تارىخى شاھىت: غېنى باتۇر بىزنىڭ ئەسكەر بولماي ئوقۇشىمىزنى قوللىغان ئىدى

0:00 / 0:00

20-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا، يەنى 1944-يىلى ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ھەمدە باشقا ۋىلايەتلەردە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى پارتلاپ، شۇ يىلى 12-نويابىر كۈنى غۇلجا شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ئىدى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر قاتار نازارەتلەرنى تەسىس قىلغان بولۇپ، مائارىپ، ھەربىي، دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق، مالىيە، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى ئۆز پائالىيەتلىرىنى جىددىي ئېلىپ باردى. شۇ ۋاقىتتا يەنە دىنىي ئىشلار نازارىتىمۇ تەسىس قىلىنىپ، ئۇنىڭغا مۇتەۋەللى خەلىپەت نازىرلىققا تەيىنلەندى. شۇ ۋاقىتتا غۇلجا شەھىرىدە مەخسۇس مەدرىسە قۇرۇلدى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئېلان قىلغان ئۆزىنىڭ 9 ماددىلىق خىتابنامىسىدە ھەر قايسى دىنلارنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكى، مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكىنىڭ قوغدىلىدىغانلىقى جاكارلاندى.

ئىنقىلابى غەلىبە قىلىشقا ئەگىشىپ، توختاپ قالغان مەكتەپلەر ئەسلىگە كېلىپ، مەكتەپلەر ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئېچىلغاندا دىنىي نازارەت غۇلجا شەھىرىدە مەدرىسە ئېچىپ، ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبېك ۋە باشقا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلىگەن ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا 5 يىل شۇ مەدرىسىدە ئوقۇغان، ھازىر ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان 83 ياشلىق شەمشىدىن مۇنەۋۋەر ئەپەندى ئۆزىنىڭ 1944-1950-يىللىرى ئارىسىدا كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى سۆزلەپ بەردى.

يۇقىرىدا سىلەر ھازىر ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان تارىخىي شاھىت شەمشىدىن مۇنەۋۋەر ئەپەندىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىكى مىللىي ئىنقىلاب دەۋرىدە كۆرگەنلىرى، بولۇپمۇ غۇلجا مەدرىسىسى ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىنى ئاڭلىدىڭلار.