قىرغىزىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن سەنئەت ئەربابى، پېشقەدەم ئۇيغۇر رەسسامى تەلئەت مىررەھىمۇف 2015 - يىلنىڭ ئاخىرىدا رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا ئۆزىنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزگەن ۋە تۈركىيەدە قىسقا مەزگىللىك ئىجادى سەپەردە بولۇپ كەلگەندىن كېيىن، يېقىندا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ھەمدە 2016 - يىلدا ئالدىغا قويغان پىلانلىرى ھەققىدە توختالدى.
تەلئەت ئەپەندى ئۆزىنىڭ رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا رەسىم كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرۇش جەريانىدىكى تەسىراتلىرى ھەمدە تۈركىيە سەپىرى ھەققىدە توختالغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «مېنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان موسكۋادا ئۆزۈمنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى. چۈنكى موسكۋا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ياشىغان رەسساملارنىڭ نەزىرىدە گۈزەل سەنئەت ساھەسىنىڭ مەركىزى دەپ قارىلىدۇ. مەن بۇ قېتىم كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇرۇش جەريانىدا موسكۋادىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە گۈزەل سەنئەت ساھەسىدىكى دوستلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتىم. موسكۋادا رەسىم كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرۇپ بولۇپلا، تەكلىپكە بىنائەن تۈركىيەگە بېرىشقا توغرا كەلدى. تۈركىيەدىمۇ ناھايىتى قىزغىن كۈتۈۋېلىشقا مۇيەسسەر بولدۇم، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىرگە بارغان رەسساملار بىلەن بىرلىكتە بىشكەكتە كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇردۇق.»
رەسسام تەلئەت ئەپەندىنىڭ ماي بوياق سۈرەتلىرىدە ۋەتەن تېمىسى ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇيغۇر ئىلىنىڭ جەنۇبىدىكى مەنزىرىلەر تەسۋىرلەنگەن سۈرەتلىرى ھەققىدىكى ئوي - پىكىرلىرى ھەمدە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىلىم ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى لازىملىقى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «مەن ۋەتەنگە بارغان چاغلىرىمدا جەنۇبىي ۋىلايەتلەردىكى خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن سۈرەتلەرنى كۆپرەك سىزدىم. بۈگۈنكى كۈندە قەشقەردىكى قەدىمىي ئىمارەتلەر خىتايلار تەرىپىدىن چېقىۋېتىلگەن بولسىمۇ، شۇ قەدىمى قەشقەر مېنىڭ سۈرەتلىرىمدە ساقلىنىپ قالدى. بۇ كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. نۆۋەتتە ياشلىرىمىز بىلىم ئېلىشقا سەل قارىماسلىقى لازىم، چۈنكى بىزنىڭ ئىشلىرىمىز بىلىمسىز نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق.»
پېشقەدەم رەسسام سۆھبىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ 2016 - يىللىق پىلانلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ يىل قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە چوڭ تىپتىكى رەسىم كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرۇش ھەققىدە ئويلىنىۋاتىمەن. مېنىڭچە، موسكۋادىكى كۆرگەزمە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، ئالماتادىمۇ ياخشى ئۆتسە كېرەك دەپ ئويلاۋاتىمەن. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئىجادىيەت يېڭىلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن مەنمۇ ئۆز ئىجادىيەتلىرىمدە يېڭىلىق يارىتىش يولىدا ئىزدىنىۋاتىمەن.»
0:00 / 0:00