«تال سېۋەت»-يېزىلاردىكى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ھايات كارتىنىسى (1)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2015-11-17
Share

ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى يېزا تۇرمۇشى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان ئەدەبىي ئەسەرلەر خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلىسىمۇ، چەتئەللىك يازغۇچىلارنىڭ بۇ ساھەگە مەنسۇپ ئەمگەكلىرى ئانچە كۆپ ئەمەس. ئامېرىكىلىق يازغۇچى جوساننا لاۋاللېينىڭ تۇنجى رومانى بولغان «تال سېۋەت» ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ، جۈملىدىن خوتەن يېزىلىرىدىكى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ھازىرقى ھايات سەرگۈزەشتىسىنى تەسۋىرلەشكە بېغىشلانغان ئەدەبىي ئەسەرلەردىن بىرىدۇر.

ئامېرىكىدىكى كۆپ سانلىق ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنىڭ كىتابلار مۇندەرىجىسىدىن مەزكۇر رومانغا ئائىت ئۇچۇرلارنى تېپىش مۇمكىن. ئۇلاردا مۇنداق تونۇشتۇرۇش خاراكتېرىدىكى مەزمۇنلار كۆزگە چېلىقىدۇ: «بۇ كىتاب توققۇز ياشتىن چوڭ بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا مۇۋاپىق. بۇ روماندا خىتاينىڭ غەربىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگىمۇ نامەلۇم بولغان كەلگۈسى ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرى تەسۋىرلىنىدۇ.» ئامېرىكىدىكى مائارىپ ۋە بالىلار تەربىيىسى ئورگانلىرىنىڭ ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن تاللانغان ئوقۇشلۇق ماتېرىياللىرىنىڭ ئىسىملىكىدە كۆپىنچە «تال سېۋەت» رومانى تىلغا ئېلىنىدۇ ھەمدە مۇنداق مەزمۇندىكى تونۇشتۇرۇش بېرىلىدۇ: «بۇ ناھايىتى گۈزەل بىر ئەدەبىي تىلدا يېزىلغان قىزىقارلىق رومان. بۇ رومان ئۆز ئوقۇرمەنلىرىنى ‹تەرەققىيات› دېگەن نام ئاستىدا ئۆزلىرىنىڭ ئەسىرلەر بويى داۋام قىلغان ئەنئەنىسىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقان بىر خەلق ھەققىدىكى مۇھاكىمىگە، شۇنداقلا مۇشۇ خەلقنىڭ ھازىرقى مۈشكۈلاتى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارغا ئىلھاملاندۇرىدۇ.»

روماننىڭ يېزىلىش سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالغاندا، ئاپتور جوساننا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ساياھىتى جەريانىدا كۆپلىگەن جايلارغا بارغانلىقىنى، شۇ قاتاردا خوتەن بوستانلىقىدىكى ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ، شۇنداقلا ئاشۇ نامرات يېزىلاردا سەھراغا خاس ساددىلىقى ۋە تەبىئىي گۈزەللىكىنى يوقاتماي ياشاۋاتقان قانائەتچان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ رېئال تۇرمۇشىدىن ئىلھاملىنىپ مەزكۇر روماننى يېزىپ چىققانلىقىنى ئېيتىدۇ.

ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«بىز بىر ساياھەت ئۆمىكى بولۇپ خىتايغا ساياھەتكە ماڭغاندا ئۆزۈمنىڭ مۇشۇنداق بىر رومان يېزىپ قالىدىغانلىقىمنى زادىلا ئويلىمىغان ئىدىم. ساياھەت جەريانىدا خوتەندە بىرنەچچە ھەپتە تۇرۇپ قالدۇق. شۇ چاغدا پەقەتلا ئېسىمدىن چىقمايدىغان بىر ئىش يۈز بەردى: خوتەننىڭ تولىمۇ چەت ۋە نامرات بىر يېزىسىدىكى بىر ئۇيغۇر بوۋاينىڭ ئۆيى ئالدىدا ئۇنىڭ سۆگەت تاللىرىدىن ئەپچىللىك بىلەن سېۋەت توقۇۋاتقانلىقىنى تاماشا قىلىۋاتقانىدۇق. ماڭىدىغان ۋاقتىمىزدا ئۇنىڭ كىچىككىنە نەۋرە قىزى باغدىن بىزگە (ھەقسىز) شاپتۇل ئۈزۈپ چىقىپتۇ. مەن ئالغان شاپتۇل نېمىشقىدۇر ئۇ قىزغا ياقمىدى ۋە قولۇمدىكى شاپتۇلنى ئېلىۋېتىپ باشقا بىرنى تەڭلىدى. مەن ئۇيغۇرچە بىلمىگەچكە ئۇ قىز بىلەن پەقەت ئىما-ئىشارەت ئارقىلىق سۆزلەشكەن بولدۇق. كېيىن ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىپ باقتىم. شۇ چاغدا، ئاڭلىسام ئاشۇ قىز دېمەتلىك نۇرغۇن ئۇيغۇر قىزلىرى مەجبۇرىي يوسۇندا ئۆيلىرىدىن ئايرىلىپ، خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى زاۋۇتلارغا ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ ۋەقەلىكنى يېزىش ئارقىلىق ئاشۇ قىزلارنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ھېكايە قىلىش قارارىغا كەلدىم.»

ئاپتور كىتابىنىڭ بىرىنچى بېتىنى مۇنداق قۇرلار بىلەن باشلايدۇ: «بۇ روماننى ئۆز تىلىنى، مەدەنىيىتىنى، دىنىي ئېتىقادىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، شۇنداقلا ئۆز ۋەتىنىدە ھۆر ياشاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلىرىغا بېغىشلايمەن.»

روماندىكى باش قەھرىمان مېھرىگۈل-ئاپتور خوتەن يېزىلىرىنىڭ بىرىدە ئۇچراتقان ئاشۇ ئۇيغۇر بوۋاينىڭ نەۋرىسى بولۇپ، رومان ۋەقەلىكى باشلانغان مەزگىلدە ئەمدىلا ئون تۆت ياشقا كىرگەن بۇ قىزنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن مەكتەپتىن توختاپ قالغىنىغا بىرنەچچە ئاي بولۇپ قالغان ئىدى.

روماندا تەسۋىرلىنىشىچە، ئۇنىڭ دادىسى تۇرمۇشنىڭ قاتتىقلىقىدىن ئۆز خۇشاللىقىنى ھاراقتىن ۋە قىماردىن تېپىشقا ئادەتلىنىپ قالغان بىر غېرىب دېھقان. مېھرىگۈلنىڭ بىر تۇغقان ئاكىسى، يەنى ئائىلىدىكى ئاساسلىق ئەمگەك كۈچى بولغان مۇھەممەد ئاللىقاچان ھۆكۈمەتنىڭ قارا تىزىملىكىگە چۈشكەن، شۇڭا ھەرقاچان ئۇنىڭ ئارقىسىدا ئادەم بار. چۈنكى مۇھەممەد مىللىي بۆلگۈنچى، شۇنداقلا «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز دۆلىتى بولۇشى لازىم، بۇ دۆلەتتە ئۇيغۇرلار ئۆز تىلىدا سۆزلەپ، ئۆزىگە خاس رەۋىشتە ھۆر ۋە ئازاد ياشىشى لازىم» دېگەن چۈشەنچىگە چوڭقۇر ئىخلاسى بار دېھقان يىگىتى. مۇھەممەدنىڭ قارىشىچە، ئۇلارنىڭ ۋەتىنىنىڭ ئەسلى نامى «شەرقىي تۈركىستان» بولۇپ، مۇھەممەد مۇشۇ دۆلەتنى قايتا قۇرۇپ چىقىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇ خىتايلار ھەققىدىكى يامان سۆزلەرنى دەپ ئاۋارىچىلىككە ئۇچراپ باقمىغان، ئۇنىڭچە بۇنداق سۆزلەرنى پەقەت ناتوغرا كىشىلەر ئالدىدا دەپ سالمىسىلا چاتاق چىقمايدۇ. مۇھەممەد ئۆز تەجرىبىسىگە ئاساسەن سىڭلىسى مېھرىگۈلگە جاسۇسلاردىن ھېزى بولۇشنى تاپىلايدۇ. شۇڭا مېھرىگۈلنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە بۇ يېزا بازىرىدا خىتاي جاسۇس يوق، چۈنكى بۇ يېزا بازىرىغا خىتايلار كەلمەيدۇ. جاسۇسلار دائىم ئۆز ئۇيغۇرلىرىدىن چىقىدۇ ۋە ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نېمىلەرنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى خىتايلارغا مەلۇم قىلىپ مۇكاپات ئالىدۇ. ئەنە شۇ چۈشەنچىدىكى مېھرىگۈل ئاكىسى ئۈچۈن ئەتراپقا كۆز-قۇلاق بولۇپ تۇرۇۋاتقاندا ئۇنىڭ سېتىش ئۈچۈن بازارغا ئەكىرگەن، ئۈزۈم تاللىرىدىن توقۇلغان سېۋىتىگە بىر خېرىدار چىقىدۇ. بۇ خېرىدار بۇ يېزىدا كەمدىن كەم كۆرۈلىدىغان بىر چەتئەللىك ئايال بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىنىڭ سان فرانسىسكو شەھىرىدىن خوتەنگە ساياھەتكە كەلگەن. ئۇ مېھرىگۈل توقۇغان تال سېۋەتنىڭ ناھايىتى نەپىس توقۇلغانلىقىنى بايقاپ، بۇ سېۋەتنى يۈز كويغا سېتىۋالىدۇ. بۇ مېھرىگۈل ھاياتىدا كۆرۈپ باقمىغان پۇل بولغاچقا دەماللىققا بۇنىڭغا ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. ئەمما چېيزىن خانىم ئىسىملىك بۇ ئايال ئۆزى قەشقەرگە بېرىپ يېنىپ كەلگۈچە بولغان ئۈچ ھەپتە ئىچىدە ئۇنىڭدىن قانچىلىك توقۇيالىسا شۇنچىلىك توقۇپ بېرىشنى سورايدۇ. بوۋىسىنىڭ سېۋەتچىلىك ھۈنىرىنى ياخشى ئۆگەنگەن مېھرىگۈل بۇنىڭغا ماقۇل بولىدۇ. ئەنە شۇ يوسۇندا ئامېرىكىلىق چېيزىن خانىم بىلەن ئۇيغۇر قىزى مېھرىگۈلنىڭ دوستلۇقى باشلىنىدۇ.

