتى، يەنى باشقىچە ئېيتقاندا «مۇسۇلمان باتاليونى» ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىدى.

ئافغانىستانغا مەخسۇس ھەربىي تەييارلىقتىن ئۆتكەن شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر جەڭچىلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، سوۋېت رەھبەرلىكى 70 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا، بولۇپمۇ رۇسىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھەربىي قىسىملاردا ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي بورچىنى ئۆتەۋاتقان 300دىن ئوشۇق ئۇيغۇرنى قازاقىستانغا يۆتكىگەن. ئۇلار ئالماتا ئەتراپىدىكى ھەربىي قىسىملاردا مەخسۇس تەييارلىق مەشىقلىرىدىن ئۆتكەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 1979 - يىل 25 - دېكابىردىن تا 1989 - يىل 15 - فېۋرالغىچە سوزۇلغان ئافغان ئۇرۇشىغا 620 مىڭغا يېقىن سوۋېت ئەسكىرى، شۇنىڭ ئىچىدە 22269 قازاقىستانلىق قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە قازاق، رۇس، ئۆزبېك، ئۇكرائىن، تاتار، ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ مىللەت ۋەكىللىرى بولغان. ئەمدى جەڭلەردە قۇربان بولغانلارنىڭ ۋە ئاغرىقتىن ۋاپات بولغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 15 مىڭدىن كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ 924 قازاقىستانلىقلاردۇر.

شۇ جەڭلەرگە قاتناشقانلارنىڭ بىرى، ئالماتا ۋىلايىتى ئىلى ناھىيىسىگە قاراشلىق قاپچاغاي مەخسۇس ھەربىي قىسمىدا بولغان ئىۋرايىم ئاۋامىسىموفتۇر. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە ئۆز ئەسلىمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.