2015-يىلى 13-ماي چارشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا ئەندىجان ۋەقەسىنىڭ 10-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
مەزلۇملار جەمئىيىتىنىڭ ئىستانبۇل شۆبىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىندا، ئاممىۋى تەشكىلاتلار مەسئۇللىرى بىردەك، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، كىشىلىك ھوقۇق ۋە مەزلۇملار ئۈچۈن ھەمكارلىق جەمئىيىتى، خەلقئارا تۈركىستانلىقلار ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى خەلقئارا جامائەتنى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۆزبېكىستان خەلقى بىلەن ھەمكارلىشىشقا چاقىرىق قىلدى.
2015-يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ ئەندىجان شەھىرىدە يۈز بەرگەن ۋە كۆپ ساندا كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋەقەنىڭ 10-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئۈچ جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئىمزا قىلغان تىنچلىق باياناتىنى تۈركىستان دەر جەمئىيىتى رەئىسى بورھان قاۋۇنجى ئوقۇدى.
باياناتتا، ئەندىجان قەتلىئامىنىڭ جاۋابكارى ئىسلام كەرىمۇف ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ چوڭ قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلغان دۇنيا جامائىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەنقىد قىلىندى.
بورھان قاۋۇنجى سۆزىدە، ئەندىجان ۋەقەسىنىڭ «ئىمانغا بارىدىغان يول» دېگەن نامدىكى كىتابنىڭ ئاپتورى ئەكرەم يولداشۇف قاتارلىق 23 نەپەر كىشىنىڭ سوتقا تارتىلىشى بىلەن باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
بورھان قاۋۇنجى، سوتقا تارتىلغانلارنى قوللاش ئۈچۈن يىغىلغان ۋە كەرىمۇف ھاكىمىيىتىگە قارشى نامايىش قىلغان نامايىشچىلار دەسلەپتە زورلۇق بىلەن تارقىتىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى كېيىن قوراللىق كۈچلەر تەرىپىدىن ئوق يامغۇرىغا تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. ۋە سوت مەھكىمىسى ئالدىدا 20 كىشىنىڭ ئۆلگەنگەنلىكىنى كېيىن بۇ ۋەقە ئۆزبېكىستاننىڭ باشقا رايونلىرىغىمۇ كېڭىيىپ نەچچە مىڭ كىشى كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
بورھان قاۋۇنجى سۆزىدە يەنە ئەندىجان ۋەقەسىدە رەسمىي رەقەملەرگە كۆرە 189 كىشى، مۇخالىپلارنىڭ مەنبەلىرىگە قارىغاندا 3 مىڭ كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ، مۇشۇنچىلاۋا چوڭ قەتلىئام يۈز بەرگەن بولسىمۇ ئىسلام كەرىمۇف ھاكىمىيىتىگە قارشى ھېچ قانداق بىر جازا يۈرگۈزۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە پۈتۈن خەلقئارا تەشكىلاتلارنى خۇسۇسەن تۈركىيە خەلقىنى ۋە رەھبەرلىرىنى ئۆزبېكىستان خەلقى بىلەن ھەمكارلىشىشقا چاقىرىق قىلىمىز، دېدى.
يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلدى.
ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە، 10 يىل ئىلگىرى ئەندىجاندا ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىقنى خاتىرلىگىنىمزدە، تۇنجى ئېسىمىزگە كەلگىنى شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقلار بولدى، دېدى.
«تۈركىستان دەر»نىڭ باش كاتىپى ئەندىجاندا يۈز بەرگەن بۇ قەتلىئامنىڭ تۈركىيەگە ۋە ئىسلام دۇنياسىغا بولغان تەسىرى، ئۆزبېكىستان بىلەن شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇناسىۋىتى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قانداق قۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا توختالدى.
بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن يىغىنغا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان ۋە ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.