ھالبۇكى، ئامېرىكىلىق ساياھەتچى خانىم قايتىپ كەلگۈچە يېتەرلىك تال سېۋەت توقۇشقا تەرەددۈتلەنگەن مېھرىگۈلنىڭ ئالدىدا بىرقاتار مۈشكۈلاتلار ئۇنى كۈتۈپ تۇرىدۇ؛ ئۇنىڭ ھاراققا بېرىلگەن دادىسى «قىز بالا سېۋەت ساتسا بولمايدۇ، بۇ دېگەن ئەرلەر قىلىدىغان ئىش» دەپ مېھرىگۈلنى سېۋەت توقۇشتىن توسىدۇ، تىنچ شەكىلدىكى نامايىشقا قاتنىشىپ «گۇناھكار» بولۇپ قالغان ئاكىسى مۇھەممەد ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن باشقا يەرگە قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ، تەنھالىق ۋە ئۈمىدسىزلىك ئون تۆت ياشلىق مېھرىگۈلنى ئاخىرى دادىسىغا بىلىندۈرمەستىن يوشۇرۇنچە سېۋەت توقۇشقا ئۈندەيدۇ، توختاۋسىز سېۋەت توقۇشتىن ئۇنىڭ بارماقلىرى قاناپ كېتىدۇ، ئەمما ئۇ بۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇ مۇشۇ ئارقىلىق ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىنىڭ ھەل بولۇشىغا ياردەم بېرەلەيدۇ. ئۇ شۇ چاغدىلا مەكتەپكە قايتىپ بارالايدۇ، ئائىلىسىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا قارىشىش ئۈچۈن مەكتەپتىن قالىدىغان ئىشنى قىلمايدۇ. مۇشۇ ئۈمىد مېھرىگۈلگە ھەر دائىم تۈرتكە بولىدۇ، يەنە بۇنىڭغا ئۇنىڭ ئوماق سىڭلىسى لەيلى زور تەسەللى بولىدۇ.

لەيلى خىتايچە مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بولۇپ، بەزىدە ئۆيدىمۇ بىلىپ-بىلمەي خىتايچە سۆزلەپ قويىدۇ. ئەمما مېھرىگۈل خالى قالغاندا لەيلىنى ئارقا ھويلىغا تارتىپ، ئۇنىڭغا خىتايچە بىر سۆزمۇ بىلمەيدىغان ئاتا-ئانىسى ۋە بوۋىسىنىڭ ئالدىدا بۇ «مەخپىي تىل» نى ئىشلىتىش قىزىقچىلىق بولغان بىلەن، بالىلارنىڭ بۇ يات تىلدا سۆزلەشكىنىنى ئاڭلىغاندا چوڭلارنىڭ خاپا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. چۈنكى بۇ ھادىسە ئاپتورنىڭ تەسۋىرىچە بولغاندا ھاياتنىڭ قانچىلىك ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى چوڭلارنىڭ يادىغا سالىدۇ. مېھرىگۈل ئاكىسى مۇھەممەدتىن ئاڭلىۋالغانلىرى بويىچە سىڭلىسى لەيلىگە بۇ يەرنىڭ ئەسلى ئىسمىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان» ئىكەنلىكىنى، بۇ يەردە ئاساسەن ئۇيغۇرلارنىڭ ياشىغانلىقىنى، ئەمما ھازىر خىتايلارنىڭ «بۇ يەر بىزنىڭ» دەۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئەمما گۆدەك لەيلى بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەيدۇ. ئەكسىچە ئۇ ھەدىسىدىن «نېمە ئۈچۈن خىتايلار ئاشۇنداق ئەسكىلىك قىلىدۇ؟» دەپ سورىغاندا مېھرىگۈل باشقىلارغا قەتئىي ئېيتىپ قويماسلىقنى جېكىلەپ لەيلىگە: «خىتايلار بىزنىڭ بۇ يەردە ياشىشىمىزنى خالىمايدۇ. بىز ئۇلارنىڭ تىلىدا سۆزلىمەيمىز، ئۇلاردەك ياشىمايمىز» دەيدۇ، ئەمما بۇ خىلدىكى ئابستراكت سۆزلەرنى كىچىك لەيلى يەنىلا چۈشەنمەيدۇ. ئاپتورنىڭ تەسۋىرىدە گەرچە بۇ ئارقىلىق لەيلى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشىغان ئۇيغۇر قىزلىرى ۋەكىللىك قىلىۋاتقان بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش ئەنئەنىسىنى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىپ قويۇۋاتسىمۇ، ئۇلار يەنىلا «خىتايچىنى ياخشى بىلىش-كەلگۈسىدە ياخشى خىزمەت تېپىشتا ئىنتايىن مۇھىم» دېگەن چۈشەنچە بويىچە ياشايدۇ.

ئاپتور بۇ ئەھۋال ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەمەلىيەتتە بىراۋنىڭ ئاساسلىق ئالاقە قورالى شەكلىدە قوللىنىۋاتقان تىلىنى بىكار قىلىش ماڭا بىر تۈرلۈك زوراۋانلىق بولۇپ تۇيۇلدى. شۇنداق، ئۇلار خىتايچە ئۆگىنىشنى مەجبۇرىي يوسۇندا يولغا قويدى، ياشلار بولسا بۇنى ئۆگىنىشكە باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مىڭ يىللاپ داۋام قىلىپ كەلگەن تۇرمۇش ئەنئەنىسىدىن مەھرۇم قېلىشقا باشلىدى. بۇ ئەلۋەتتە ياخشى ئىش ئەمەس، شۇڭا ماڭا بۇ بىر تۈرلۈك زوراۋانلىق بولۇپ تۇيۇلدى.»

ئاپتورنىڭ ئېيتىشىچە، رومان يېزىلىۋاتقان ئاشۇ ۋاقىتلاردا «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» نامىدىكى مائارىپ ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھەممىلا جايىدا جىددىي يولغا قويۇلۇۋاتقان بولۇپ، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنى توسقۇدەك ئىقتىدار يوق ئىكەن. شۇڭا ئۇ تېز سۈرئەتتە كېڭەيگەن ۋە كېيىنكى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئاساسلىق تىلى بولۇشقا يۈزلەنگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت