ستالىننىڭ شېڭ شىسەينىڭ «سوۋېت جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇشىغا يول قويماسلىقىدىكى سەۋەب - ياپونىيە تەھدىتى (2 - )

0:00 / 0:00

سوۋېت ئىتتىپاقى 1933 - يىلى، 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئۈرۈمچىدە سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، جىن شۇرېن ھاكىمىيىتى يىقىتىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى تىكلەنگەندىن كېيىن، تاكى 1943 - يىلىغىچە بولغان 11 يىل جەريانىدا شېڭ شىسەي ھاكىمىيىتىنى قوللىدى.

ستالىن ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشىنى قوللىمايلا قالماستىن بەلكى يەنە شېڭ شىسەينىڭ كۆپ قېتىم ئۇيغۇر ئېلىدا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش تەلىپىنى رەت قىلدى.

سوۋېت ئارخىپلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ستالىننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىغە يول قويماسلىق ۋە شېڭ شىسەينىڭ «سوۋېت جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇشىنى قوللىماسلىق سىياسىتى بەلگىلىشىدىكى تۈپ سەۋەب خىتاي بىلەن بىرلىشىپ ياپونىيەگە قارشى تۇرۇش ھەمدە ياپونىيەنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ئىدى.

بۇ ھەقتە ستالىن بىلەن شېڭ شىسەي ئارىسىدا خەت ئالاقىلىرى بولغان. ستالىن قاتارلىق سوۋېت رەھبەرلىرى ۋە دىپلوماتلىرى شېڭ شىسەيگە خەت ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ نەنجىڭ ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدە «سوۋېت جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇش ۋە ياكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قوشۇلۇش ئىدىيىسىنى چەكلىگەن. شېڭ شىسەيمۇ ستالىنغا خەت ئەۋەتىپ، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ تەلىپىگە بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

موسكۋانىڭ بۇ قارارلىرى ئۇزۇن يىللار مەخپىي ساقلانغان بولۇپ، بىر قىسىم ھۆججەتلەر يېقىندا رۇسىيە ئالىملىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى.