تېلمان نۇراخۇنوف: مېنىڭ رومان ئىجادىيىتىمگە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر قاتارلىق يازغۇچىلار تەسىر كۆرسەتكەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2017.10.11
behishtiki-dozax-kitab.jpg ئالمۇتادا شائىر ۋە يازغۇچى تېلمان نۇراخۇنوفنىڭ «بېھىشتىكى دوزاخ» ناملىق رومانىنىڭ مۇقاۋىسى.
RFA/Oyghan

يېقىندا ئالمۇتادا شائىر ۋە يازغۇچى تېلمان نۇراخۇنوفنىڭ «بېھىشتىكى دوزاخ» ناملىق رومانى يورۇق كۆردى. مەزكۇر كىتاب «كۆركەم» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بولۇپ، ھەجمى 16 باسما تاۋاقتىن ئىبارەتتۇر. قازاقىستان ئۇيغۇر يازغۇچىسى تېلمان نۇراخۇنوف ئۆزىنىڭ رومانچىلىق ئىجادىيىتىگە قەدەم تاشلىشىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر نامايەندىلەردىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زىيا سەمىدى، زوردۇن سابىر ۋە باشقىلارنىڭ ئىجادىيەتلىرىنىڭ ئىلھام بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

تېلمان نۇراخۇنوف قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ شېئىرىيەت ۋە پروزا ساھەسىدە ئوتتۇز يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت ئىجاد قىلىۋاتقان كېيىنكى ئەۋلاد ۋەكىلىدۇر. يىگىرمە يىل ئىچىدە يازغۇچىنىڭ ئالتە كىتابى يورۇق كۆردى. ھازىر قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى تېلمان نۇراخۇنوفنىڭ شېئىر ۋە ھېكايىلىرى مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە ئۈزلۈكسىز ئېلان قىلىنىپ تۇرماقتا.

يازغۇچىنىڭ رومان ژانرىغا مۇراجىئەت قىلىشىغا نېمە ئاساس بولدى؟

تېلمان نۇراخۇنوف كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پروزا ساھەسىدە ئىجاد قىلىۋاتقان ئەدىبلەر سانىنىڭ خېلى شالاڭلىشىپ قالغانلىقىنى، ئەنە شۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش مەقسىتىدە بۇ ژانىرغا مۇراجىئەت قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «رومانغا تەييارلىق قىلىش ۋاقتىم ‹سەۋدا› ناملىق پوۋېستىمدىن باشلاندى دەپ ئويلايمەن. ئۇ توپلامغا ئىككى چوڭ پوۋېست ۋە ھېكايىلەر كىرگەن. رومان ژانىرىغا بولغان ئۆتكەل ياكى كۆۋرۈك ئەنە شۇ پوۋېستلاردىن باشلاندى. شۇنداقلا مېنى بۇ رومان ژانىرىغا قىزىقتۇرۇپ كەلگەن بۈگۈنكى تۇرمۇشىمىز، زامانىۋى ھاياتىمىز، شۇنىڭدىن بارلىققا كېلىۋاتقان بىباھا دۇنيالىرىمدىن دەپ ھېسابلايمەن».

تېلمان نۇراخۇنوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ پروزا ساھەسىدە ئىجاد قىلىشىدا ئاتاقلىق يازغۇچىلار زىيا سەمىدى، يۈسۈپ ئىلىياس، تۇرغان توختەموف ئالاھىدە ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.

ت. نۇراخۇنوف مەزكۇر ئەدىبلەر بىلەن ئۇلار تېخى ھايات ۋاقتىدا يېقىندىن ئارىلىشىپ، شۇ جەرياندا ئۇلارنى ئۇستاز تۇتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇلار بىللە ‹يازغۇچى› نەشرىياتىدا ئىشلىدۇق. مەن ئۇلارنىڭ ھەممە ئەسەرلىرىنى قۇرمۇ-قۇر، بەتمۇ-بەت ئوقۇغان، ئۇلار ماڭا ناھايىتى چوڭ ئۈلگە-ئىبرەت بولغان يازغۇچىلاردىن دەپ ھېسابلايمەن. بولۇپمۇ تۇرغان توختەموفنىڭ ئەسەرلىرى مېنى بەكمۇ قىزىقتۇرىدۇ. مەن ئۆزۈمنى ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن دەپ ھېسابلايمەن. تارىخىي ۋەتىنىمىزدىكى يازغۇچىلىرىمىزدىن بولسا، زوردۇن سابىر بىلەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئىجادىيىتى مېنى بەكمۇ قىزىقتۇرىدۇ. چۈنكى ئۇلاردا تارىخىمىزنى ئەينەن كەلتۈرگەن بولسا، ئىككىنچىدىن، تىل بايلىقىمىزنى شۇ ئەسەرلەردە بايقىغىلى بولىدۇ».

