سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى باش كونسۇلى ئاپرېسوف كىم؟

0:00 / 0:00


ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30 - 40 - يىللىرىدىكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىي ھاياتىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوينىغان رولىنىڭ نەقەدەر زور ئىكەنلىكى سىر ئەمەس.

سوۋېت ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ بۇ رايونىدىكى جۇغراپىيىۋىي سىياسەت، سودا - ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە باشقا ھەر تەرەپلەردىكى مەنپەئەتلىرىنى قوغداش شۇنىڭدەك مەزكۇر ھەر ساھە بويىچە كۆزلىگەن مەقسەتلىرىگە يېتىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ھەربىي، سىياسىي، دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ خىزمەتلىرىگە ئەھمىيەت بەرگەن ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1933 - ، 1937 - يىللىرى ئارىسىدا ئۈرۈمچىدە باش كونسۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان دىپلوماتىيە خادىمى گارېگىن ئاپرېسوفنىڭ ئىش پائالىيەتلىرىنىڭ، 20 - ئەسىر ئۇيغۇر ئېلى تارىخىدا، بولۇپمۇ، موسكۋانىڭ بۇ رايوننىڭ سىياسىي تەقدىرىنى ھەل قىلىشتا ئوينىغان رولى ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە. ئۇنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە خىتايدا كۆپ يېزىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ 1937 - يىلى موسكۋاغا كەتكەندىن كېيىنكى قىسمىتى ۋە تەرجىمىھالى مەۋھۇم ئىدى. يېقىندا ئۇنىڭ تەرجىمىھالى ھەققىدە رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى يېڭى ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلدى.

ئاپرېسوفنىڭ تولۇق ئىسمى گارېگىن ئابراموۋىچ ئاپرېسوف بولۇپ، مىللىتى ئەرمەن، ئۇ 1890 - يىلى، ئەزەربەيجاندا تۇغۇلغان. 1937 - يىلى ئۈرۈمچىدىن قايتقاندىن كېيىن قولغا ئېلىنىپ، 1941 - يىلى 8 - سېنتەبىر كۈنى گىتلېر قوشۇنلىرى يېتىپ كېلىشتىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئورلوۋسكىي تۈرمىسىدە ئۆلتۈرۈلگەن.