ھونگارىيە پايتەختى بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلگەن 2018-يىللىق «دۇنيا تۇران قۇرۇلتىيى» غا ئۇيغۇر ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى. 10-ئاۋغۇست باشلىنىپ 12-ئاۋغۇست ئاخىرلاشقان بۇ يىللىق «دۇنيا تۇران قۇرۇلتىيى» غا ياۋروپا ئەللىرى، قازاقىستان ۋە تۈركىيەدىن كەلگەن ئۇيغۇر سەنئەتكارلار ھەمدە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئاكتىپلار قاتناشتى.
قازاقىستاندىن مەزكۇر قۇرۇلتاي مەخسۇس ئۇيغۇر ھەيئىتىنى باشلاپ كەلگەن پېشقەدەم ئۇيغۇر پائالىيەتچى ۋاققاس ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بىزگە مەلۇمات بەردى.
10-ئاۋغۇست كۈنى بۇداپېشتتا باشلانغان «دۇنيا تۇران قۇرۇلتىيى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ھونگارىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇراسىمغا 28 دۆلەتتىن كەلگەن ۋەكىللەر ئىشتىراك قىلغان. ۋاققاس ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ھونگارىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ساندور لېزساق ئەپەندى بىلەن ھونگارىيە تۇران بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئاندىراس بىرو ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىگەن بولۇپ، ئۇلار سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىمۇ تىلغا ئالغان.
11-ئاۋغۇست كۈنى ئەتىگەن تۇران قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەيداندا قەدىمكى ھونلار بىلەن تارىخىي ۋە مەدەنىيەت يىلتىزى باغلىنىدىغان ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تۈرلۈك مىللىي سەنئەت نومۇرلىرى ۋە نەق مەيدان ئەمەلىي ماھارەتلىرىنى كۆرسەتكەن. قەدىمكى ھونلار ۋە ساقلارنىڭ جەڭ كىيىملىرى بىلەن جابدۇنغان چەۋەندازلارنىڭ كەڭرى سەينادا كۆرسەتكەن ئاتلىق جەڭ ماھارەتلىرى، قىلىچۋازلىق، ئوقيا ئېتىش ۋە قامچىۋازلىق قاتارلىق ئەمەلىي ماھارەتلەر مەيدانغا توپلانغان تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپ مىللەتلەرنىڭ كۈچلۈك ئالقىشلىرىغا سازاۋەر بولغان.
ۋاققاس ئەپەندى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر ئاتلارغا مىنىپ پاراتتىن ئۆتكەندە ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭمۇ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى لەپىلدىتىپ مەيدانغا كىرىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، تۇران قۇرۇلتىيىغا تۈرك-ھون ئىرقىغا مەنسۇپ 28 مىللەتنىڭ يۈزمىڭلارچە ۋەكىللىرى قاتناشقانلىقى مەلۇم. نەسلى ۋە مەدەنىيەت يىلتىزى بىر بولغان بۇ مىللەتلەر ئارىسىدا بىرلىك ۋە قېرىنداشلىق رىشتىسىنى باغلاش بۇ قېتىمقى «تۇران قۇرۇلتىيى» نىڭ تۈپ مەقسىتى قىلىنغان ئىكەن. 11- ۋە 12-ئاۋغۇست كۈنلىرى ئەنگلىيەدىن كەلگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچى رەھىمە مەخمۇت خانىم نەق مەيداندا «ئۇچراشقاندا» ناملىق ناخشىنى ئېيتىپ مەيداننى ئالقىش سادالىرىغا تولدۇرغان. ئارقىدىن قازاقىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئۇيغۇر ئۇسسۇلى ئورۇنداپ پۈتۈن مەيداننىڭ كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن. مىڭلىغان تاماشىبىنلار ئۈزۈلدۈرمەي چاۋاكلار چالغان. رەھىمە مەخمۇت خانىم نەق مەيداندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ مەنزىرىنى مۇنداق تەسۋىرلىدى.
قازاقىستاندىن ئۇيغۇر سەنئەتچىلەرنى باشلاپ كەلگەن ۋاققاس ئەپەندى بۇ يىل «دۇنيا تۇران قۇرۇلتىيى» نىڭ 10 يىللىقىنىڭ خاتىرىلەنگەنلىكىنى، 10 يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزچىل ھالدا بۇ قۇرۇلتايغا قاتنىشىپ كەلگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
تۈركىيەدىكى قىرىقەلئە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە كەسپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، پروفېسسور بىلگىخان ئاتسىز گۆكداغ ئەپەندى ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «قۇرۇلتايغا تۈرك دۇنياسىدىن كەلگەن سەنئەتچىلەرمۇ قاتناشتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر سەنئەتچى رەھىمە مەخمۇت خانىممۇ بار. بىز ئۇنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلاپ بەك تەسىرلەندۇق. ئۇ سەنئەتكار ئابدۇررەھىم ھېيت تۇنجى بولۇپ ئېيتقان ‹ئۇچراشقاندا› ناملىق ناخشىنى ئورۇندىدى. ھەممىمىز بەك تەسىرلەندۇق. رەھىمە مەخمۇت خانىم ھەممە يەردە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان بىر سەنئەتكاردۇر. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەر دائىم، دۇنيانىڭ ھەرقانداق جايىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ تۇرۇش كېرەك. بۇ قېتىملىق تۇران قۇرۇلتىيىدىمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلدى.»
قازاقىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللەر تىككەن چېدىر تۇران قۇرۇلتىيىغا كەلگەنلەرنىڭ ئەڭ ئاۋات زىيارەتگاھىغا ئايلانغان ئىدى. چېدىر ئەتراپىغا ئورنىتىلغان سەنئەتلىك كۆرۈنۈشلەر، چېدىر ئىچىدە كۆرگەزمە قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلىرى، ئۇيغۇرچە كىتابلار، ئۈن-سىن بۇيۇملىرى ۋە ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار زىيارەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. پۈتۈن مەيداندا ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن قىزغىن مۇئامىلە، قىزىقىش ۋە يېقىنچىلىق كەيپىياتى كۆرسىتىلمەكتە ئىدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كۆرگەزمىلىرى ۋە سەنئەت ماھارەتلىرى باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قارىغاندا تاماشىبىنلارنى ئالاھىدە جەلپ قىلغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، 2008-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ۋەكىللىرى ھەر يىلى تۇران قۇرۇلتىيى بىلەن ھونلار قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ كەلمەكتە. ئىلگىرىكى يىللاردا د ئۇ ق رەھبەرلىرىمۇ ئىزچىل ھالدا بۇ قۇرۇلتايلارغا تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، 2016-يىلىدىن تارتىپ خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن تەكلىپ قىلىنمىغان.
0:00 / 0:00