«ئۇيغۇرلار ئۆز ئاتا مىراس تۇپراقلىرىدا ھۆر ياشىغۇسى» مانا بۇ «تال سېۋەت» ناملىق روماننىڭ مۇئەللىپى لاۋاللېي خانىمنىڭ كىتاب تارقىتىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇقتىنىڭ خاتىمىسى.
يازغۇچى جوساننې لاۋاللېي خانىمنىڭ «تال سېۋەت» ناملىق رومانى بۇ يىل مارتتا نەشردىن چىققان بولۇپ، 2-ئاپرېل نيۇ-يوركتا كىتابنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.
روماندا خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەشكە ئەۋەتىلىش خەۋپىدىكى بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرى تەسۋىرلەنگەن.
مۇراسىمغا قاتناشقان مېھمانلار ئۇيغۇرلار ھەققىدە شۇنداق بىر كىتاب يېزىلغانلىقىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.
مۇراسىم شۇ جاي ۋاقتى كەچقۇرۇن سائەت بەش يېرىمدا رەسمىي باشلانماقچى ئىدى. مۇراسىم ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىنا ئەتراپىغا كەلگىنىمدە زالنىڭ قەيەرگە جايلاشقانلىقىنى تاپمىقىم شۇنچە ئاسانغا توختىغان ئىدى. چۈنكى زال ئورۇنلاشقان بىناغا پۇزۇر كىيىنىشكەن خانىم-ئەپەندىلەر، يىگىت-قىزلار توپ-توپ بولۇشۇپ كىرىشىۋاتقان ئىكەن. مەنمۇ شۇلارغا تەبىئىي ھالدا ئەگەشتىم. راست دېگەندەك لىفت بىزنى دەل مۇراسىم ئورۇنلاشتۇرۇلغان قەۋەتكىلا ئېلىپ چىقىپ توختىدى.
كىتاب تارقىتىش مۇراسىمى نيۇ-يورك مانخاتتان رايونىنىڭ ئاۋات كوچىلىرىدىكى بىر زالغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، مۇراسىمنى مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا، كىچىك تىپتىكى ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى، دەپ ئاتاشقىمۇ بولاتتى. چۈنكى مۇراسىم زالىغا كىرگىنىڭىزدە، ئالدى ئىشىككە ئۇدۇل قىلىپ تىزىلغان ئۇيغۇر راۋابى، بىر قىسىم ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئادەتلىرى تەسۋىرلەنگەن بەدىئىي سۈرەتلەر كۆزگە ئالاھىدە چېلىقاتتى. مۇراسىم دەل ۋاقتىدا باشلاندى.
مۇراسىمدا سۆزگە چىققان لاۋاللېي خانىممۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى ۋە جۇغراپىيىلىك ئورنى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بىلەن سۆزىنى باشلىدى. ئاپتورنىڭ ئېچىلىش نۇتقىدىكى مەلۇماتلار كىتابىڭ يېزىلىش جەريانى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، بۇ يەردە نۇتۇقنىڭ مۇھىم قىسىملىرىنى تەپسىلىي ئاڭلىتىشنى لايىق تاپتۇق.
لاۋاللېي خانىم مۇنداق دېدى: سورۇنىمىزغا قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىڭلارغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت. «تال سېۋەت» ھەققىدە مەندىن ئەڭ كۆپ سورالغان سوئاللارنىڭ بىرى-مېنىڭ قانداقسىگە ۋە نېمە ۋەجىدىن خىتاينىڭ غەربىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە كىتاب يېزىش خىيالىغا كېلىپ قالغانلىقىم بولدى. بۇنىڭ ھەممىسى مېنىڭ بىر نەچچە يىل ئىلگىرى «دۇنيا ئاخباراتچىلىرى ساياھەت ئۆمىكى» بىلەن شۇ رايونغا قاراتقان زىيارىتىمدىن باشلىغان ئىدى.
بىز كىچىك بىر گۇرۇپپا ساياھەتچىلەر ئىدۇق. بىز ۋاقتىمىزنىڭ كۆپ قىسمىنى خوتەندە ئۆتكۈزدۇق. خوتەن، بۇ رايوننى 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى بېسىۋالغاندىن كېيىنكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئەڭ ساپ ساقلىنىپ قالغان رايونلارنىڭ بىرى ئىدى. بىز قەشقەرگە بېرىشقا تەمشىلىۋاتقىنىمىزدا دائىرىلەر بىزنى قەشقەردە ئاتالمىش «مۇقىمسىزلىق» ھادىسىسى كۆرۈلگەنلىكى ئۈچۈن بارماسلىققا دەۋەت قىلدى. ئەگەر، خوتەندە يەنە بىر مەزگىل تۇرۇپ قېلىشقا مەجبۇر بولمىغان بولسام، بۇ كىتابمۇ يېزىلمىغان بولار ئىدى.
بىز ئۇيغۇر ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ باشلىشى بىلەن خوتەننىڭ يېزىلىرىغا، يېزا تۇرمۇشىغا تېخىمۇ چوڭقۇر چۆكۈشكە، چەت يېزىلاردىكى ھۈنەرۋەن-كاسىپلارنى، يېزا بازارلىرىنى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولدۇق.