ت. نۇراخۇنوف ئەسەر پارچىلىرى گېزىت سەھىپىلىرىدە ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان كىتابخانلارنىڭ روماننىڭ «بېھىشتىكى دوزاخ» دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ دېگەن بۇ سوئالنى كۆپ قويغانلىقىنى، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، شۇنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن، رومان قەھرىمانلىرى ئۆزىمىزنىڭ زامانداشلىرى. رومانىمدا ھاياتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي مەسىلىلىرىنى كۆرسەتكۈم كەلدى. شۇ مەقسىتىمگە يەتتىم دەپ ئويلايمەن. ئىككىنچىدىن، ھازىر، مەسىلەن، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىمىز بېھىش بىر ئەل: ناھايىتى باي، گۈزەل، كۆركەم دۆلەتلەرنىڭ بىرى. مانا مۇشۇ بېھىشتەك ئەلدە ياشاۋاتقان ئاددىي پۇقرالارنىڭ دوزاقتەك تۇرمۇشىنى كۆرسەتكۈم كەلدى».

«ئۆرلېئۇ» نامىدىكى مۇئەللىملەرنىڭ كەسپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىنستىتۇتىنىڭ خادىمى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى رۇسلان ئارزىيېف ئەسەردىكى قەھرىمانلارنىڭ ئېغىر قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن قازانغان جىسمانىي جەھەتتىكى غەلىبىلىرىدىن كۆرە، ئۇلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، پاك ۋىجدانى، قەيسەر قەلبى ئارقىلىق قازانغان غەلىبىلىرىنىڭ مۇھىمراق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى: «ھەر قانداق جەمئىيەتنىڭ ھاياتىدىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى ئۆزگىرىشلەر خەلق ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. سابىق كېڭەشلەر ئېلىنىڭ سوتسىيالىستىك ئىقتىسادتىن بازار ئىقتىسادىغا، مۇستەبىتلىك دەۋرىدىن ئاشكارىلىق دەۋرىگە ئۆتۈش جەريانىدا خەلقنىڭ بېشى خېلىلا گاڭگىراپ قالدى. تېلمان قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا دەسلەپكىلەردىن بولۇپ مۇشۇنداق جىددىي ۋە مۇھىم بىر دەۋرنىڭ بەدىئىي ئوبرازىنى يارىتىشقا تىرىشقان. شۇنداقلا بۇ رومان مەزمۇنىدىن چىرىپ غۇلاش ئالدىدا تۇرغان سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىنى ھەم مۇشۇ جۇمھۇرىيىتىمىز مۇستەقىللىقىنىڭ شەپىسىنى كۆرۈشكە بولىدۇ».

رۇسلان ئارزىيېفنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر رومان يېڭىچە پىكىر ئېيتىش، يېڭىچە ئوبراز يارىتىش، قازاقىستان جەمئىيىتىدىكى چىگىش ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى يېڭىچە بەدىئىي ئۆزلەشتۈرۈش مەقسىتىدە يېزىلغان بولۇپ، ئەسەر ئاپتورىمۇ مەيلى شېئىرىيەت، مەيلى پروزا ساھەسىدە بولسۇن، دائىم يېڭىلىق يارىتىشقا ئىنتىلىپ كېلىۋاتقان يازغۇچىدۇر.

ر. ئارزىيېف شۇنداقلا بۈگۈنكى كۈندە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئادەتتە ئىلگىرى كۆپچىلىك مېڭىپ، توپىسى چىقىپ كەتكەن، ئەمما ئىشەنچلىك يولدىن كۆرە، تېخى كۆپچىلىكنىڭ ئايىغى بېسىلمىغان، ئويمان-چوڭقۇرى كۆپ، نىشانى روشەن ئەمەس، تەۋەككۈلچىلىكى كۆپ يولدا مېڭىشنى ئەۋزەل كۆرىدىغان يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى قىزىقىپ ئوقۇيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ پىكرىچە، تېلمان نۇراخۇنوفنىڭ ئەسىرى شۇ جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بۈگۈنكى كۈندىكى تۇنجى روماندۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.