قازاقىستاننىڭ ئىككى نەپەر ئۇيغۇر يىگىتى گىمناستىكا بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2018-06-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
نارىمان قۇربانوف(سولدىن بىرىنچى) سلوۋېنىيەنىڭ كوپېر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن گىمناستىكا بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە «ئات ئۈستىدىكى ھەرىكەت» بويىچە ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن. 2018-يىلى 3-ئىيۇن.
نارىمان قۇربانوف(سولدىن بىرىنچى) سلوۋېنىيەنىڭ كوپېر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن گىمناستىكا بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە «ئات ئۈستىدىكى ھەرىكەت» بويىچە ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن. 2018-يىلى 3-ئىيۇن.
RFA/Oyghan

يېقىندا قازاقىستاننىڭ ئەڭ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرى «قازاق ئاخبارات بيۇروسى» ئاگېنتلىقى ئىككى نەپەر قازاقىستانلىق تەنھەرىكەتچىنىڭ گىمناستىكا بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى ئورۇنغا، يەنى كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەنلىكى توغرىلىق خەۋەر تارقاتقان ئىدى. بىز بۇ تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇر يىگىتلىرى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇلار بىلەن ئالاقىلەشتۇق.

شۇلارنىڭ بىرى ئالمۇتا شەھىرىدە ياشاۋاتقان 20 ياشلىق نارىمان قۇربانوف. نارىمان قۇربانوف 29-ماي ۋە 3-ئىيۇن ئارىلىقىدا سلوۋېنىيەنىڭ كوپېر شەھىرىدە بولۇپ ئۆتكەن گىمناستىكا بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە «ئات ئۈستىدىكى ھەرىكەت» بويىچە ئورۇنلىغان مەشىقلىرى بىلەن ئىككىنچى ئورۇنغا ئېرىشىپ، كۈمۈش مېدال بىلەن تەقدىرلەنگەن. بىرىنچى ئورۇننى ياپونىيەلىك كوخېيۇ كامېيامې، ئۈچىنچى ئورۇننى سلوۋېنىيەلىك ساشو بېرتونچېلجۇ ئىگىلىگەن.

نارىمان قۇربانوف رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «مۇسابىقە ئالدىدا مەن ئاغرىپ قېلىپ، ئۆزۈمنىڭ تەنھەرىكەتچىلىك شەكلىمنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ قويغان ئىدىم. پەقەت بىر نەچچە كۈننىڭ ئىچىدە، يەنى مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئۇچۇشنىڭ ئالدىدىلا ئۆزۈمگە كېلىشكە باشلىدىم. ئۆتكەنكى مۇسابىقىگە قارىغاندا بۇ قېتىمدا ماڭا قىيىنراق مەشىقىنى ئورۇندىشىم كېرەك بولدى. مۇسابىقىدە مەن يىقىلىپ چۈشتۈم. بۇ مېنى تېخىمۇ ئېغىر ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى، چۈنكى مەن بىرىنچىلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىم لازىم ئىدى. بۇ قېتىمدا ئورۇندىغان مەشىقىم دۇنيادىكى ئەڭ قىيىن مەشىقلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، مەن ئۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىدىم. ئەلۋەتتە، ئالتۇن مېدالغا ئۈمىدىم كۆپ ئىدى، لېكىن سالامەتلىكىم سەۋەبىدىن بىر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغىنىم ئۈچۈن بىرىنچىلىكتىن ئايرىلىپ قالدىم.»

نارىمان قۇربانوفنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر مۇسابىقىنىڭ «ئات ئۈستىدىكى ھەرىكەت» تۈرى بويىچە ھەر مەملىكەتلەردىن 42 تەنھەرىكەتچى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر قايسىسى بىرىنچىلىكلەرنى ئىگىلەش ئۈچۈن كۆپ تىرىشقان ئىكەن. ئۇ بىر ھەپتىدىن كېيىن قازاقىستان بويىچە مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ئاندىن ھىندونېزىيەدە بولىدىغان ئاسىيا مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نارىمان قۇربانوف مۇشۇ يىلنىڭ ئىككىنچى ئېيىدا ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبۇرن شەھىرىدە ئۆتكەن تەنھەرىكەتنىڭ گىمناستىكا تۈرى بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن ئىدى. شۇ ۋاقىتتا قازاقىستاندىن بۇ مۇسابىقىگە بەش تەنھەرىكەتچى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن نارىمان قۇربانوف ئەڭ ياخشى كۆرسەتكۈچنى نامايان قىلغان. نارىمان قۇربانوف ئاۋسترالىيە شەھىرىدە ئۆتكەن مۇسابىقىدە شۇنداقلا «ئاتتا موللاق ئېتىش» ھەرىكەت ئۇسۇلى بىلەن دۇنيا گىمناستىكا تەنھەرىكىتى ساھەسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇنىڭ تېخنىكىسىغا گىمناستىكا فېدېراتسىيەسى تەرىپىدىن «قۇربانوف» ياكى ئىنگلىزچە «The Kurbanov» دەپ نام بېرىلگەن ئىدى

گىمناستىكا بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە «ئات ئۈستىدىكى ھەرىكەت» بويىچە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن يەنە بىر ئۇيغۇر يىگىتى 19 ياشلىق ھاكىم مۇسايېف بولدى. مەزكۇر مۇسابىقە خورۋاتىيەنىڭ ئوسىيېكې شەھىرىدە بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭدا بىرىنچىلىكنى تەيبېي شەھىرىنىڭ تۇرغۇنى كاي چىن لى، ئۈچىنچى ئورۇننى بېلارۇسىيەلىك ۋاسىلىي مىخالىتسىن ئىگىلىگەن ئىدى. ھاكىم مۇسايېف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ گىمناستىكا بىلەن 6 يېشىدىن تارتىپ شۇغۇللانغانلىقىنى، كۆپرەك كىچىك ئانىسىنىڭ ياردەم بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «قازاقىستان چېمپىيونى بولدۇم. ئاندىن 2013-يىلى تۈركىيەگە بېرىپ، ئۇ يەردە بىرىنچىلىككە ئېرىشتىم. ئاندىن شۇ يىلى تاشكەنت شەھىرىدە بولۇپ ئۆتكەن ئاسىيا ئويۇنلىرىغا قاتنىشىپ، بىر ئالتۇن ۋە بىر كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتىم. كېيىن رۇسىيە، گىرۇزىيە ۋە باشقىمۇ مەملىكەتلەردە ئۆتكەن مۇسابىقىلەردە مۇكاپاتلىق ئورۇنلارغا ئېرىشتىم. خورۋاتىيەدە ئۆتكەن مۇسابىقىدە ئىككىنچى ئورۇننى ئېلىشىم مېنى ناھايىتى خۇشال قىلدى. بۇ ماڭا كېلەچەككە چوڭ ئىلھام بەردى. ئەلۋەتتە، ماڭا بۇ يەردە مېنىڭ ترېنېرلىرىم كۆپ ياردەم بەردى. ئەمدى ئاسىيا ئويۇنلىرىغا قاتنىشىش ئارزۇيۇم بار.»

ھاكىم مۇسايېف ئۆتكەن مۇسابىقىلەردە ئۆزىنىڭ قازاقىستان پۇقراسى سۈپىتىدە مەغرۇرلانغان بولسا، ئىككىنچىدىن، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىر پەرزەنتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«كېنتاۋر» قابىلىيەتلىك تەنھەرىكەتچىلەرگە ياردەم قىلىش جەمئىيەتلىك فوندىنىڭ پرېزىدېنتى، قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن مەشىقلەندۈرگۈچىسى، ئاسىيا گىمناستىكا بىرلەشمىسى كېڭىشىنىڭ ئەزاسى ماخمۇد ئىسكەندەروف شاگىرتلىرى نارىمان قۇربانوف ۋە ھاكىم مۇسايېفنىڭ قولغا كەلتۈرگەن بۇ قېتىملىق نەتىجىلىرىدىن ناھايىتى خۇشال بولغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل قازاقىستان مەملىكىتىنىڭ شەنىنى قوغدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «تارىختىن ئالساق، قازاقىستان تەنھەرىكىتىنىڭ ئەڭ چوڭ بولمىغان تارىخىدىن شۇنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، باشقىمۇ مىللەتلەر قاتارىدا ئۇيغۇر مىللىتىدىنمۇ ئاتاقلىق تەنھەرىكەتچىلەرنى چىققانلىقىنى ياخشى بىلىمىز. مەسىلەن، ھەممىسى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بوكس بويىچە ئىككى قېتىملىق چېمپىيونى، ياۋروپانىڭ كۈمۈش مېدالىنىڭ ساھىبى، ھەر خىل خەلقئارا مۇسابىقىلەرنىڭ غالىبى ئابدۇرېشىت ئابدۇراخمانوفنى ياخشى بىلىدۇ؟ بىزدە ئۇيغۇرلاردىن بوكس بويىچە تەجرىبىلىك ترېنېرلار رەھىمجان سادىقوف، خەمىت بەرايېف، جېلىل جالالوف ئۇيغۇرلارغا ياخشى تونۇش. ئۇلارنىڭ ئىسمى قازاقىستان دائىرىسىدىمۇ مەشھۇر. ئەمدى ھېمىت توختاخۇنوف، زاكىر توختىيېف، غوپۇر توختىيېف، دولقۇن كامېكوف قاتارلىق بوكس، كىك-بوكسىڭ، كاراتې ئوخشاش شەرقنىڭ چېلىشىش ئۇسۇللىرى بويىچە ئاتىقى دۇنياغا مەشھۇر بولغان تەنھەرىكەتچىلەرمۇ كۆپلەپ سانىلىدۇ.»

ماخمۇد ئىسكەندەروف قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىدىن چىققان ئەركىن چېلىشىش بويىچە تۇغلۇق بۇخارباقىيېفنىڭ، شايبا بويىچە خوككېيدىن دۇنيا چېمپىيونى ئاتالغان زارىنا توختىيېۋانىڭ، شاھمات بويىچە دۇنيا چېمپىيونى خېلىل ھەمرايېفنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ قازاقىستاننىڭ خەلقئارادىكى ئاتىقىنى چىقىرىشقا كۆپ كۈچ چىقارغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ كۆپلىگەن شاگىرتلارنى تەييارلاپ، ئۇلارنىڭمۇ ئۇتۇقلارغا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، ھازىر 500 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشايدىغان قازاقىستاندىكى كۆپلىگەن مەكتەپلەردە، تەنھەرىكەت كۇلۇبلىرىدا تەنھەرىكەتنىڭ ھەر خىل تۈرلىرى بويىچە تەربىيىلىنىپ چىقىۋاتقان ھەم قازاقىستان، ئاسىيا، دۇنيا مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرى كۆپلەپ سانىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن غەمخورلۇققا ئېلىنسا، بەزى قىسمى ئۇيغۇر ھامىيلىرى تەرىپىدىن خىراجەت بىلەن تەمىنلەنمەكتىكەن. ئەڭ يۇقىرى ئاتاققا ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچىلەر قازاقىستاننىڭ قازاق، رۇس، ئۇيغۇر تىللىق مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ تۈردە تونۇشتۇرۇلۇپ تۇرماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت