ئالمۇتادا خەلقئارا ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتلىرى يورۇق كۆردى

0:00 / 0:00

«مىر» نەشرىيات ئۆيى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان مەزكۇر ماقالىلەر توپلىمىنى 2016-يىلى 23-ۋە 26-ئۆكتەبىر كۈنلىرى رۇسىيە پايتەختى موسكۋا يېنىدىكى زۋېنىگورود شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ماقالىلىرى تەشكىل قىلغان. مەزكۇر ئەمگەك رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى، رۇسىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ مىللىي-مەدەنىيەت بىرلەشمىسى ۋە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ر. سۇلايمانوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قارمىقىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ ھەمكارلىقىدا نەشر قىلىندى. ئومۇمىي ھەجمى 356 بەتنى تەشكىل قىلغان بۇ توپلامدىن ئورۇن ئالغان ماقالىلەر رۇس ۋە ئىنگلىز تىللىرىدا بېرىلگەن. ماقالىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ مەنبەشۇناسلىق، تارىخ، مەدەنىيەت، تىل، ئەدەبىيات ۋە ھازىرقى ئىجتىمائىي مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ر. سۇلايمانوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئابلەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر توپلام ئەنە شۇ 2016-يىلى رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇلغان دوكلاتلار ئاساسىدا تۈزۈلگەن ئىكەن. ئابلەت كامالوف ئۇيغۇرشۇناسلىق مەسىلىلىرىگە بېغىشلانغان مۇنداق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئەنئەنىسىنىڭ ئەينى ۋاقىتلاردا سوۋېت تۈركولوگىيە ئالىملىرى تەرىپىدىن قېلىپلاشقانلىقىنى، بىر مۇنچە سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئىلمىي مەركەزلىرىدە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىرىنچى نۆۋەتلىك ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 1979-يىلى قازاقىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئالمۇتادا ئۆتكەن ئىدى. شۇ ۋاقىتتا قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تەركىبىدە ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمى مەۋجۇت ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئۆتكەن ئەنە شۇ يىغىنغا غوجائەخمەت سەدۋاقاسوف، تۇغلۇقجان تالىپوف، مالىك كېبىروف، ساۋۇت موللاۋۇدوف، گېگىل ئىسھاقوف، شېرىۋاخۇن باراتوف، باتۇر ئەرشىدىنوف، ماھىنۇر ئەلىيېۋا قاتارلىق بىزنىڭ ئاتاقلىق ئالىملىرىمىز قاتناشقان. ئەمدى ئىككىنچى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 1991-يىلى يەنە شۇ ئالمۇتادا تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ ۋاقىتتا قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئىشلەۋاتاتتى. 1986-يىلى ئېچىلغان بۇ ئىنستىتۇتنى ئاكادېمىك غوجائەخمەت سەدۋاقاسوف باشقۇرۇۋاتاتتى. شۇ چاغلاردا ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنى ئۆزىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتاتتى، دەپ ئېيتسام خاتالاشقان بولمايمەن.»

ئابلەت كامالوفنىڭ دېيىشىچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن كېيىن ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈش توختاپ قالغان. مۇنداق بولۇشىغا مەملىكەت ئىچىدە يۈز بەرگەن بىر قاتار ئۆزگىرىشلەر سەۋەب بولغان. ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن كېيىن، يەنى 1991-يىلدىن كېيىن، سىياسىي ئۆزگىرىشلەر ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن كۆپلىگەن ئىلمىي دەرگاھلار قىسقىراپ، بەزىلىرى ھەتتا يېپىلىپمۇ كەتكەن ئىدى. شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىمۇ قىسقىراپ، 1996-يىلى ئۇ شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قارمىقىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى بولۇپ قايتا تەشكىللەندى. ئۇزاق ئۈزۈلۈشتىن كېيىن، پەقەت 2014-يىلى ئامېرىكىنىڭ جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى يېنىدىكى مەركىزىي ئاسىيا تەتقىقات پروگراممىسىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ۋاشىنگتوندا بىرىنچى، ئاندىن 2015-يىلى پارىژ ۋە بريۇسېلدا ئىككىنچى خەلقئارا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ئۆتتى.»

