يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەكلىماكاندا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈشلەردە كۆپلىگەن خارابىلىكلەر، مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرىدىن ھەر خىل گىلەم ئەۋرىشكىلىرى، يۇڭ توقۇمىچىلىق، كەشتىچىلىككە ئائىت يادىكارلىقلارنىڭ بايقىلىشى ئۇيغۇر توقۇمىچىلىق ۋە كەشتىچىلىك تارىخىنىڭ تولىمۇ ئۇزۇن، توقۇش ۋە رەڭ بېرىش تېخنىكىسىنىڭ خېلىلا يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا كۆرگەزمىگە قويۇلغان زاغۇنلۇق قەدىمى قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان بەزى ھەمدەپنە بويۇملار بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ كەشتىچىلىك، توقۇمىچىلىق تارىخىنىڭ ئۆزىنى «دۇنيادا ئەڭ ئۇزۇن كەشتىچىلىك تارىخىغا ئىگە» دەپ سانايدىغان خىتايلاردىنمۇ ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
چەرچەن ناھىيىسىنىڭ توغراقلىق يېزىسىدىكى قۇملۇققا جايلاشقان زاغۇنلۇق قەبرىستانلىقى 1985 - يىلى ۋە 1996 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ ئارخېئولوگىيە گۇرۇپپىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن ئىككى قېتىملىق ئارخېئولوگىيىلىك قېزىپ تەكشۈرۈلگەن. بۇ جەرياندا 176 چوڭ - كىچىك قەبرە قېزىلغان. قەبرىلەرنىڭ يىل دەۋرى بۇنىڭدىن تەخمىنەن3000 يىللار ئىلگىرى ئىكەنلىكى بېكىتىلگەن. قېزىۋېلىنغان بىر ئەر، بىر ئايال، بىر بوۋاقنىڭ قۇرۇق جەسىتى ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا ساقلانماقتا ئىدى.
تەيۋەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ 29 - ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، زاغۇنلۇق قەدىمىي قەبرستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان بىر قىسىم قەدىمىي قۇرۇق جەسەتلەر بىلەن بىرلىكتە يەنە ھەمدەپنە بويۇملىرى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا ئىيۇلدىن باشلاپ كۆرگەزمە شەكلىدە ساياھاتچىلەرگە ئېچىۋېتىلگەن.
خەۋەردە مۇزېيدىكى خىتاي ئارخىلوگ ۋاڭ بونىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىشىچە، «قەدىمىي تارىخي پاكىتلار بويىچە ھۆكۈم قىلغاندا، زاغۇنلۇق قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان كەشتە بويۇملارنىڭ تارىخى 3800 يىل ئەتراپىدا دەپ بېكىتىلگەن بولۇپ، بۇ ئاسارە - ئەتىقىلەرنىڭ يىل دەۋرى بولسا، خىتايدىكى تارىخي ئەڭ ئۇزۇن سانالغان 3500 يىللىق تارىخقا ئىگە كەشتىچىلىككە ئائىت يادىكارلىقتىنمۇ ئۇزۇن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.»
ۋاڭ بۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، تەكلىماكاندىكى زاغۇنلۇق قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان ئايال جەسەتنىڭ كۆڭلىكىنىڭ يەڭ ئۇچى، گىرۋەك ۋە ئاستى پېشىغا كەشتە ۋە زىغزىق چىقىرىلغان. بەزى كىيىملەرگە ئالتۇن قاپلانغان تۈگمىلەر ۋە ئالتۇن بېزەكلەر قادالغان. نەپىس شەكىلدىكى رەڭلىك كەشتىلەر ئىشلەنگەن. ھەمدەپنە بۇيۇملىرى ئىچىدە يەنە ھەرخىل رەڭدىكى كۆركەم يۇڭ توقۇلمىلاردىن تىكىلگەن رەڭدار، نەپس كىيىم - كېچەكللەر، كىگىز، يۇڭ رەختتىن تىكىلگەن ۋە يۇڭ يىپتىن توقۇلغان باش كىيىملەر، زىچ توقۇلغان رەڭدار يۇڭ كەشتىلەر، ئەدىيال، پالاس، كىگىز قاتارلىق يادىكارلىقلار ئارخېئولوگىيە تارىخىدا كەم ئۇچرايدىغان، ھازىرغا قەدەر دەۋرى ئەڭ بۇرۇن، ساقلىنىشى بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان يادىكارلىقلار ئىكەن. بۇلار شۇ دەۋردىكى قەۋملەرنىڭ كىيىنىش ۋە ياسىنىش ئۇسۇلى كۆركەم ۋە مەدەنىي بىر ھالەتكە يەتكەنلىكىنى نامايان قىلىدىكەن.
