توكيودا «شەرقىي تۈركىستان نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالدى» دېگەن تىمىدا دوكلات بېرىلدى

0:00 / 0:00

2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى توكيونىڭ پورت رايونىدىكى يىغىن زالىدا ياپونىيە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالدى» دېگەن تىمىدا دوكلات سۆزلەنگەن. بۇ قېتىمقى دوكلات ياپونىيىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم تەرىپىدىن بېرىلگەن.

دوكلاتنىڭ بىرىنچى قىسمىدا 18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچكى - تاشقى ۋەزىيىتى، جۇڭغارلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى، مەنچىڭ خاندانلىقىنىڭ كېڭەيمىچىلىكى، ئىككىنچى قىسمىدا مەنچىڭ خاندانلىقىنىڭ قانداق قىلىپ شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغانلىقى، ئۈچىنچى قىسمىدا شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ مەنچىڭ خاندانلىقىغا ئۈزلۈكسىز قارشىلىق كۆرسىتىش كۈرىشىنىڭ نەتىجىسىدە ياقۇپ بەگنىڭ قەشقەرىيە دۆلىتىنى قۇرۇشى، تۆتىنچى قىسمىدا ئەنگىلىيە، رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى بۈيۈك ئويۇنلار تۈپەيلىدىن قەشقەرىيە دۆلىتى قۇربان قىلىنىپ، مەنچىڭ خاندانلىقىنىڭ ئىككىنچى قېتىم شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋېلىشى ۋە ئاتالمىش شىنجاڭ ئۆلكىسىنى قۇرۇشى، بەشىنچى قىسمىدا 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىنىڭ 1933 - يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 1944 - يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولغانلىقى، ئالتىنچى قىسمىدا بولسا ستالىن ۋە سۆۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز مەنپەئەتلىرىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيىتىنى ۋەيران قىلىۋەتكەنلىكى ۋە بۇ جۇمھۇرىيەتنى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئاسانلا بېسىۋالغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر بايان قىلىنغان. مەزكۇر دوكلات كەچ سائەت سەككىزدىن ئونغا قەدەر داۋاملاشقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى دوكلاتقا توكيودىكى ھەر ساھە ئاممىسىدىن بولۇپ تەخمىنەن يۈزگە يېقىن كىشى قاتناشقان.

بىز مەزكۇر دوكلات بېرىش پائالىيىتى ھەققىدە تولۇق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.