26-ماي كۈنى ئالمۇتادىكى خەلقئارا يېڭى تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەجلىس زالىدا ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتە يورۇق كۆرگەن «تەكلىماكان» ژۇرنىلىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. مۇراسىمنى «تىنچلىق دۇنياسى» خەلقئارالىق قازاق ئىجادىي بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇردى. ئۇنىڭغا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ھەرقايسى ئاممىۋى جەمئىيەتلەر ۋەكىللىرى، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇرت-جامائەتچىلىك ئاكتىپلىرى قاتناشتى.
مەزكۇر پائالىيەتتە ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىگەن «تىنچلىق دۇنياسى» خەلقئارالىق قازاق ئىجادىي بىرلەشمىسى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى تۇرسۇن رازىيېف مەزكۇر بىرلەشمىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ھەققىدە توختالدى. ئۇ بىرلەشمىنىڭ 2006-يىلى تەشكىللىنىپ، بۈگۈنكىچە 28 دۆلەتتە بۆلۈملىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، بىرلەشمە تەركىبىدە 20 بۆلۈمنىڭ ھەرقايسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تۇرسۇن رازىيېف ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ بۆلۈم ئۇستازلار بۆلۈمى بولۇپ، بۇ بۆلۈمنىڭ قازاقىستاندىكى 7600 مەكتەپ بىلەن ھەمكارلىقتا ئىشلەيدىغانلىقىنى، 33000 مۇئەللىمنىڭ مەزكۇر بۆلۈمگە ئەزا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ۋە ئۇستازلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇنىڭدىن تاشقىرى بۇ بىرلەشمىدە مىللەتلەر دوستلۇقى، ئەدەبىيات، مائارىپ قاتارلىق بۆلۈمەر ئىشلەيدىكەن.
«تەكلىماكان» ژۇرنىلىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلغان مىللەتلەر دوستلۇقى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئازتېكىن ئىبراھىموف كېيىنكى چارەك ئەسىر مابەينىدا ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىكى مەدەنىي ئالاقىلەرنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى، تاشكەنتتە «تەكلىماكان» ژۇرنىلىنىڭ يورۇق كۆرۈشى بىلەن ئەنە شۇ ئالاقىلەرنى تىكلەش مەقسىتىدە ئۇنىڭ باش مۇھەررىرى ئابدۇلجان بەرايېفنىڭ قازاقىستانغا قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
دەسلەپ سۆزگە چىققان ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى، تېخنىكا پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئابدۇلجان بەرايېف سوۋېت دەۋرىدە ۋە مۇستەقىللىقتىن كېيىنكى يىللاردا ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلەر، «تەكلىماكان» ژۇرنىلىنىڭ دۇنياغا كېلىش تارىخى ھەم ئۇنى نەشر قىلىشنىڭ ئاساسىي مەقسەدلىرى ئۈستىدە توختالدى.
مۇراسىمدا سۆزگە چىققان پېشقەدەم ژۇرنالىست ئابدۇكېرىم تۇردىياروف ھەرقانداق بىر گېزىت ياكى ژۇرنالنىڭ خەلقنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى، تىلىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، ئەدەبىياتىنى تەرغىب قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى، كېلەچەكنىڭ ياشلار قولىدا بولسىمۇ، ئەمما ھازىر ياشلاردا مىللىيلىكنىڭ سۇسلىشىپ كېتىپ بارغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ياشلارنى تەربىيەلەش مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش لازىملىقىنى بىلدۈردى.
جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوف ھازىرقى زاماندا بىرەر گېزىت، ژۇرنال ياكى كىتاب نەشر قىلىشنىڭ قىيىنلىشىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇيغۇر مىللىي مەتبۇئاتىنى قوللايدىغانلارنىڭ ئازلاپ كېتىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق تەشۋىشلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە قىرغىزىستاندا، ئۆزبېكستاندا مىللىي مەكتەپلەر، مەتبۇئات، تىياتىر، ئوقۇش ئورۇنلىرى ۋە باشقىلار يوق بولغانلىقتىن، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش مەسىلىسىنىڭمۇ جىددىي ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
يازغۇچى ئىلاخۇن جەلىلوف ئەدەبىياتسىز مەدەنىيەتنىڭ بولمايدىغانلىقىنى، مەدەنىيەتنىڭ ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ ئاساسىي بەلگىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىبنىڭ «كىم نۇرغۇن بېرىلسە كۈلكە-چاقچاققا، شۇ خەلق ئايلىنار نادان، ئاخماققا» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خەلقنىڭ دىققىتىنى كۆپرەك ئويۇن-تاماشاغا ئەمەس، بەلكى مىللىي مائارىپنى، ئەدەبىياتنى، سەنئەتنى ھەم مەنىۋى، ھەم ماددىي قوللاشقا ئاغدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسەتتى.
«تۇران دۇنياسى» جەمئىيەتلىك فوندىنىڭ رەئىسى كارلىن مەخپىروف بولسا، مەزكۇر ژۇرنالنى جۇمھۇرىيەتلەر ئارا، يەنى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان ئارا ئورتاق نەشىر-ئەپكارغا ئايلاندۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەزكۇر يىغىندا سۆزگە چىققان باشقا زىيالىيلارمۇ بىرلەشمىلەر ۋەكىللىرى، يۇرت-جامائەتچىلىك ئاكتىپلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەممىسى «تەكلىماكان» ژۇرنىلىنى ھەر جەھەتتىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ژۇرنالىست ئابدۇكېرىم تۇردىياروفنىڭ پىكرىچە، «تەكلىماكان» ژۇرنىلىنىڭ يورۇق كۆرۈشى پەقەت ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئۈچۈنمۇ تارىخىي ۋەقە، چوڭ خۇشاللىق بولماقتىكەن. ئەمما بۇ ژۇرنالنىڭ كېلەچىكىنى ساقلاپ قېلىش، ئۇنى تەجرىبىلىك ژۇرنالىستلار بىلەن تەمىنلەش ئىنتايىن مۇرەككەپ مەسىلە ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەڭ بىرىنچىسى - ژۇرنالنى داۋاملىق ساقلاپ قېكلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ماددىي ياردەم ۋە مەبلەغ بولۇشى كېرەك. ئۇنى ھەممىمىز قوللاپ-قۇۋەتلەپ، ئۇنىڭغا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردىمىمىزنى بېرىشىمىز كېرەك. ئەگەردە ئۇنداق بولمايدىغان بولسا، ژۇرنالنىڭ ھاياتى ئانچە ئۇزاق بولمايدۇ. 1918-يىلى سوۋېت ھاكىمىيىتى ئورنىتىلغاندا بىزنىڭ ھاياتىمىزدا قانچىلىغان گېزىت-ژۇرناللار چىقتى. شۇلارنىڭ نۇرغۇنى يېپىلىپ كەتتى. زامان ئۆزگەرگەندىن كېيىنمۇ قازاقىستاندا ‹خۇش كەيپىيات›، ‹ياش ئەۋلاد›، ‹يېڭى زامان› گېزىتلىرى ۋە كۆپلىگەن ژۇرناللار چىققان ئىدى. شۇلارمۇ ئۇزاق ئۆمۈر سۈرەلمىدى. چۈنكى ئۇلارنى قوللىغانلار ئاز بولدى.»
ئابدۇكېرىم تۇردىياروف ھەر قانداق بىر گېزىت ياكى ژۇرنالغا دۆلەت تەرىپىدىن ماددىي ياردەم بولمىسا، ئۇنىڭ ئۇزۇنغا بارمايدىغانلىقىنى، ئەمما مەزكۇر ژۇرنال جەمئىيەتلىك ئاساستا چىققانلىقتىن ئۇنى يۇرت-جامائەتچىلىكنىڭ قوللاپ-قۇۋەتلىشى لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ ژۇرنالنىڭ قازاقىستاندا تارقىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭدا قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ھاياتىنىڭمۇ يورۇتىلىشى كېرەكلىكىنى، ئۇنى تارقىتىش يوللىرىنى ئويلاش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرى ئابدۇلجان بەرايېف ئۆزبېكىستان رەھبەرلىكىگە يېڭى پرېزىدېنت بولۇپ شاۋكەت مىرزىيويېفنىڭ كېلىشى بىلەن ئۆزبېكىستاندىكى بارلىق مىللىي مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ قايتىدىن جانلانغانغانلىقىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئالدىدا كۆپ مەسىلىلەرنىڭمۇ پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «چۈنكى قىلىنغان ئىشلار ئاز، قىلىنىش كېرەك بولغان ئىشلار كۆپ. شۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدا ‹تەكلىماكان› ژۇرنىلىنى تەشكىل قىلدۇق. بۇ مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئاخبارات مەركىزى. مەسىلەن، ئۆزبېكىستاندا ياشلارغا چوڭ ئېتىبار قىلىنىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ پرېزىدېنت ئۆزى ئالاھىدە ‹ياشلار كۈنى› دەپ بىر كۈننى بەلگىلىدى. ئۇ ياشلارغا چوڭ ئىشەنچ قىلىۋاتىدۇ. ياشلارمۇ بۇنى ئاقلاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز يېقىندا ياشلار قۇرۇلتىيىنى ئۆتكۈزدۇق».
ئابدۇلجان بەرايېف مەزكۇر قۇرۇلتايدا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەملىكەتنىڭ تەرەققىياتىغا قوشۇۋاتقان تۆھپىسى، ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىپىلىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ قارالغانلىقىنى، ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنى، مىللىي مۇقاملارنى، ئۇيغۇر كىيىملىرىنى، ياشلارنىڭ جەمئىيەتتىكى رولىنى يورۇتىدىغان دوكلاتلار قىلىنغانلىقىنى، بۇ قۇرۇلتايغا قىرغىزىستاندىن «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىيېف رەھبەرلىكىدىكى ۋەكىللەرنىڭ قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابدۇلجان بەرايېف ژۇرنالنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى مەجلىستىن كۆڭلۈم ناھايىتى يورۇدى. بىرىنچىدىن، روزا-رامزان ئايلىرىغا قارىماي يىراق-يېقىندىن كۆپ كىشىلەر كېلىپتۇ. بۇ تەشكىل قىلغۇچىلارغا خەلقنىڭ بولغان ھۆرمىتىدۇر. دېمەك، ئۆز ئارا بىر-بىرىگە بولغان مۇناسىۋەت ساغلام ۋە ياخشى. بەلكىم شۇنىڭ شاراپىتى بىلەن ئىشلىرىمىز داۋاملىق ئوڭۇشلۇق بولۇپ قالار. . .»
ئىگىلىشىمىزچە، ئۆزبېكىستاندا رەسمىي مەلۇماتلار بويىچە ھازىر 30 مىڭدىن ئوشۇق ئۇيغۇر ياشايدىكەن. ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى تاشكەنت شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مەھەللىلەردە ئولتۇراقلاشقان ئىكەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن چېگرىداش ئەنجان ۋىلايىتىدە ياشايدىكەن. بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20- ۋە 30-يىللىرىدا ئۆزبېكىستاندا 600 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشىغان بولۇپ، ئۇيغۇر مەكتەپلىرى، ئۇيغۇر تىياتىرى ۋە تېخنىكوملىرىى مەۋجۇت بولغان ئىكەن. ۋاقىت ئۆتۈشى بىلەن ئۇلارنىڭ بارلىقى يېپىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپىنىڭ مىللەت تەۋەلىكى مەجبۇرىي رەۋىشتە ئۆزبېك بولۇپ يېزىلىپ كەتكەن ئىكەن.
0:00 / 0:00