ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنت شەھىرىدە «تەكلىماكان» ژۇرنىلىنىڭ نۆۋەتتىكى سانى يورۇققا چىقتى. ژۇرنالدا جۇمھۇرىيەتنىڭ مەدەنىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي يېڭىلىقلىرى، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى يورۇتۇلغان. ئۇنىڭدا يەنە ئۇيغۇر مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى، ئەنئەنىلىرى، ئەدەبىيات، مەدەنىيەت، سەنئەت، ئىلىم-پەن ۋە باشقىمۇ ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار ئورۇن ئالغان.
ئىگىلىشىمىزچە، «تەكلىماكان» ژۇرنىلى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۆزبېكىستان مەتبۇئات ۋە ئاخبارات ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن رويخەتكە ئېلىنغان. ژۇرنالدىكى ماتېرىياللار ئاساسىي جەھەتتىن ئۇيغۇر تىلىدا، ئاندىن ئۆزبېك ۋە رۇس تىللىرىدا بېرىلگەن.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئەبۇ رەيھان بېرۇنى نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئىلمىي خادىمى، تارىخ پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى ئابدۇخالىق ئايتبايېفنىڭ پىكرىچە، تاشكەنت شەھىرى ئەينى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى بولغان ئىكەن. ئۇ بولۇپمۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۆزبېكىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا ئېيتارلىق يېڭىلىقلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۆتكەن يىلى سېنتەبىر ئېيىدىن باشلاپ نەشر قىلىنىۋاتقان «تەكلىماكان» ژۇرنىلىنىڭ شۇنىڭ يارقىن بىر ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى: «ژۇرنالنىڭ 3-سانىمۇ يورۇققا چىقتى. بۇنىڭدا مۇستەقىل ئۆزبېكىستاننىڭ گۈللەپ ياشنىشى ئۈچۈن ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ بارلىق ساھەلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى توغرىسىدا مەلۇماتلار بېرىلىشكە باشلىدى. ئۇيغۇر-ئۆزبېك خەلقلىرىنىڭ قەدىمىدىن بىر-بىرىگە يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەنلىكى، ئېتنىك بىرلىكى، بەزى مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى ھەققىدىكى ماقالىلەر ژۇرنال بەتلىرىدىن جاي ئالدى. ئۆزبېكىستاندا تەلىم ئالغان پەن دوكتورلىرى، ئەدەبىيات-سەنئەت خادىملىرى، قىسقىسى، بارلىق ساھەلەردە يېتىشىپ چىققان كادىرلارنىڭ خىزمەت-پائالىيەتلىرى توغرىسىدىمۇ مەلۇماتلار بېرىلدى. ژۇرنالدا تۈرلۈك بۆلۈم سەرلەۋھىلىرى بېرىلگەن بولۇپ، چوڭلارمۇ، ياشلارمۇ ئۇنىڭدىن بەھرىمەن ئالالايدۇ. ئۇنىڭدا كۆزگە كۆرۈنگەن شائىرلار سائادەت باباجانوۋا، تاشپولات ئىكرامىيلارنىڭ شېئىرلىرى، مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي تارىخى، سەنئىتى، ئەدەبىياتى ھەققىدىكى قىسقا ماقالىلەرمۇ ئورۇن ئالغان».
ئابدۇخالىق ئايتبايېف ژۇرنالنىڭ يېڭىدىن چىقىشقا باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئالدىغا قويغان مەقسىتىنىڭ ئىنتايىن چوڭ ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ھەم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى تەرغىب قىلىشتا ژۇرنالنىڭ ئاتقۇرىدىغان رولىغا چوڭ ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ ژۇرنالنىڭ تېخنىكا پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور ئابدۇلجان بەرايېف ۋە ئۇنىڭ ئوغلى مۇرات بەرايېفنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن يورۇققا چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەنە مۇنداق دېدى: «بىراق ژۇرنالدا ھېچ بىر كەمچىلىكسىز بولمىدى. ئۇنىڭ 1- ۋە 2-سانلىرىدا بەزى كەمچىلىكلەر بولدى. چۈنكى، ژۇرنال چىققاندا يا ئۇنىڭ كېرەك ماتېرىيالىنى كۆرۈپ بېرىدىغان، ئىملا ۋە مەزمۇنىنى تۈزىتىپ بېرىدىغان بىرەر ئادىمى بولمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ژۇرنالنىڭ مۇھەررىرى ئابدۇلجان بەرايېفقا ھەممىسىنى ئۆزى قىلىشقا توغرا كەلدى. لېكىن، ھازىر ئۇنىڭ 3-سانى ياخشى چىقتى. بىز ژۇرنالنىڭ كۆپرەك ۋە دائىملىق چىقىشى ئۈچۈن ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىمىز».
ھازىر تاشكەنت شەھىرىدە ياشاۋاتقان تونۇلغان يازغۇچى سۇلتان جامالنىڭ ئېيتىشىچە، تاشكەنتتە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى ئۇيغۇر تىلىدا بىر نەچچىلىگەن گېزىت-ژۇرناللار چىققان ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەدەبىي پائالىيىتىدە ئەنە شۇ نەشرلەرنىڭ بىر قانچىسى بىلەن يېقىندىن تونۇشقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «1933-يىلى ‹كۈن چىقىش ھەقىقىتى› دېگەن گېزىتنىڭ 544 سانى چىققان ئىكەن. 1936-يىلدىن ‹شەرق ھەقىقىتى› گېزىتى چىققان. 1946-يىلى ئەنە شۇ ‹شەرق ھەقىقىتى› ژۇرنالغا ئايلانغان بولۇشى مۇمكىن. 1-سانىدا ئەرشىدىن ھىدايەتوف ئۇنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى بولغان. ژۇرنالنىڭ 3- ۋە 4-سانىدىن ئابدۇمېجىت روزىباقىيېف مەسئۇل مۇھەررىر بولغان. ئۇ ژۇرنالدىن 1949-يىلغىچە بولغان سانلىرىدىن مەلۇماتلار ئالدىم. 1951-يىلى 2-سانىدىن پەقەت رەمىز باباجاننىڭ ‹ئۇيغۇر قىزىغا› دېگەن شېئىرىنى ئاپتىمەن».
سۇلتان جامال ھازىر يورۇق كۆرۈۋاتقان «تەكلىماكان» ژۇرنالىنىڭ ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرى تەرىپىدىن چوڭ خۇشاللىق بىلەن قارشى ئېلىنغانلىقىنى، بۇنىڭدىن تاشقىرى تاشكەنت رادىيوسىدا ھەپتىسىگە ئۈچ قېتىم ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشلارنىڭ، تېلېۋىزىيەدە بولسا ئايدا ئۈچ قېتىم كۆرسىتىشلەرنىڭ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر ئۇيغۇرچە كۆرسىتىشلەردە ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىي ھاياتى كەڭ دائىرىدە يورۇتۇلماقتىكەن.
0:00 / 0:00