9 - مايدا قازاقستاننىڭ بارلىق شەھەر ۋە يېزىلىرىدا ئۇلۇغ غالىبىيەتنىڭ 68 يىللىقى نىشانلاندى. بۇ غالىبىيەت ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرى يۈز بەرگەن سوۋېت - گېرمان ئۇرۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، قازاقىستان ئۇ دەۋىردە سوۋېت ئىتتىپاقى تەركىپىدىكى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ بىرى ئىدى.
مەزكۇر ئۇرۇشقا بارلىق ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەردىن ھەر خىل مىللەت ۋەكىللىرى سەپەرۋەر قىلىندى. كۈرەش ئالدىنقى سەپ ۋە ئارقا سەپ بولۇپ داۋام قىلدى. ئارقا سەپتىكىلەر جەڭچىلەرنى قورال - ياراق، ئوق - دورا، كىيىم - كېچەك، ئوزۇق - تۈلۈك بىلەن تەمىنلىدى. شۇڭلاشقا ئۇرۇش باشلىنىپ تا تاماملانغىچە ئۇنىڭ جاپاسىنى جەڭ مەيدانلىرىدىن يىراق جايلاشقان شەھەر ۋە يېزا ئاھالىسىمۇ تارتتى. تۆرت يىلغا سوزۇلغان مەزكۇر ئۇرۇش ئاقىۋىتىدە، كېيىنكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 27 مىليونغا يېقىن ئادەم قۇربان بولغان، ئۇلارنىڭ 8 مىليوندىن ئوشۇقى ھەربىيلەر.
ئۇرۇشتىن كېيىنكى يىللىرى سوۋېت خەلقى كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيىنىڭ كۈچلۈك تەسىرى ئاستىدا بولۇپ، بۇ ئۇرۇشقا بولغان بىر ئومۇمىي كۆز قاراشقا بېقىنىپ كەلدى. پەقەت سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن بىر قاتار مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەر ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى دەپ ئاتالغان سوۋېت - گېرمان ئۇرۇشىغا بولغان مەۋقەسىنى ئۆزگەرتتى. ئەمدى سابىق سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئىچىدىن ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان قازاقىستاندا بۇ ئۇرۇشقا بولغان كۆز قاراش تۈپ ئاساسىدىن ئۆزگەرگىنى يوق.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى يىللىرى ئۇيغۇرلارمۇ كۆپ زەرداپ چەكتى. سوۋېت - گېرمان ئۇرۇشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاندا قانات يايغان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى داۋامىدا مىڭلىغان ئۇيغۇرلار جەڭ مەيدانلىرىدا قۇربان بولدى، ئامما ئۇلارنىڭ ئېنىق سانى بۈگۈنكى كۈنگىچە نامەلۇم بولۇپ قالماقتا. ئازادلىق ۋە ئەركىنلىككە تەشنا ئۇيغۇر خەلقى بۇ مەزگىلدە پەقەت ئۆز يېرىنىلا ئەمەس، بەلكى باشقا خەلقلەرنىمۇ مۇستەملىكىچىلەردىن ئازاد قىلىش ئۇرۇشلىرىدا قەھرىمانلىقنىڭ ئۈلگىسىنى نامايىش قىلدى. ئامما ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تەقدىرى ھەر خىل يېشىلدى.
ھازىرقى كۈندە، بولۇپمۇ قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى مۇستەقىللىق، ئازادلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئەجداتلىرىنى خاتىرىلەشتە، ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈشتە كەڭ مۇمكىنچىلىكلەرگە ئىگە بولماقتا. ئومۇمەن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق كۈرىشىنى، ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇتقان ئورنىنى، دۇنيا مەدەنىيىتى تەرەققىياتىغا قوشقان ئۈلۈشىنى سىستېمىلىق ھالدا ۋە ئوبيېكتىپ تەتقىق قىلىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلماقتا.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى رابىك ئىسمايىلوف بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
0:00 / 0:00