مۇزېيدا كۆرگەزمە قىلىنغان زاغۇنلۇق قەدىمىي يادىكارلىق بويۇملىرى ئىچىدە ساياھەتچى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى بەكرەك قىزىقتۇرغىنى، بۇ دىياردا ياشىغان قەدىمىي خەلقلەرنىڭ يىڭنە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ سىرلىرى بولۇپ، تېخىچە پارقىراقلىقىنى يوقاتمىغان پولاتتىن ناھايىتى سىلىق ئىشلەنگەن كەشتە يىڭنىسدە يىپ ئۆتكۈزىدىغان توشۇكنىڭمۇ شۇنچە يۇقىرى ماھارەت بىلەن مۇكەممەل ۋە يۇمۇلاق ئېچىلغانلىقى كىشىلەرنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغان.
ياسىلىش تېخنىكىسى تېخىچە سىر بولغان بۇ پولاتتىن ئىشلەنگەن نەپس كەشتىلەش يىڭنىسى، تەكلىماكاندا ياشىغان قەدىمىي خەلقلەرنىڭ كىيىم - كېچەك مەدەنىيىتى، توقۇمىچىلىق سەنئىتىگە يۇقىرى ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ۋە ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەنلىكىنى، كۆپ خىل ئىگىلىك شەكىللىرىدىن تولۇق پايدىلىنىشنى بىلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىكەن.
ئامېرىكىدىكى تارىخ پەنلىرى دوكتورى قاھار بارات ئەپەندىمۇ «زاغۇنلۇقتىن چىققان قەدىمىي كەشتىلەنگەن بويۇملار بىلەن تەڭ يىڭنىگە ئوخشاش مەخسۇس كەشتىلەش تېخنىكا ئەسۋابلىرىنىڭ بىرگە تېپىلىشى، كىيىم - كېچەك سانائىتىدىكى بىر ئىنقىلاب دەۋرىنىڭ ئىسپاتى، يەنى ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى چاغلاردا توقۇمىچىلىقىدا يۇقىرى سەۋىيىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان كۈچلۈك پاكىت بولۇپلا قالماستىن، بۇ يەنە شۇ قەۋمنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە تەپەككۇرنى ئىشلىتىپ كىيىم - كېچەكلىرىدە، مەدەنچىلىك سانائىتى نەتىجىسىدە ئالتۇن، كۆمۈش پولات قاتارلىق كۆپ خىل ماتېرىياللارغا تايانغانلىقىنى، كىيىنىش مەدەنىيىتىگە يېڭى بىر تەرەققىيات بېغىشلىغانلىقىنى شۇنداقلا كۆپ خىل ئىگىلىك ۋە قول ھۆنەر سانائەت تۈرلىرىنى ياراتقان، ئىجاد قىلغان قەۋم ئىكەنلىكىدەك ئىلمىي يەكۈنگە ئىنتايىن مۇناسىپ ئاساس سالىدۇ» دېگەن قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
كەشتىچىلىك بولسا رەسساملىق، توقۇمىچىلىق، بوياقچىلىق، زەرگەرچىلىك قاتارلىق كۆپلىگەن ھۈنەر سەنئەت تۈرلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بىر خىل ئۇنىۋېرىسال سەنئەت نەمۇنىسىدۇر. ھەر خىل رەڭلىك يوڭ توقۇلمىلار ۋە ئۇنىڭدىكى نەپىس كەشتە نۇسخىلىرى، پولات يىڭنىگە ئوخشاش كەشتىلەش ئەسۋابلىرىدىن يەنە بىز، تەكلىمانكاندىكى ئەجدادلارنىڭ مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك تېخنىكىسىنىڭ شۇ مەزگىللەردىلا تەرەققىي قىلغانلىقىنى ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻼﻻﻳﻤﯩﺰ. زاغۇنلۇق قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان ئارخېئولوگىيىلىك قېزىلمىلارغا ئوخشاش مۇكەممەل ساقلانغان بۇنداق ئۆرنەكلەر دۇنيادا كەم ئۇچرايدۇ.
0:00 / 0:00