مەلۇمكى، يەتمىش يىل مابەينىدە ھۆكۈم سۈرگەن سوۋېت ھاكىمىيىتى سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ھەر بەش يىلدا ئۆز ھۆددىسىگە ئالغان مەجبۇرىيەتلەرنى ئورۇنلاشقا ئاھالىنىڭ بارلىق قاتلاملىرىنى سەپەرۋەر قىلاتتى.
بۇ جەھەتتە شەھەر بولسۇن ياكى يېزا بولسۇن، رەھبەرلەر ئالدىدا ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىش بىرىنچى ئورۇندا تۇراتتى ھەم بۇنى ئورۇنلىمىغان تەقدىردە تۈرلۈك جازالارنى قوللىنىش كۆزدە تۇتۇلاتتى. ئەلۋەتتە، بۇ قائىدىلەر ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ھازىرقى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف، ئۇيغۇر، ئەمگەكچىقازاق، تالغىر ۋە جامبۇل ناھىيىلىرىگىمۇ تارالغان ئىدى.
ئىگىلىشىمىزچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاھالىسى ئورۇنلاشقان، مەسىلەن، شۇ ۋاقىتتىكى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ چېلەك ناھىيىسىگە قاراشلىق يېزىلاردا تاماكا ئۆستۈرۈش ئىشلىرى كەڭ ئەۋج ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمى سەپەرۋەر قىلىنغان ئىدى. بۇنىڭغا شۇنداقلا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، بۇ شۇ ۋاقىتتىكى ھەر ناھىيە ۋە يېزىلارنىڭ رەھبەرلىرى، پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى تەرىپىدىن قاتتىق نازارەت قىلىناتتى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قاراتۇرۇق يېزىسىنىڭ تۇرغۇنى يۈسۈپجان يۈسۈپوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئائىلىسى 1962-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا تەۋەسىدىن چىققان بولۇپ، بۇ ياققا چىققاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئائىلىسى 12 بالىغىچە يەتكەن ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «دادام بۇغدايلىقتا سۇ تۇتۇپ ئىشلەتتى. بىزمۇ بوش ۋاقىتلاردا ئاتا-ئانىمىزغا ياردەم قىلاتتۇق. ئوقۇغۇچىلارنى ھۆكۈمەتكە ياردەم بەرسۇن دەپ 4-سىنىپتىن 10-سىنىپقىچە ئىككى ئاي تاماكىدا ئىشلىتەتتى. ئىككى ئاي مەكتەپنى توختىتىپ قوياتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن شەھەرلىكلەرنى، سولداتلارنى ئېلىپ كېلەتتى. تاماكا ئىشىدا كۆپ قىينىلاتتۇق.»
يېزىدا تاماكا ئىشى توختىتىلغاندىن بۇيان يۈسۈپجان ئاكا دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەنە شۇ قاراتۇرۇق يېزىسىدا تۇغۇلۇپ، ھازىر ئالماتا شەھىرىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان رەھىمجان يولداشېف ئۆزى ئوقۇغان 1970-يىللارنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ سوۋېت ھۆكۈمىتىنى، كوممۇنىستىك پارتىيەنى ھەر جەھەتتىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە ھەر تۈرلۈك سىياسىي پائالىيەتلەرنىڭ پات-پاتلا يۈرگۈزۈلۈپ تۇرغانلىقىنى ئەسلەپ، مۇنداق دېدى: «بىز ئۇ ۋاقىتلاردا ئۆكتەبرەت، پىئونېر ۋە كومسومول دېگەن ئاتاقلارنى خۇشاللىقتا كۆتۈرۈپ ماڭاتتۇق، بىراق ئۇلارنىڭ ئەسلى سىرلىرىنى ھەرگىز چۈشىنىپ كەتمەيتتۇق. شۇ ۋاقىتلاردا، مېنىڭ ھېلىمۇ ئېسىمدە، مەن بىرىنچى سىنىپتىن تارتىپ ئاپامغا ياردەم بېرەتتىم. ئۇ مۇشۇ يېزىنىڭ تاماكا برىگادىسىدا ئۇزۇن يىللار ئىشلەتتى. راستىنى ئېيتسام، بىز يازلىق ئۈچ ئايلىق تەتىلگە چىقساقمۇ، كۈنىمىز ئەنە شۇ ئاپىمىزغا ياردەم بېرىش بىلەن ئۆتەتتى. بىز شۇنداق تەربىيىلەنگەن ئىدۇق. ئېسىمدە، ھەر كۈنى سەھەرلىكى يەتتىدە بىزنى ئېتىزغا ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن مەخسۇس ماشىنا كېلەتتى. بىز دەسلەپتە ئەتىگەنلىكى سائەت سەككىزلەردىن باشلاپ، كەچ سائەت ئالتىلەرگىچە ۋاقىتنى ئېتىزدا تاماكىنى ئوتلاردىن تازىلاش بىلەن ئۆتكۈزەتتۇق. تاماكا كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرىنى يىغىشقا ۋە ئۇنى تىكىشكە كىرىشىپ كېتەتتۇق. دەسلەپتە ئۇنى يىڭنىلەر ئارقىلىق يىپقا ئۆتكۈزەتتۇق، كېيىنچىرەك بولسا، بۇنىڭغا مەخسۇس تاماكا تىكىدىغان ماشىنىلار چىقتى. ئىشىمىز بەزىدە كېچىسى سائەت ئىككى-ئۈچلەرگىچە سوزۇلاتتى. سەھەرلىكى يەنە شۇ سائەت يەتتىدە ماشىنا بىزنى ئۆيلىرىمىزدىن ئېلىپ كېتەتتى. يازلىق تەتىلىمىز مانا شۇنىڭ بىلەن ئۆتەتتى. ئەمدى سېنتەبىردە ئوقۇش باشلانغاندا ئوقۇساق بىر ھەپتە ئوقۇيتتۇق-دە، يەنە ئېتىزغا ھەيدىلەتتۇق. ئىككى ئاي ۋاقتىمىز ئېتىزدا شۇ تاماكا يىغىش بىلەن ئۆتەتتى. ھەر قايسىمىزغا پىلان بېرىلەتتى. بىز بەزىدە قىش ئايلىرىدىمۇ قۇرۇتۇلغان تاماكا يوپۇرماقلىرىنى سورتلارغا بۆلۈش بىلەن ئاۋارە بولاتتۇق. قۇرۇتۇلغان تاماكىنى ئۆيلىرىمىزگە ئېلىپ كېلىپ، ئۆيلىرىمىز ھەم ئۆزىمىز پۈتۈنلەي تاماكا پۇراپ كېتەتتۇق. ئۇ ۋاقىتلاردا شۇنداق ئىشلەتتۇق.»
قاراتۇرۇق يېزىسىدا قۇرۇلغان ئونغا يېقىن تاماكا بۆلۈملىرىنىڭ تەركىبىدە، بولۇپمۇ قىز-ئاياللار سانى كۆپ بولۇپ، ئۇلار، مەسىلەن، شۇ يېزا تۇرغۇنى خۇرشىدەم تېيىپوۋانىڭ ئېيتىشىچە، بىر تەرەپتىن، بالا تېپىپ تەربىيىلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئائىلە بېقىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىر قاتاردا يېزىنىڭ بارلىق ئېغىرچىلىقلىرىنى تارتقان ئىدى.
ئۇ ئەسلىمىلىرىنى مۇنداق دەپ بايان قىلدى:
«ئۇ ۋاقىتلاردا تاماكىدا ئىشلەيدىغانلارنىڭ ئاساسىي قىسمىنى ئاياللار تەشكىل قىلاتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كۆپ بالىلىق، ھەتتا ئون ياكى ئون ئىككى بالىلىق ئائىلىلەرمۇ بولاتتى. تاماكا ئىشىدا ئوغۇل بالا ياكى قىز بالا دەپ ئايرىمايتتى. ھەممىمىز ئوخشاشلا پىئونېر ياكى كومسومول ئىدۇق. ئەنە شۇ ئېتىزلاردا بىز، قىزلارمۇ، ئوغۇللاردىن ھېچ قېلىشماي ئىشلەتتۇق. مېنىڭ دادام ئۇزۇن يىللار تاماكا برىگادىرى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇنىڭ ۋاقتىنىڭ كۆپ قىسمى شۇ ئېتىزلاردا، تاماكا تىكىش سارايلىرىدا ئۆتەتتى. دادىمىزنى سەھەردە كۆرمىسەك، كېچىسى ئىشتىن كېيىن بىراقلا كۆرەتتۇق. ئەلۋەتتە، ئۇنى سېغىناتتۇق. ھازىر ئويلىسام، شۇ تاماكىنىڭ سالامەتلىككە قانچىلىك زىيىنى بولغاندۇ. ئۇنى بىز بىلمەيتتۇق. ئۇنى شۇ ۋاقىتلاردا ھۆكۈمەتمۇ تەكشۈرمەيتتى. ئىش قىلىپ، ھۆكۈمەتكە نورمىمىزنى تاپشۇرساقلا شۇنىڭغا خۇشال بولاتتۇق. كۈزلۈكى تاماكا پۈتكەندىن كېيىن، بىزنى ھەتتا يېزا خامىنىغا ئىشقا سالغان ۋاقىتلارمۇ بولدى. بىز كۆممىقوناقنى ئېتىزدا يىغىش ۋە خاماندا سورتلاش ئىشلىرىنىمۇ قىلاتتۇق.»