يېقىنى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەدە بولشېۋىكلەر، يەنى كوممۇنىستلار پارتىيىسى 1917-يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەنكىن كېيىن يۈرگۈزۈلگەن «قىزىل تېررور» ھەرىكىتىدە قازاقىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارمۇ قىرغىن قىلىنغان.
مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە سۆز ئېچىش سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى دەۋرىدە مۇمكىن بولمىغان بولسىمۇ، يېقىندىن بۇيان بۇ ھەقتە بەزى ئارخىپ ماتېرىياللىرىمۇ ئاممىغا ئېچىلغان.
مەلۇمكى، رۇسىيەدە 1917-يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن بولشېۋىكلەر، يەنى كوممۇنىستلار پارتىيىسى ئىنقىلاب دۈشمەنلىرى تىزىمىغا كىرگۈزۈلگەن بارلىق «سىنىپىي دۈشمەنلەر» گە قارشى «قىزىل تېررور» باستۇرۇش سىياسىتىنى ئېلىپ باردى.
مەلۇم بولۇشىچە، «قىزىل تېررور» سىياسىتى يەتتىسۇ تەۋەسىدىمۇ ئاممىۋى رەۋىشتە ئېلىپ بېرىلدى. ئۇنىڭ زەردابىنى ئۇيغۇرلارمۇ كۆپ تارتقان.
يازغۇچى، «ئاتۇ پاجىئەسى» نى تەتقىق قىلغۇچىلارنىڭ بىرى ئىسمايىلجان ئىمىنوف سوۋېت دەۋرىدە بۇ ھەقتە ئوچۇق يېزىش مۇمكىن بولمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «بالا ۋاقتىمدا ئاپامنىڭ يۇرتىغا بارغاندا مۇرايېف توغرىلىق ئاڭلىغان ئىدىم. چوڭ بوۋام نادىر قازى ئوبۇلوف، مۇرايېف باندىتلىرى كەلگەندە ئۆزىنىڭ يۇرتداشلىرىنى تاغقا ئېلىپ چىقىپ، ساقلاپ قالغان ئىكەن. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ بۇ ماۋزۇغا كۆپ قىزىقتىم. كۆپ ئوقۇدۇم. 1985-يىلدىن باشلاپ ھەر تۈرلۈك ماتېرىياللارنى بېسىشقا رۇخسەت قىلدى. 1991-يىلى قازاقىستاندىمۇ بېسىلدى. قازاق قېرىنداشلار شۇ ۋاقىتتا 1932-ۋە 1933-يىللاردىكى ئاچارچىلىق، ستالىن ۋاقتىدا تۇتۇلۇپ كەتكەن زىيالىيلار توغرىلىق كۆپ يازدى. شۇ ۋاقىتتا مەن ھەيران قالدىم. نېمىشقا بىز ئۇيغۇرلار، بۇ توغرىلىق يازمايمىز؟ راست، 90-يىللىرى ‹كوممۇنىزم تۇغى› ھازىرقى ‹ئۇيغۇر ئاۋازى› گېزىتىدە نۇرغۇن ماتېرىياللار چىقتى. كېيىن مۇستەقىل قازاقىستاندا پرېزىدېنت ئارخىپىدا يېڭى ماتېرىياللار ئېلان قىلىندى. بۇ ماتېرىياللارنى يىغىپ رۇس تىلىدا ماقالە يازدىم.»
ئى. ئىمىنوف مالىك كەبىروف، مالىك سادىروف، ئاسىم قاسىم، كوممۇنار تالىپوف، خەمىت ھەمرايېف ۋە باشقىمۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئاتۇ پاجىئەسى ھەققىدە بەزى ئەمگەكلەرنى ئېلان قىلغانلىقىنى، شۇنىڭغا ئوخشاش ماتېرىياللارنى ئۆگىنىپ، رۇس تىلىدا «ئاتۇ» ياكى يەتتىسۇدىكى قىزىل تېررور ھەققىدە ھەقىقەت» ناملىق چوڭ ماقالە يازغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ «قىزىل تېررور» ھەرىكىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلارنىڭ بىرى قىزىل ئەترەت كوماندىرى مۇرايېفنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشتىن ئىبارەت بولغانلىقىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە قىرغىن قىلىنغان ئۇيغۇرلار سانىنىڭ مۇشۇ كۈنگىچە نامەلۇم ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ: «ھەر بىر يېزىدا قانچە ئادەم قىرىلدى؟ مۇرايېف دېگەن كىم؟ نېمە ئۈچۈن ئۇ ئۇيغۇرلارنى قىردى؟ مۇرايېف، مەسىلەن، يېڭىشەھەردە 830 ئادەمنى، تاشتىقارىدا 750 ئادەمنى، قورامدا مىڭلىغان ئادەمنى، لاۋاردا 3 مىڭ ئۇيغۇرنى، كىيىكۋايدا مىڭ ئادەمنى، چوڭ ئاقسۇدا 200 ئادەمنى ئۆلتۈردى. مۇرايېفنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ئۇيغۇرلارغا قارشى بولغان. مۇرايېف قانچە ئادەمنى ئۆلتۈردى؟ قانچە ئادەم ئۆيلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى؟ ھازىر مۇنداق كۆپ سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئىنتايىن ئېغىر» دېدى.
