مەلۇم بولۇشىچە، 28-فېۋرال كۈنى تەيۋەننىڭ تەيبېي شەھىرىدە 1947-يىلى يۈز بەرگەن «28-فېۋرال قىرغىنچىلىقى» نىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.
بۇ پائالىيەتكە، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت ئەپەندى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ۋە بىر قىسىم مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئورتاقلىقى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
«28-فېۋرال قىرغىنچىلىقى»نى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىدىن بىرى، 28-فېۋرال ۋەقەسىنى خاتىرىلەش فوندى جەمئىيىتى ۋە 28-فېۋرال دۆلەتلىك خاتىرە سارىيىنىڭ دىرېكتورى ياڭ جىڭلوڭ ئەپەندىدىن ئىگىلىشىمىزچە، 1947-يىلى 27-فېۋرال كۈنى، قانۇنسىز تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان بىر مەزلۇم ئايالنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىلەر تەرىپىدىن قاتتىق خارلانغانلىقى، تەيۋەن خەلقىنىڭ ئەسلىدىن چىداپ بولالمايۋاتقان ناھەقچىلىكلەر ۋە زۇلۇملارغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈشىگە ئوت ياققان بولۇپ، شۇ كۈنى خەلق بىلەن ھاكىمىيەت تەرەپدارلىرى ئارىسىدىكى سۈركىلىشتە خەلق تەرەپتىن بىر كىشى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئەتىسى پۈتۈن تەيۋەن خەلقى بىرلىشىپ، شۇ چاغدىكى گومىنداڭ ھاكىمىيىتىدىن ئادالەت تەلەپ قىلىپ قوزغالغان بولسىمۇ، ئەمما قانلىق باستۇرۇلغان. شۇنىڭدىن بېرى تەيۋەن خەلقى تەرىپىدىن ئەسلىنىپ كېلىۋاتقان بۇ ۋەقە 1990-يىللاردىن كېيىن، ئاشكارا شەكىلدە خاتىرىلىنىشكە باشلىغان.
بۇ قېتىمقى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە زۇلۇمغا قارشى مەزلۇملارغا ھېسداشلىق قىلىش يۈزىسىدىن، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئىلھام ماھمۇت ئەپەندى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان.
28-فېۋرال كۈنى، تەيۋەننىڭ تەيبېي شەھىرىگە يېتىپ بارغان ئىلھام ماھمۇت ئەپەندى سىپرۇستا ئۆتكۈزۈلگەن «1-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىستراتېگىيىلىك مۇھاكىمە يىغىنى» دىن 27-فېۋرال قايتقان ئىدى.
ئىلھام ماھمۇت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىش جەريانىدا ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
ئۇ، ئالدى بىلەن تەيۋەن خەلقى تەرىپىدىن خاتىرىلىنىپ كېلىۋاتقان« 28-فېۋرال قىرغىنچىلىقى»غا ئالاقىدار بىلگەنلىرىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ يەنە بۇ پائالىيەتتە كۆرگەنلىرى ۋە ھېس قىلغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىككە ئالاقىدار دەلىل-ئىسپاتلارنى توپلاشنىڭ تارىخىي قىممىتى يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇ مەسىلىگە ئەھمىيەت بېرىشىنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلىدى.