1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى غۇلجىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، دىنىي نازارەت تەسىس قىلىنىپ، ئۇنىڭ قارمىقىدا مەخسۇس ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبېك ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى دىنىي مەلۇمات ئالدى.
مەدرىسىنىڭ ۋاقتى 6 يىللىق بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئىلى تەۋەسىدىكى ئەڭ يۇقىرى دىنىي مەكتەپ ھېسابلىناتتى. مەزكۇر مەدرىسىدە 6 يىل ئوقۇغان شەمشىدىن مۇنەۋۋەر ئەپەندىنىڭ ئەسلىشىچە، مەدرىسىنىڭ دەرس پروگراممىلىرى مول ئىدى. ئەنە شۇ دەرسلەرنىڭ قاتارىدا مەخسۇس تارىخ دەرسىمۇ بولۇپ مەخسۇس ئۇيغۇر، ئۆزبېك. قازاق، قىرغىز، تۇڭگان ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ تارىخى كېلىپ چىقىشى ۋە باشقا تارىخىي مۇساپىلىرى سۆزلەنگەن.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ھازىر ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان 83 ياشلىق تارىخى شاھىت شەمشىدىن مۇنەۋۋەر ئەپەندىنىڭ ھايات ئەسلىمىلىرىنى ئاڭلىغايسىلەر.