قۇربان ۋەلى: خىتاي «بۇغراخانلار تەزكىرىسى»نى بارىن قوزغىلىڭىنى ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن تەمىنلىگەن كىتاب دەپ بېكىتكەن ئىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015.04.16
bughraxanlar-tezkirisi.jpg 1990-يىلدىكى بارىن قوزغىلىڭىدا قۇتراتقۇلۇق رولىنى ئوينىغان دەپ چەكلەنگەن تارىخى كىتاب «بۇغراخانلار تەزكىرىسى» سىنىڭ مۇقاۋىسى.
RFA/Méhriban

1990-يىلى 4-ئايدا بارىن يېزىسىدا يۈز بەرگەن قوزغىلاڭدىن كىيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قارشىلىق ھەرىكىتىنى «بارىن ئەكسىلئىنقىلابى توپىلىڭى» دەپ بېكىتكەن.

قوزغىلاڭ باستۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ھۆكۈمەت ھەممە ئىدارە-ئورگانلارغا چۈشۈرگەن قىزىلباشلىق ھۆججەتلىرىدە بارىن قوزغىلىڭىغا ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن تەسىر كۆرسەتكەن ئامىللار ئىچىدە «بۇغراخانلار تەزكىرىسى» دېگەن كىتابنى تىلغا ئېلىپ، بۇ كىتاب «توپىلاڭنى نەزەرىيە ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن، غازات قىلىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغان كىتاب» دەپ يەكۈن چىقارغان. ئەينى چاغدا خەلق ئارىسىدا يەنە «بۇغرا خانلار تەزكىرىسى» دېگەن كىتاب مەسىلىسى بۇ كىتابنىڭ تەھرىرى ئارخېئولوگ قۇربان ۋەلىگە چېتىلىدىكەن» دېگەن گەپمۇ تارقالغان. ئامېرىكىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان قۇربان ۋەلى ئەپەندى بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئاشكارا نەشر قىلىنغان بۇ كىتابنىڭ ئاخىرقى مەسئۇلىيىتى نېمە ئۈچۈن بارىن قوزغىلىڭىدىن كېيىن ئۆزىگە ئارتىلىپ قالغانلىقى؛ ئۆزىنىڭ بۇغراخانلار تەزكىرىسىنى نەشرگە تەييارلاش جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكى جەھەتتە تارقاتقان مەخپىي بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلماي، كىتابنى ئەسلى قوليازمىغا ئاساسەن ئەينەن نەشر قىلغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىدى.

ئارخېئولوگ قۇربان ۋەلى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ قەدىمكى ئەسەرلەر تەتقىقات ئىشخانىسىغا مۇدىر قىلىپ تەيىنلەنگىنىدە، بۇ ئىشخانىدىكى ئىلگىرىكى مۇدىر ئۇنىڭغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون باشلىقلىرىدىن جانابىل، فېڭ داجېن، بادەي، تۆمۈر داۋامەت قاتارلىقلارنىڭ قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانا مۇدىرىنىڭ ئۆزىلا كۆرۈشكە بولىدىغان، ئەمما سىرتقا ئاشكارىلانمايدىغان يازما بۇيرۇقىنى كۆرسەتكەن.

جانابىلنىڭ بۇيرۇقىدا،«قەدىمكى قوليازمىلاردا تۈركىستان دېگەن سۆز ئۇچرىسا، ئۇنى شىنجاڭغا ئۆزگەرتىش، خىتاي دېگەن سۆز ئۇچرىسا، ئۇنى جۇڭگوغا ياكى خەنزۇغا ئۆزگەرتىش كېرەك» دېيىلگەن.

فېڭ داجېننىڭ بۇيرۇقىدا،«نەشر قىلىنغان قەدىمكى ئەسەرلەرنىڭ يەرلىك مىللەتچى ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلەرنى تارىخى ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك» دېيىلگەن.

بادەينىڭ بۇيرۇقىدا، «ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرىنى مەركەزنىڭ ئەينەن نەشر قىلىش، ئۇنىڭدا ھازىرقىغا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان سۆزلەر بولسا ئىزاھات بېرىش دېگەن يوليورۇقىغا ئاساسەن نەشر قىلىش كېرەك» دېيىلگەن.

ئەينى چاغدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان تۆمۈر داۋامەت ئاخىرقى تەستىقىدا،«مەن يولداش بادەينىڭ پىكرىگە قوشۇلىمەن. تۆمۈر داۋامەت» دېگەن سۆزلەرنى يازغان.

18-ئەسىردە ئۆتكەن ئۇيغۇر ئەدىب موللا مۇسانىڭ قارىخانىلار تارىخىغا ئائىت «بۇغراخانلار تەزكىرىسى» ناملىق قوليازمىسىنىڭ 1933-يىللاردا كۆچۈرۈلگەن قوليازما نۇسخىسىنى نەشرگە تەييارلىغان قۇربان ۋەلى ئەپەندى، جانابىل، فېڭ داجېن قاتارلىق ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتكە مەسئۇل ئاپتونوم رايون ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇيرۇقىنى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى تۆمۈر داۋامەتنىڭ تەستىقىدا تەكىتلەنگەن، قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسىنىڭ ئىشلىرىغا بىۋاسىتە مەسئۇل رەھبەر موڭغۇل مىللىتىدىن بولغان بادەينىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش يولىنى تاللىۋالغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.