سىياسەتشۇناس ق. غوجامبەردى بولشېۋىكلەر تەشكىللىگەن «قىزىل تېررور» نىڭ ئاساسەن چار رۇسىيەسى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ رەھبەرلىكىگە، بولشېۋىكلەر ئىدىيىسىگە قارشى تۇرغان بارلىق پارتىيەلەرگە، زىيالىيلارغا، ئىشچىلارغا، دېھقانلارغا ۋە باشقىلارغا قارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بىۋاسىتە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي خەلقلىرىگە كەلسەك، بۇ يەردە مىللىي مۇستەقىللىقنى ئىلگىرى سۈرگەن توپلارنى، گۇرۇھلارنى، مەسىلەن، قوقەند ئاپتونومىيىسىنى، ئالاش ئوردىسىنى، تارىختا ‹باسمىچىلار› دەپ نام ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇستەقىللىقنى نىشان قىلغان كۈچلەرنى يوق قىلىش. شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغىمۇ ناھايىتى دەھشەتلىك پاجىئە ئېلىپ كەلدى. بۇ تارىخقا ‹ئاتۇ پاجىئەسى› دەپ كىردى. كېيىنكى 30-يىللاردىكى تەقىبلەشلەرمۇ ‹قىزىل تېررور› نىڭ داۋامى.»
ئومۇمەن، سوۋېت ھاكىمىيىتى باشلىغان «قىزىل تېررور» سىياسىتى ئۇيغۇرلارغا قانچىلىك ئازاب-ئوقۇبەت ئېلىپ كەلدى؟ ھازىرقى خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى مۇشۇ «قىزىل تېررور» تەقىبلەش سىياسىتى بىلەن باغلاشتۇرۇشقا، سېلىشتۇرۇشقا بولامدۇ؟
بۇ جەھەتتە ق. غوجامبەردى كوممۇنىستىك تۈزۈملەرنىڭ ناھايىتى كۆپ ئوخشاشلىقىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئەينەن قىزىل تېررورنى ماۋ زېدۇڭ خىتاي كوممۇنىستلىرى تەختكە كەلمەي تۇرۇپ باشلاپ بەردى. بۇنىڭدا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىدىن ئايرىلدى دېسىمۇ بولىدۇ. جاڭ زېمىن دەۋرىدىن يېڭىۋاشتىن ‹يېڭى مۇستەملىكە سىياسىتى› باشلاندى. بۇ سىياسەت ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ‹دۆلەت تېررورلۇقى› نى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ. ئاساسەن بۇ 2001-يىلقى ‹نيۇ-يورك تېررورلۇق ۋەقەسى› دىن كېيىن، مەسىلەن، بۇنىڭ يارقىن مىسالى 2009-يىلقى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى، 2014-يىل يەكەن ئېلىشقۇ يېزىسىدىكى قىرغىنچىلىق، بۇلتۇرقى ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيىسىدىكى كۆمۈركان ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك تاغدا قېچىپ يۈرۈپ مۆكۈنگەنلەرنى دەھشەتلىك قورال ئوتچاچار بىلەن ھەممىسىنى يوق قىلىشى. «دۆلەت تېررورلۇقىنىڭ ماھىيىتى مانا مۇشۇ يەردە. مۇشۇ نۇقتىئىنەزەردىن، بۈگۈنكى كوممۇنىستىك خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى تۇتقان سىياسىتى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-ۋە 30-يىللىرىدىكى بولشېۋىك كوممۇنىستلىرىنىڭ تۇتقان سىياسىتى بىلەن ئوخشاش ۋە ئاھاڭداش دېسىمۇ بولىدۇ.»