سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسى 1921 - يىلىدىن 1950 - يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي تەقدىرىگە ئائىت كۆپ قېتىملىق قارارلارنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، بۇ مەخپىي ھۆججەتلەر سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىنلا رۇس ئالىملىرى تەرىپىدىن بىرمۇ - بىر ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى.
يېقىندا رۇسىيە تارىخچىلىرىدىن بىرى ئەنە شۇنداق مەخپىي ئارخىپ ھۆججەتلىرىدىن بىرى، يەنى سوۋېت كومپارتىيىسىنىڭ 1931 - يىلىدىكى قۇمۇل قوزغىلىڭىدىن كېيىنكى سىياسىتىنى بەلگىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك مۇتلەق مەخپىي ھۆججەتنى ئاشكارىلىدى.
رۇسىيە تارىخشۇناسى ۋلادىمىر بۇخېرت يېقىندا موسكۋادا چىقىدىغان «شەرق ئارخىپى» ناملىق ئىلمىي ژۇرنالدا 1931 - يىلى، سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ قارىمىقىدىكى كوممۇنىستىك ئاكادېمىيەنىڭ جۇڭگو بويىچە ئىلمىي تەتقىقات قىلىش ئىنىستىتۇتىنىڭ رەھبەرلىكىنىڭ رۇسىيە بولشېۋىكلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىغا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن چېگرىداش رايونلىرىدىن قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋە تۇڭگانلار ئارىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش پىلانىنى يوللىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
1931 - يىلى، 2 - ئايدا قۇمۇلدا قوزغىلاڭ پارتلىغاندىن كېيىن، رۇسىيە بولشېۋىكلار پارتىيىسى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتى قارىمىقىدىكى كوممۇنىستىك ئاكادېمىيە تەركىپىدىكى جۇڭگو ئىلمىي - تەتقىقات ئىنستىتۇتى مەخسۇس «خىتايدىكى مىللىي مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى» قۇرغان بولۇپ، مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتنىڭ كۈنسايىن جىددىيلىشىشى نەتىجىسىدە مەزكۇر ئىنستىتۇت دىرېكتورى، مەشھۇر خىتايشۇناس ھەم جۇڭگو كومپارتىيىسىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىشلىرىغا بىۋاسىتە ئارىلاشقان پاۋېل ئالېكساندروۋىچ مىف ۋە مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ ئىلمىي ئىشلار سېكرېتارى م.ئا ئابرامسون تەرىپىدىن مەخسۇس «جۇڭگو ئىلمىي - تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ شىنجاڭ چېگراسىدا ئېكسپېدىتسىيە ئېلىپ بېرىش پىلانى» تۈزۈپ چىقىلىپ، يۇقىرىغا يوللاندى.
نەتىجىدە، 1931 - يىلى، 5 - ئىيۇل كۈنى كوممۇنىستىك ئاكادېمىيە رەھبەرلىك ھەيئىتى بۇ تەكشۈرۈش - تەتقىق قىلىش پىلانىنى ۋە مەزكۇر پائالىيەتكە قاتنىشىدىغان كىشىلەرنىڭ تىزىملىكىنى تەستىقلىدى.
70 يىلدىن ئارتۇق مۇتلەق مەخپىي ساقلانغان مەزكۇر ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر تەكشۈرۈشنىڭ مەقسىتى قوشنا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئېنىقلاشتىن ئىبارەت.
بۇ مۇتلەق مەخپىي ھۆججەتتە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئۈچۈن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈلۈپ، «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ، ئۇ يەردە ئىلمىي ئېكسپېدىتسىيە ( تەكشۈرۈش ) قىلىش نامى ئاستىدا، شۈبھىسىزكى، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى مۇداخىلىلەرنى تەييارلاش ۋەزىپىسىگە ئىگە رازۋېتكا گۇرۇھىنى تەشكىللەۋاتقان ئىنگلىزلار ۋە فرانسۇزلارنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە جەلپ قىلماقتا. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا شىنجاڭدىكى مىللىي مەسىلىنى تەتقىق قىلىش ھەرگىزمۇ تاشلاپ قويۇشقا بولمايدىغان ئاكتىۋال ۋەزىپىگە ئايلانماقتا. ئەمەلىيەت شۇكى، ئىنستىتۇت سىياسى سەۋەب تۈپەيلىدىن ھازىر بىۋاسىتە شىنجاڭ تېررىتورىيىسىدە ئېكسپېدىتسىيە ئۇيۇشتۇرۇش ئىمكانىيىتىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، ئۆزىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىدىكى پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرىنى شىنجاڭدىكى مىللىي مەسىلىنى تەتقىق قىلىشتا تولۇق پايدىلىنىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ» دەپ يېزىلغان.
بۇ ھۆججەتتە يەنە , ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان تەتقىقات پىلانلىرىنىڭ كونكرېت مەقسەتلىرى ۋە ۋەزىپىلىرى كۆرسىتىلگەن.
بىراق، رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئارخىپى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ قارىمىقىدىكى كوممۇنىستىك ئاكادېمىيىسىنىڭ ئارخىپخانىسىدىن بۇ پىلاننىڭ ئىجرا قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر تېپىلمىغان. لېكىن، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ 1932 - يىلى، جىن شۇرېننى قوللاش ۋە 1933 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا شېڭ شىسەينى قوللاپ، ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش قارارىنىڭ چىقىرىلىشى شۇنىڭدەك ما جوڭيىڭ باشلىق بىر قىسىم تۇڭگان كوماندىرلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېلىپ كېتىلىشى، ئۇيغۇرلاردىن خوجا نىياز ھاجىم قاتارلىقلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتىگە قاتنىشىش جەريانلىرىدىكى موسكۋانىڭ ئۇيغۇر - تۇڭگانلارغا قاراتقان ھەربىي - سىياسەتلىرىدىن قارىغاندا، مەزكۇر ئېكىسپېدىتسىيە ئېلىپ بېرىلغان ھەمدە تېگىشلىك يىپ ئۇچى ۋە ماتېرىياللارغا ئىگە بولغان دەپ قاراشقا بولىدۇ.
0:00 / 0:00