«30 يىل ئىلگىرىكى شىنجياڭ» ۋە بۈگۈنكى ئانا تىل پاجىئەسى
2013.04.19

گېرمانىيىلىك زىيارەتچى پېتېر شول تەرىپىدىن 1981 - يىلى فىلىمغا ئېلىنغان «30 يىل ئىلگىرىكى شىنجياڭ - خىتاينىڭ غەربىي جەزىرىسى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئەينى يىلى گېرمانىيىنىڭ ز د ف تېلېۋىزىيە قانىلىدا كۆرسىتىلگەن بولۇپ، 2012 - يىلى دېكابىر ئېيى يۇتۇب قاتارلىق تور بەتلىرىگە ئېچىۋېتىلگەن.
«30 يىل ئىلگىرىكى شىنجياڭ» دا تەسۋىرلەنگەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەمەلىي ۋەزىيىتىگە كۆز يۈگۈرتكەن كىشىلەر، بۇ 30 يىلدا ئۇيغۇرلارنىڭ نېمىگە ئېرىشىپ، نېمىلەرنى يوقاتقانلىقىنى ئويلىماي تۇرالمايدۇ.
فىلىم ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ 1949 - يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانلىقى، فرانسىيە دۆلىتىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە باراۋەر چوڭلۇقتىكى بۇ زېمىندا ياشايدىغان خىتايلارنىڭ سانى 1949 - يىلى ئاران 300 مىڭ كىشى بولسىمۇ، 1981 - يىلىغا كەلگەندە 5 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەنلىكى، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي تىللىق مۇسۇلمان مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بۇ تۇپراقنىڭ خىتاي ئۈچۈن كەلگۈسىدە ئېغىر باش ئاغرىقى پەيدا قىلىدىغانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلار بىلەن باشلانغان.
فىلىمدا ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ جەنۇب، شىمالىدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ مەسچىتلەردە ئەركىن ئىبادەت قىلىۋاتقانلىقى، ئۆز ئانا تىلىدا دەرس ئاڭلاۋاتقانلىقى، مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋولى بولغان ياغلىق، رومال ئارتقان، ساقال، بۇرۇت قويغان، دوپپا كەيگەن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي مىللىتىدىن تۈپتىن پەرقلىق بىر خەلق ئىكەنلىكى ئۇلارنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ پىكرى بويىچە ئېيتقاندا، فىلىمدا تەسۋىرلەنگەن1981 - يىلىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئارىدىن 32 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندىكى ئۇيغۇرلارنى سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ زادى نېمىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگىلى بولمىسىمۇ، نېمىلەردىن مەھرۇم قېلىۋاتقانلىقىنى تەمتىرىمەي ساناپ بەرگىلى بولىدۇ. بۈگۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەت 1981 - يىلىدىكى ۋەزىيەتكە سېلىشتۇرغاندا زور دەرىجىدە قاباھەتلىك. ئۇيغۇرلار ھەممە ھەق - ھوقۇقلىرىنى تارتقۇزۇپ قويۇپلا قالماي، ھازىر ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ ساقال - بۇرۇتلىرىغا، رومال، ياغلىقلىرىغا، دوپپىلىرىغا ئىگە چىقالمايدىغان دەرىجىگە چۈشۈپ قالدى. بۈگۈنكى كۈندە ھەممىدىنمۇ پاجىئەلىك بولۇۋاتقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلدا دەرس ئاڭلاش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قېلىۋاتقانلىقى بولۇپ، خىتاينىڭ 2025 - يىلىغىچە ئۇيغۇر ئىلىدە ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇشنى نىشان قىلغان «قوش تىللىق مائارىپ» نىقابىدىكى ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتى نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ خەتەر بولماقتا.
ئۇيغۇر ئىلىدىكى بىر تۈركۈم ۋەتەنپەرۋەر زىيالىيلار بۈگۈن ئەسلىدىلا ئۆزلىرىنىڭ تەبىئىي ھەققى بولغان ئانا تىلدا دەرس ئاڭلاش ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش يولىنى تاللىماقتا. ئەنۋەرجان ئەپەندى، ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپ» قا قارشى جەڭ ئېلان قىلغان بۇ ئەزىمەتلەرنىڭ جاسارىتىگە ئاپىرىن ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ «قوش تىللىق مائارىپ» سىياسىتىنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.
«30 يىل ئىلگىرىكى شىنجياڭ - خىتاينىڭ غەربىي جەزىرىسى» ناملىق فىلىم 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى تور بەتلەرگىمۇ يوللانغان. كۆرۈلۈش قېتىم سانى بىر مىليوندىن ئاشقان، ئاۋاز قاتناشتۇرغۇچىلار سانى 30 مىڭدىن ھالقىغان. «ئانا تىل مەكتەپلىرىنى قۇرۇش» تېمىسىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئۆزلىرىنىڭ بۈگۈنكى ھالى بىلەن 1981 - يىلىرىدىكى ۋەزىيەتنى سېلىشتۇرۇپ ھەسرەت چەكمەكتە.
http://bbs.bagdax.cn/thread-17494-1-1.html
https://www.youtube.com/watch?v=HT7DNH7w8b4