ھازىر نيۇيوركتا ژۇرنالىستلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان، ياپونىيىدە تونۇلغان ژۇرنالىستلاردىن ئىشى ھىرويۇكى ۋە ئىشى كىمىكو قاتارلىقلار بىرلىكتە يازغان، ياپونىيە يوسېن نەشرىياتى تەرىپىدىن يېقىندا نەشر قىلىنغان «تۆمۈر سىملىق توسۇقلارنىڭ تارىخى» ناملىق سەككىز باب، 286-بەتلىك كىتابتا تۆمۈر سىملىق توسۇقلارنىڭ دۇنيادا ئىشلىتىلىشى ھەققىدە توختىلىپ، ئەڭ ئاۋۋال ئىنسانلار تۆمۈر سىملىق توسۇقلارنى چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق ۋە باغۋەنچىلىكتە قوللانغان بولسا، كېيىنچە بۇنى دۆلەتلەر ئارا شەكىللەنگەن چېگرالاردا، تۈرمىلەردە ۋە شۇنداقلا بىر قىسىم مىللەتلەر توپىنى باشقا مىللەتلەرنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىدىن ئايرىش مەقسىتىدە قوللانغانلىقىنى تارىخىي پاكىتلار ئارقىلىق چۈشەندۈرگەن.
مەزكۇر كىتابنىڭ «دۇنيادىن ئايرىپ تۇرىدىغان چېگرالار» ناملىق ئالتىنچى بابىنىڭ «يېڭى سەددىچىن سېپىلى» دېگەن بۆلىكىدە، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ تەشۋىقات ئۇچۇرلىرى، گېزىتلىرىگە ئاساسلانغاندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غەربىدە 480 كىلومېتىرلىق چېگرا تۆمۈر سىملىق يېڭى سەددىچىن سېپىلى قۇرۇلۇشى 2000-يىلىدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىتاينىڭ چوڭ تىپتىكى چېگرا مۇداپىئە قۇرۇلۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتايدىكى ئەڭ ئۇزۇن چېگرالار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى 5700 كىلومېتىرلىق چېگرا بولۇپ، چەتئەللەر بىلەن ئەڭ كۆپ تۇتىشىدىغان جايلارنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇر ئېلى ئافغانىستان، موڭغۇلىيە، ھىندىستان، پاكىستان، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چېگرىلىنىدۇ. ئۇندىن باشقا كىتابتا ئۇيغۇر ئېلىدە ئون ئۈچ ئاز سانلىق مىللەتنىڭ ياشايدىغانلىقى، خىتايدىن باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئومۇمى نوپۇسى ئون مىليون ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاينىڭ 2000-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى چېگرالارنى قايتىدىن ياسىشى توغرىسىدىكى سەۋەبلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلاردىن ئەندىشە قىلىشى سەۋەبىدىن ئىكەنلىكى ھەققىدە ياپونىيىلىك تەتقىقاتچى ياماگۇچى مۇنداق دېدى:
-1990-يىلى يۈز بەرگەن بارىن ئىنقىلابىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن چۆچۈپ كېتىپ ئۇيغۇرلارغا ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان سىياسىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.
ئاپتورلار كىتابىدا، بۇ رايوندىكى مىللەتلەرنىڭ يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ، ئىسلام دىنىدا بولۇپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ قەدىمى مىللەتلەردىن ئىكەنلىكىنى، ئۆز مۇستەقىللىقى ئۈچۈن خىتاينىڭ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ ھازىرغىچە بۇ رايوندا مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىنغان شۇنداقلا كىتابتا دۇنيا مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىسلام ئەللىرىدىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلاردىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىشىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي كۆزەتكۈچىلەردىن دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
ئاپتورلار كىتابىدا 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە، خىتاي مەتبۇئاتلىرى 197 نەپەر كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بايان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقەدە ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئۈچ مىڭ ئەتراپىدا دەپ دۇنياغا جاكارلىغانلىقىنى، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى بولسا،خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى شاۋگۇەن ئويۇنچۇق زاۋۇتىدىكى ئىشلەمچى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن كوللېكتىپ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بولۇپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىنىڭ قانۇن ئالدىدا قانۇنلۇق بىر تەرەپ قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان ھالدا ئۈرۈمچىدە تىنچلىق نامايىشى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئاقىۋەتتە ئۇلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن خىتاي ساقچى، ئەسكەرلىرى بىلەن توقۇنۇش يۈز بېرىپ نامايىشچىلارنىڭ قاتتىق باستۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلغان.
كىتابتا، 1997-يىلى 5-فېۋرال ئىلى ۋەقەسى ئەسلەپ ئۆتۈلگەن بولۇپ، ئەينى چاغدىكى ئىلىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى، دىنىي ئېتىقادىنى قوغداش يۈزىسىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن، دىنىي ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بارغان نامايىشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 30 مىڭ كىشىلىك ئەسكىرى كۈچى بىلەن قاتتىق باستۇرۇلغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
ئاپتورلار كىتابىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى، ھەربىي، قوراللىق ساقچى ۋە بىڭتۇەن قاتارلىق ئورگانلاردىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرىدىغان كۈچلىرىگە قانائەت قىلماي، ئۇيغۇر ئېلىدە ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن ئەنسىرەپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى كۆپلىگەن ئەسكىرى كۈچلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە تۈركۈم-تۈركۈملەپ يۆتكەپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن بۇنچىلىك ئەنسىرەپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى، چەتئەلدىكى تارقاق شەكىلدە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈچلىرىنىڭ 1990-يىلىدىن باشلاپ ئۆز-ئارا بىرلىك ھاسىل قىلىپ، 2004-يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى قۇرۇپ چىقىپ، خەلقئارادىكى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلات ۋە بىر قىسىم دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى دۇنياغا ئاشكارىلاش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلەشنى قانات يايدۇرغانلىقتىن دەپ پەرەز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.