تارىخىي ۋەقەلەر شاھىتى: سوۋېت ئىتتىپاقى 1960-يىللىرى ئۇيغۇر قەرتىنى ئويناشقا كىرىشكەن ئىدى (2)
2018.11.28
مەلۇمكى، كوممۇنىستىك خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50- ۋە 60-يىللىرى ئېلىپ بارغان تەقىبلەش ھەرىكەتلىرىگە قارشى خەلق نارازىلىقلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلق-ئىنقىلابىي پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئېلىپ كەلگەن ئىدى. مەزكۇر تەشكىلات 1969-يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشىغا ئىشىنىپ، ئۆز ۋەكىللىرىنى سوۋېتقا ئەۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭدىن ھېچ جاۋاب ئالالمىغان. لېكىن بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرى تەشكىلات ئەزالىرىنى چەتتىن تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغان.
ئەنە شۇ ۋەقەلەرنىڭ شاھىتى، شۇ ۋاقىتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلق-ئىنقىلابىي پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى بولغان، ھازىر ئالمۇتا شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئابدۇرېشىت ئىلياسوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۆزى تۇرۇۋاتقان بۆرتالادا تۇتقۇن قىلىش باشلانغاندا بىر نەچچە تەشكىلات ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىگە قېچىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان.
ئابدۇرېشىت ئىلياسوفنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان تەقىبلەشلىرىدىن قوشنا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىپ چىققان خەلق-ئىنقىلابىي پارتىيەسىنىڭ بەزى ئەزالىرىنى، شۇنداقلا زىيالىيلارنى، ياشلارنى سوۋېت مەخسۇس ئورگانلىرى ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا قارشى پىلانلىرىدا پايدىلىنىشنى كۆزلىگەن ئىكەن. شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بورتالا ئوبلاستىدىن بىر نەچچە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ چىققانلار سوۋېتلار تەرىپىدىن ھەر ياقلارغا تاشلىنىپ، ئۇلار بىر-بىرى بىلەن ئالاقە قىلىشتىنمۇ مەھرۇم قىلىنغان ئىكەن.
ئابدۇرېشىت ئىلياسوف مۇنداق دېدى: «چىققاندا بىزنى ئۈچارالنىڭ كۆكتۇما دېگەن يېرىدە يىغقان. بىزدىن قانداق تەلىپىڭلار بار دەپ سورىدى. بىزنى چىقساڭلارلا، چېگرادا تەييارلىنىپ، قايتىپ كىرىسىلەر دېگەن. شۇنداق پىلان بولغان ئىدى. بىز تەلىپىمىزنى قويدۇق. بىزنى 20 كۈندەك چېگرا پونكىتىدا تۇتقاندىن كېيىن، ئېنىقلايمىز دەپ، تاللاپ-تاللاپ، ئالمۇتادىكى دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ تۈرمىسىگە پالىۋەتتى.»
ئابدۇرېشىت ئىلياسوف سوۋېت تەرەپنىڭ بۇ قېچىپ چىققانلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلاردىن كېيىنكى تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغىنى ھەققىدە بىرەر ئېنىق جاۋاب ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىر يېرىم ئايدىن كېيىن 17 بالىنى جامبۇلغا ئەۋەتىشتىن بۇرۇن بىزگە‹سىلەرنىڭ ئىنقىلابىي مەسىلەڭلار موسكۋادا قارىلىۋاتىدۇ، شۇ بىر تەرەپ بولغاندىن كېيىن سىلەرگە دەيمىز› دېدى. بىزنى جامبۇلنى ئۈزۈم ئىگىلىكىگە ئەۋەتتى. ئۇ يەردە 70 تەك ئادەم بولدى. ئارىسىدا ئاساسەن بورتالا شەھىرى ۋە ئوبلاستىدىن چىققان ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇللارمۇ بار.»
ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىن قېچىپ چىققان تەشكىلات ئەزالىرى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ قايسى جايلارغا تاشلانغانلىقى مەخپىي تۇتۇلغان ئىكەن. بورتالادىن چىققانلار بولسا، ئاساسىي جەھەتتىن ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ناھىيە-يېزىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. يەرلىك ھۆكۈمەت بۇ تۇتۇپ تۇرغانلارنى ئىشلەشكە مەجبۇر قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بۇنىڭدىن باش تارتقان. بىخەتەرلىك ئورگان خادىملىرى ئۇلارغا ھەر خىل ۋەدىلەرنى بېرىپ، سوۋېت پاسپورتىنى ئېلىشنى مەجبۇرلىغان.
ئابدۇرېشىت ئىلياسوف مۇنداق دېدى: «بىز ئۆز تەلىپىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ تۇردۇق. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىلگىرى ئەۋەتكەن ۋەكىللىرىمىز بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلاردىن سورىغىنىمىزدا ئۇلار بۇ ئىشنىڭ ھەل بولمىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز چىققاندىن كېيىن بىزنىڭ بۆرتالادىكى باشلىقلىرىمىزدىن بەشىنى ئېتىپ تاشلاپتۇ.»
خىتاي كوممۇنىستلىرى خەلق-ئىنقىلابىي پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرىنى پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلى بويىچە تۇتقۇن قىلىش جەريانىدا بۇ تەشكىلاتقا مۇناسىۋىتى تامامەن يوق كىشىلەرمۇ تۇتۇلغان ياكى ئېتىپ تاشلانغان. ئابدۇرېشىت ئىلياسوف كېيىنكى يىللىرى قېچىپ چىققان تەشكىلات ئەزالىرىدىن بەزى مەلۇماتلارنى ئىگىلىگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۈرۈمچىدە خەلق-ئىنقىلابىي پارتىيەسىنىڭ چوڭ رەھبەرلىرىدىن نىياز ئۆمەرمۇ تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ بارلىقى پاكىتلىق نەرسە. ئۈرۈمچى خەلقى بۇنى ياخشى بىلىدۇ. خىتاي شۇنداق قىرغىنچىلىق قىلدى. بۇ 1969-يىلى ئىدى. مەسىلەن، بورتالادىن بىز بىلەن بىللە قېچىپ چىقالماي قالغان نۇرغۇن بالىلارنى ئالدى 15 يىلدىن، كەينى 5 يىلدىن بىزگە تونۇش بولغانلىقى ئۈچۈنلا سوتلىۋەتتى.»
ئابدۇرېشىت ئىلياسوفنىڭ ئېيتىشىچە، سوۋېت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى، مەسىلەن، بورتالادىن چىققانلاردىن بىر نەچچە ئادەمنى تاللاپ، ئۇلارنى مەخسۇس ھەربىي تەييارلىقتىن ئۆتكۈزگەن. ئۇلار بىر نەچچە گۇرۇپپىلارغا 2-3 ئادەمدىن بۆلۈنۈپ، بۇ گۇرۇپپىلار بىر-بىرىدىن مەخپىي تۇتۇلغان. شۇنداق گۇرۇپپىلارنى، مەسىلەن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بورتالا رايونىغىمۇ تاشلاش كۆزدە تۇتۇلغان ئىكەن.
ئابدۇرېشىت ئىلياسوف مەزكۇر گۇرۇپپىدا 1976-يىلغىچە بولغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلارنى مەخسۇس ھەربىي تەييارلىقتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىغا تاشلاش پىلانلىرى بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بىرىمۇ ئەمەلگە ئاشمىغان. پەقەت 1979-يىلغا كەلگەندە ئافغانىستان مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۇنتۇلۇپ كەتكەن.