دەل شۇ يېزىلارنىڭ بىرىدە بىز بىر ياشانغان سېۋەتچىنى ئۇچراتتۇق. بۇ ئۆيدىكى كىچىك قىز كىتابىمدىكى باش قەھرىمان مېھرىگۈلگە ئايلاندى. مەن بۇ ئائىلىنىڭ كەچمىشلىرىنى ھېكايە قىلىشقا بۆلىدىغان-بولمايدىغانلىقى بىلىش ئۈچۈن ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ئامېرىكا جەمئىيىتىگە باردىم ۋە ھېنرىي شاجەفىسكى بىلەن ئۇچراشتىم. ئۇمۇ بۈگۈن سورۇنىمىزغا كەلدى. ئۇ مېنى بۇ كىتابنى چوقۇم پۈتتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈردى. رەھمەت ھېنرىي!... ئۇلارنىڭ قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلىرى بىلەن كىتابىم تامام بولدى.
ئاپتور نۇتقىدا يەنە، كىتابنى نەشر قىلىشقا ياردەم بەرگەن ئورۇن ۋە شەخسلەرگە بىرمۇ-بىر رەھمەت ئېيتتى ۋە نۇتقىنى مۇنداق ئاياغلاشتۇردى: كىتابىم ئۇيغۇر خەلقىگە ۋە ئۇلارنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيان ياشاپ كەلگەن ئانا زېمىنىدا ھامان بىر كۈنى ھور ياشاش ئىرادىسىگە بېغىشلاندى.
ئۇ ئاخىرىدا كىتابىدىن ئارىيە ئوقۇدى. بۇ، مۇراسىم ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
لاۋاللېي خانىم يەنە، كىتابىنى روياپقا چىقىرىشقا ھەمدەمدە بولغان ئورۇن ۋە شەخسلەرگە ئەتلەس شارپا تەقدىم قىلدى. شارپىلار ئېچىلىپ، خوتەن خان ئەتلىسىنىڭ جەزىبىدارلىقى نامايان قىلىنغىنىدا مۇراسىم ئەھلى، «پاھ! نەقەدەر گۈزەل ھە!»، «نېمىدېگەن چىرايلىق» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر بىلەن ئۆز ھاياجانلىرىنى يوشۇرالماي قېلىشتى.
مۇراسىم ئاخىرىدا بىر قىسىم كىشىلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ كىتاب ۋە مۇراسىم ھەققىدىكى قاراشلىقىنى ئىگىلىدۇق. نيۇ-يوركلۇق مەرىي خانىم مۇنداق دېدى: بۇنداق بىر كىتابنىڭ يېزىلىشى كارامەت ئىش بولدى. مېنىڭچە بۇ رايون ۋە بۇ خەلق ھەققىدە ئەدەبىي ئەسەرلەر كۆپ ئەمەس. مەن بۇ كىتابنى دەرھال ئوقۇماقچى.
نيۇ-يوركلۇق يازغۇچى ئادامسون خانىم مۇنداق دېدى: بۇ كىتابنى ئوقۇشقا شۇنداق ئالدىراۋاتىمەن. چوقۇم ئوقۇيمەن. بۈگۈن ئۆيگە قايتىدىغان پويىزدىلا ئوقۇماقچىمەن. ئۇ، بىر ئېسىل يازغۇچى. بۇ بىر مۇھىم تېما، بۇ تېمىدا شۇنداق بىر كىتابنىڭ يېزىلىشى ئامېرىكىدىكى ياش كىتابخانلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.
ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىدىكى ئالىي تەتقىقاتچى ھېنرىي شاجەفىسكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە شۇنداق بىر كىتابنىڭ يېزىلىشى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى كۆرسىتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ بىر چوڭ تۆھپە. چۈنكى، ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھازىرغىچە يېزىلغان بەدىئىي ئەسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە ئۇيغۇرلار «تېررورچى»، «بۇزغۇچى» سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىپ كەلدى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتى ئۇ جاسۇسلۇق رومانلىرىدا تەسۋىرلەنگەنلەردىن تولىمۇ مۇرەككەپ ۋە مول. بۇ رومان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ گۈزەللىكىنى مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ ۋە ئۇيغۇر ياشلىرى يولۇقۇۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى تەسۋىرلەيدۇ.
مۇراسىمغا قاتناشقان نيۇ-يوركلۇق ئۇيغۇر ياش قۇدرەت ئۆز تەسىراتىنى ئىپادىلىدى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى باش تېما قىلغان كىتابلارنىڭ كۆپرەك يېزىلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كەچ سائەت يەتتە يېرىمدە تاماملاش پىلانلانغان مۇراسىم كەچ سائەت توققۇز يېرىمغىچە داۋام قىلدى.
ئاخىرىدا يازغۇچى بىلەن مەزكۇر رومان ۋە روماندىكى ۋەقەلىكلەر ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە مۇۋەپپەق بولدۇق. بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى كېلەر قېتىمقى پروگراممىمىزدا ئاڭلىتىمىز.