ئىگىلىشىمىزچە، رۇسىيەدە ئۆتكەن ئۈچىنچى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا 60 تىن ئوشۇق ئادەم قاتناشقان بولۇپ، ئالىملار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى، ئارخېئولوگىيەسى، تىل ۋە ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئىقتىسادى بويىچە دوكلاتلار قىلغان. مەزكۇر توپلامدىن 24 نەپەر ئالىمنىڭ ماقالىلىرى ئورۇن ئالغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە، مەسىلەن، ۋالېرىي بارمىننىڭ «شىنجاڭ يەرلىك خەلقلىرىنىڭ قوزغىلاڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ 1944-ۋە 1949-يىللاردىكى سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە بولغان تەسىرىنىڭ خاراكتېرى ۋە دەرىجىسى ھەققىدە»، دىمىترىي ۋاسىليېفنىڭ «توۋانىڭ تورې-خول كۆلىدىكى قەدىمىي ئۇيغۇر قەلئەسىنىڭ شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتلار ئوچېركى»، ئالېكساندىر قادىربايېفنىڭ «تۇرپان ئۇيغۇر خانلىقى-چىڭگىزخان ئىمپېرىيەسىنىڭ بەشىنچى ئۆلكىسى»، ۋادىم ئوبۇخوفنىڭ «شىنجاڭ ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتوم لايىھىسى» قاتارلىق ماقالىلىرى بىلەن تونۇشۇشقا بولىدۇ.

مۇختەر ئەۋەزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ھەمرايېفنىڭ پىكرىچە، مەزكۇر كىتابتا ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان ئاپتورلار كۆپلىگەن مەملىكەتلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان، دۇنياغا تونۇلغان ئالىملار ئىكەن. بۇ ئىلمىي توپلامدا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئىقتىسادى، كۆچمەنلەر مەسىلىسى، يول قاتناش مەسىلىلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىگە ئائىت مەسىلىلەر كەڭ دائىرىدە ئۆز ئەكسىنى تاپقان. ئالىمجان ھەمرايېف رۇسىيەدە ئۆتكەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تېخى تەتقىقات ئوبيېكتى بولمىغان نۇرغۇنلىغان مەسىلىلىرىنىڭ بار ئىكەنلىكىگە كۆزى يەتكەنلىكىنى، شەخسەن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەنە شۇنداق ئاز ئۆگىنىلگەن مەسىلىلەرگە كۆپرەك نەزەر ئاغدۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ بېرىقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يۆنىلىش ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆگەندىم. بىزنىڭ شەرق ئۈلگىسىگە ئاساسلانغان كلاسسىك ئەدەبىياتىمىز، ئارۇز مەدەنىيىتى كوممۇنىستىك تۈزۈمگە ئۆتكەندىن كېيىن ئەسىرلەر بويى كېلىۋاتقان ئەنئەنىلىرىمىزنى ناھايىتى شەپقەتسىز ئۈزۈۋەتكەنلىكىنى، بىزنىڭ قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىر ئەدەبىياتىمىز ۋە زامانىۋى ئەدەبىياتىمىز ئارىسىدا چوڭ بىر مۇساپە پەيدا قىلغانلىقىنىڭ ئېچىنارلىق ئەھۋال ئىكەنلىكىنى مەن تەكىتلەپ ئۆتتۈم.»

ئالىمجان ھەمرايېف خىتايدا ۋە ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دىن كېيىن تامامەن باشقا ئىستىلدىكى يېڭى ئەدەبىياتنىڭ، مەدەنىيەتنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى، ئۆز تەتقىقاتىدا ئەنە شۇنداق يېڭىلىقلارنى مۇمكىن قەدەر تەپسىلىي يورۇتۇشقا تىرىشقانلىقىنى بىلدۈردى.