ياپونىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان يەرلىك تەيۋەنلىكلەرنىڭ تەشكىلاتى بولغان تەيۋەن مۇستەقىللىقى بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 2-ئاينىڭ 24-كۈنى توكيودا 28-فېۋرال تەيۋەن ۋەقەسىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.
1947-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەيۋەندە ھۆكۈمەتكە قارشى يەرلىك تەيۋەن خەلقىنىڭ نارازىلىق، قارشىلىق ھەرىكىتىنى قوراللىق باستۇرغان ئىدى. شۇ قېتىملىق ئاق تېررورلۇق ھەرىكىتىدە ئونمىڭدىن، ئوتتۇز مىڭغىچە كىشى ئۆلتۈرۈلۈپ، كۆپلىگەن كىشىلەر تۈرمىلەرگە قامالغان. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يەرلىك تەيۋەنلىكلەر شۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئۆلۈپ كەتكەن قېرىنداشلىرىنى ئەسلەش يۈزىسىدىن بۇ كۈننى خاتىرىلەپ كەلمەكتە. ياپونىيىدىكى تەيۋەن مۇستەقىللىق بىرلىكى تەشكىلاتىمۇ ھەر يىلى بۇ پائالىيەتنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.
بۇ يىلقى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئاسىيانىڭ ئەركىنلىكى، دېموكراتىيىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېڭىشىنىڭ رەئىسى تىبەتلىك پىما گارپۇر، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت، جەنۇبىي موڭغۇلىيە دېموكراتىك پارتىيىسىنىڭ باش كاتىپى دايچىن قاتارلىقلار قاتناشقان ۋە مۇھىم سۆزلەرنى قىلغان. ئۇلار خىتايدىكى مۇستەملىكە مىللەتلەر بىلەن تەيۋەنلىكلەر ئورتاق دوستلۇق ئورنىتىپ، بىر غايە، بىر نىشان بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىش ئېلىپ بارغاندا، خىتاي كومپارتىيىسىگە قارشى چوقۇم غەلىبە قازانغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۆزلىرىنىڭ پىكىرلىرىنى بايان قىلغان.
بىز بۇ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇتقا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.