سۇلتان جامال: تاشكەنتلىك ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ ئوقۇرمەنلىرى ئاساسەن قازاقىستاندا

0:00 / 0:00


ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىدىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۈتۈن ئەدەبىياتى شەكىللىنىپ، ئۇ 1917 - يىلى رۇسىيەدە يۈز بەرگەن ئۆكتەبىر ھاكىمىيەت بۇرۇلۇشىدىن كېيىن ئۇيغۇر سوۋېت ئەدەبىياتى دەپ ئاتالدى. ئۇ ئاساسىي جەھەتتىن قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە تەرەققىي ئەتتى.

90 - يىللارنىڭ باشلىرىغىچە، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلغانغا قەدەر ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىيىتى ئىدىيە، مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن بىر - بىرىدىن ئانچە پەرقلەنمىدى ھەم ئۇلار ئارىسىدىكى ئىجادىي ئالاقىلەرمۇ قويۇق بولدى. پەقەت مۇستەقىللىققە ئېرىشكەندىن كېيىن مەزكۇر جۇمھۇرىيەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئەدىپلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بارا - بارا سۇسلىشىشقا باشلىدى. بۇ، بىرىنچى نۆۋەتتە، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتكە باغلىق بولدى. ئامما شۇنىڭغا قارىماي، خەلقىنىڭ ئۆتمۈش تارىخىنى، ئۇنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرىنى، ھازىرقى ھاياتىنى تەسۋىرلەش ئەنئەنىسى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنى بىرىكتۈردى. بۇنىڭدىن تاشقىرى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار، ئۇيغۇر تىلىدا كىتاب نەشر قىلىش ۋە تارقىتىش مەسىلىسىدە يازغۇچىلار قوشنا مەملىكەتلەردىكى قېرىنداشلىرىنىڭ، قەلەمداشلىرىنىڭ قوللاپ - قۇۋۋەتلىشىگە مۇھتاج بولماقتا.

ئەنە شۇلارنىڭ بىرى، پەقەت ئۆزبېكىستاندىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا تونۇلغان يازغۇچىلارنىڭ بىرى سۇلتان جامالدۇر.

ئۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز ئىجادىيىتىنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشلىرى ۋە ئۆزبېكىستانلىق ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى.