پروفېسسور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئۇيغۇرلارنىڭ 840-يىلدىن بۇرۇنلا ئۇيغۇر دىيارىدا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى

0:00 / 0:00

18-دېكابىر تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدىكى غازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاتاقلىق شائىر، مەشھۇر جامائەت ئەربابى ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم تىلەشۈپ ئۆتكۈر ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىقى، داڭلىق ئۇيغۇر تۈركولوگ مىرسۇلتان ئوسمانوف تۇغۇلغانلىقىنىڭ 85 يىللىقىغا بېغىشلانغان «ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دا سۆز قىلغان تۈركىيەنىڭ ئاتاقلىق داڭلىق تۈركولوگى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تارىخ ۋە تىل تەتقىقات ئورنىغا قاراشلىق تىل تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى پروفېسسور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ مىلادى 840-يىلىدىن ئىلگىرىلا ئۇيغۇر رايونىدا ياشىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پروفېسسور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن «تۈركىي تىللار دىۋانى ۋە مىرسۇلتان ئوسمانوف» ماۋزۇلۇق دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي تارىخى توغرىسىدا توختىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىم خىتاي ۋە باشقا بىر قىسىم ئەللەر تارىخچىلىرى تەرىپىدىن يېزىلغاندەك 840-يىلىدا ئورخۇن-يېنىسەي دەرياسى بويىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر دۆلىتى يىمىرىلگەندىن كېيىنلا ئۇيغۇر رايونىغا كەلمىگەنلىكىنى، 840-يىلىدىن بۇرۇنلا مەزكۇر زېمىندا ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، مىلادى 6-8-ئەسىرلەردىكى كۆكتۈرك قالغانلىقى مەزگىلىدىلا ھازىرقى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ كۆكتۈركلەرنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى، بۇ يەردە ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ياشىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «كۆكتۈرك دۆلىتى كۈچلۈك مەزگىللەردە بۈگۈن ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان زېمىن كۆكتۈركلەرنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا ئىدى. كۆكتۈرك دۆلىتىنى ئۇيغۇرلار 745-يىلىدا يىمىرگەن ۋاقتىدا ئۇيغۇرلار بۈگۈن ياشاۋاتقان زېمىنىدا بار ئىدى. ئەمما 840-يىلى بەك مۇھىم. 840-يىلىدا بۈگۈنكى موڭغۇلىيەدىكى، يەنى ئورخۇن ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى زېمىنىغا كۆچتى. ئەمما ئۇ تارىختىكى ئۇيغۇرلار ئىلى دەرياسى بىلەن كۇچانىڭ شەرق تەرىپىدە ئىدى. خاقانىيە، يەنى قاراخانىيلار مەزگىلىدە شۇنداق ئىدى. مەخمۇت قەشقىرى ‹دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك› ناملىق ئەسىرىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بەزى شېئىرلارنى يازغان ئىدى. ئۇ، ئۇيغۇرلارنى «كاپىر» دېگەن ئىدى. ئەمما مەخمۇت قەشقىرى دېگەن ئۇيغۇرلار ئىلى دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدە ئىدى. قاراخانىيلار دۆلىتىدىكى ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان ئىدى، ئىلى دەرياسى بىلەن كۇچانىڭ شەرقىدىكى ئۇيغۇرلار بۇددىست ئىدى. مەخمۇت قەشقىرى ئۆز ‹دىۋانى›دا كۇچاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددىست ئىكەنلىكىنى يازىدۇ. ئۇنداقتا كۇچانىڭ غەربىدە كىملەر بار ئىدى؟ ئۇ يەردە خاقانىيەلىكلەر بار ئىدى. مەخمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپلار زامانىدىكى قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ پايتەختى قەشقەر ئىدى. بەزى تارىخ كىتابلىرىدا يېزىلغاندەك ئۇيغۇرلار 840-يىلىدا بۇ رايونغا كەلگەن ئەمەس.»

پروفېسسور دوكتور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ھازىرقى ئۇيغۇر ئېتنىك كىملىكى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
«بىزنىڭ تارىخىمىز ئۇيغۇرنى، ئوغۇزنى، قىپچاقنى، قارلۇقنى، ياغمىنى بىر-بىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ قويىدۇ. ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن مەخمۇت قەشقىرىنى بىزنىڭ ئاتىمىز دەيدۇ؟ يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىزنىڭ ئاتىمىز دەيدۇ؟ چۈنكى بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار خاقانىيەلىكلەرنىڭمۇ ئەۋلادلىرى، ئىلىنىڭ ۋە كۇچانىڭ غەرب تەرىپىدىكى خاقانىيەلىكلەرنىڭمۇ ئەۋلادلىرىدۇر. بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تەرىپىدە تارىختىكى ئۇيغۇرلارمۇ بار، خاقانىيە دۆلىتى تەركىبىدىكى قارلۇقلارمۇ، ياغمىلار ۋە چىگىللەرمۇ بار. ئۇنىڭ ئۈچۈن ‹تۈركىي تىللار دىۋانى›، ‹قۇتاتقۇبىلىك› قاتارلىق ئەسەرلەر بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا يادىكارلىقلىرى ھېسابلىنىدۇ. ‹تۈركىي تىللار دىۋانى›دا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بەزى شېئىرلارنى كۆرۈپ، مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ دەپ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇيغۇر نامى 20-ئەسىردە ھازىرقى ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن بىر ئىسىم. بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار تارىختىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ، خاقانىيەنىڭ ئەۋلادلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيەدىكى ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى، تارىخ پەنلىرى دوكتورى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ پروفېسسور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇننىڭ پىكرىگە قوشۇلۇپ، قەدىمكى خىتاينىڭ «خەننامە» دېگەن كىتابىدا ھازىرقى ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان زەمىننىڭ ھۇنلارغا تەۋە دەپ يېزىلغانلىقىنى، ھونلار ۋە دىڭلىڭلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتىسى دەپ قوبۇل قىلسا قەدىمدىن تارتىپ بۇ زېمىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ياشىغانلىقىنى، 840-يىلى ھازىرقى موڭغۇلىيەدىكى ئۇيغۇر دۆلىتى يىقىلغاندىن كېيىن كۆپ ساندا ئۇيغۇرنىڭ كۆچۈپ كېلىشى بىلەن زېمىننىڭ ئۇيغۇرلاشقانلىقىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئېيتىشىچە 840-يىلىدىن بۇرۇن ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر بارمىدى؟ دېگەن سوئال تارىخچىلار ئارىسىدا تالاش-تارتىشىلىپ كېلىۋاتقان مەسىلە ئىكەن.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئەسلىدە خىتاي مەنبەلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ 840-يىلىدىن بۇرۇنلا بۇ رايوندا ياشاۋاتقانلىقى توغرىسىدا مەلۇماتلار بولسىمۇ، بەزى تارىخچىلار تارىخقا سىياسىي تۈس بېرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ 840-يىلىدا بۇ رايونغا كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەۋاتقانلىقىنى دېدى.