ئاي يۇلتۇزلۇق كۆكبايراق ۋە ئۇيغۇر چېدىرىنىڭ تۇران قۇرۇلتىيىدىكى ھېكايىسى (3)

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016.08.18
turan-majar-wengiriye-qurultay-011.jpg 6-نۆۋەتلىك تۇران قۇرۇلتىيىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنى ئېگىز كۆتۈرگەن چەۋەنداز پۈتۈن مەيداننى ئىككى قېتىم پىرقىراپ چىققان ھەمدە قۇرۇلتاي سەھنىسىنىڭ 1-بايرىقى بولۇپ تىكلەنگەندىن سىرت، يەنە ئۈچ ئاممىۋى ئورۇنغا قادىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققەت-ئېتىبارىنى تارتقان. 2016-يىلى 12-ئاۋغۇست، بۇداپېشت ۋېنگىرىيە.
RFA/Ekrem

ئاي يۇلتۇزلۇق كۆكبايراق 6-نۆۋەتلىك تۇران قۇرۇلتىيى سەھنىسىنىڭ 1-بايرىقى بولۇپ تىكلەنگەندىن سىرت، يەنە ئۈچ ئاممىۋى ئورۇنغا قادىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققەت-ئېتىبارىغا ئۇلاشتى.

8-ئاينىڭ 12-14-كۈنلىرى ۋېنگىرىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 6-نۆۋەتلىك تۇران قۇرۇلتىيىدا د ئۇ ق رەھبەرلىرىدىن ئۈمىد ئاگاھى، دولقۇن ئەيسا ھەمدە قازاقىستان، ئەنگلىيە، گوللاندىيە، شىۋېتسىيە ئەللىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار بۇ يەردىكى قانداش مىللەتلەر تەرىپىدىن زور ھۆرمەت ۋە ئىززەت بىلەن قارشى ئېلىندى. ئۇيغۇرلار مەسىلىسىمۇ كۆكبايراق ئارقىلىق ۋە ئوخشاش بولمىغان سورۇنلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىش ئۇسۇلى بىلەن كەڭ تونۇتۇلدى.

ئەمما 5-نۆۋەتلىك تۇران قۇرۇلتىيىدىن ئىلگىرىكى ۋەزىيەت باشقىچە ئىدى. 2014-يىلى 24-ماي كۈنى ۋېنگىرىيە پايتەختى بۇداپېشتتا 16 دۆلەتتىن كەلگەن 35 نەپەر ئۇيغۇرلار ساقچىلار تەرىپىدىن «تېررور گۇماندارى» ئاتىلىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان، يىغىننى تەشكىللىگەن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى ۋېنگىرىيە بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن «تېررورچى» گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ، 16 سائەت سولاپ قويۇلغان ھەمدە بىر يىلغىچە ۋېنگىرىيەگە قەدەم باسماسلىق شەرتى بىلەن چېگراسىدىن چىقىرىۋېتىلگەن ئىدى.

ۋېنگىرىيە خەلقى تەرىپىدىن تۇران قۇرۇلتىيى باشلانغان 2006-يىلىدىن بۇيان قىزغىن قارشى ئېلىشلارغا ئېرىشىپ كەلگەن ئۇيغۇرلار، نېمە سەۋەبتىن توساتتىن تۇتقۇن قىلىشلارغا ئۇچرايدۇ؟

ۋېنگىرىيە پارلامېنتىدىكى بىر مىللەت ۋەكىلى ۋەقە يۈز بېرىپ بىر قانچە ئايدىن كېيىن، ئۈمىد ئاگاھىغا ئىشنىڭ ئارقا يۈزىنى ئاشكارىلايدۇ. ئۈمىد ئاگاھىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كىشى ئۇنىڭغا مۇنداق مەلۇمات بېرىدۇ: «2014-يىلىنىڭ باشلىرىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھازىرقى رەئىسى شۆھرەت زاكىر باشچىلىقىدىكى بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋېنگىرىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ. 3 نەپەر ئۇيغۇر ۋە كۆپلىگەن خىتايلاردىن تەشكىل تاپقان بۇ ۋەكىللەر ئۆمىكى زىيارىتى ئەسناسىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا بىر تېررورچى تەشكىلات. بۇ تەشكىلاتنىڭ خادىملىرى ئۇيغۇرلارغا ۋەكىل بولالمايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ۋەكىللىرى بىز. ئۇيغۇرلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياشايدۇ. چەتئەللەردىكى بىر قىسىم مىللىي بۆلگۈنچىلەر ئۆزلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى ئاتىۋېلىشىپ، جۇڭگوغا قارشى سىياسىي سۇيىقەستلەردە بولماقتا. ئۇيغۇر خەلقىنى تېررورچىلىق ھەرىكەتلىرىگە كۈشكۈرتۈپ، ئۇيغۇر-خەنزۇ مىللەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى بۇزماقتا، خەنزۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، دۆلەتنى پارچىلاش غەرىزىدە بولماقتا. تۇران ۋە ھونلار قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە قۇچاق ئېچىشى ۋە ئۇلارنى سىياسىي سەھنىلەر بىلەن تەمىنلىشى، جۇڭگو-ۋېنگىرىيە مۇناسىۋەتلىرىگە ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدۇ» دەيدۇ ھەمدە ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتىدىن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى تۇران، ھون قۇرۇلتايلىرىغا قاتنىشىشتىن چەكلەشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئۈمىد ئاگاھىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى دىپلوماتىك سۇيىقەست، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2012-يىلى د ئۇ ق رەھبەرلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنى تۇران قۇرۇلتىيىدىن چەتلەشتۈرۈش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرلىرى كارغا كەلمىگەندىن كېيىن قوللانغان ئىككىنچى چارىسى ئىدى.

ئۈمىد ئاگاھىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋېنگىرىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر خادىمى، ۋەقە بولۇپ بىر قانچە ئايدىن كېيىن ئۈمىد ئاگاھىغا شۇلارنى بىلدۈرىدۇ: «2014-يىلى 24-ماي بۇداپېشتتا ھونلار قۇرۇلتىيى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ يىغىلىشىدىن ئالدىن خەۋەر تاپقان خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرى، ۋېنگىرىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئارقىلىق «ئۈمىد ئاگاھى ئىسىملىك بىر تېررورچىنىڭ بىر توپ تېررورچى ئۇنسۇرلارنى باشلاپ بۇداپېشتقا كەلگەنلىكى، ئاتىللا مېھمانخانىسىغا ئورۇنلاشقانلىقى، ئۇلارنىڭ ۋېنگىرىيە دۆلىتىنىڭ پايتەختىدە ۋەھىمىلىك بىر تېررورلۇق ھەرىكىتى پەيدا قىلماقچى بولغانلىقى» ھەققىدە ۋېنگىرىيە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىغا جىددىي مەلۇمات يوللايدۇ. نەتىجىدە، ۋېنگىرىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى، ساقچى، قوراللىق ساقچىلار دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ئاتالمىش «تېررورچىلارنىڭ كاتتىۋېشى ئۈمىد ئاگاھى»نى قولغا ئالىدۇ ۋە يىغىنغا كەلگەن ئۇيغۇرلارنى تەقىب ئاستىغا ئېلىپ، «ئاتىللا مېھمانخانىسى» نى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، پېچەتلەپ، ئۇيغۇرلارنى نازارەت ئاستىدا تۇتىدۇ.

مەزكۇر ۋەقە بولۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، ۋېنگىرىيەدىكى ئۇيغۇشۇناسلار، ئۇيغۇر مەستانىلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلارنىڭ تەرىپىنى تۇتۇپ، ھۆكۈمەتنى ئەيىبلەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۈمىد ئاگاھى يوللىغان ئەرزگە بىنائەن، ۋېنگىرىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى سوت ئېچىپ، مەزكۇر دېلو ئۈستىدىن 2015-يىلى ئاخىرقى ھۆكۈمنى چىقىرىدۇ ۋە ۋېنگىرىيە بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھەقسىزلىق قىلغانلىقىنى، ئۈمىد ئاگاھىنىڭ تېررور بىلەن ئالاقىدار ھېچقانداق مەسىلىسى يوقلۇقىنى، ئۇنىڭ پۈتۈنلەي گۇناھسىز بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى بېكىتىدۇ. ساقچى تەرەپنىڭ بىر يىلغىچە ئۈمىد ئاگاھىنىڭ ۋېنگىرىيەگە قەدەم بېسىشىنى چەكلەش پەرمانىنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى جاكارلايدۇ.

سوتنىڭ ھۆكۈمى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ۋېنگىرىيە مەتبۇئاتلىرىدا «ئۈمىد ئاگاھى 1:0 نەتىجە بىلەن ئۇتتى»، «ئۈمىد ئاگاھى تېررور تۆھمىتىدىن ئاقلاندى»، «ئۇيغۇرلارنىڭ گۇناھسىزلىقى ئىسپاتلاندى» دېگەندەك خەۋەر، ماقالىلەر ئېلان قىلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ۋېنگىرىيەدە يەنە بىر قېتىم قىزىق تېما بولىدۇ.

ئۈمىد ئاگاھى 2015-يىلى ۋېنگىرىيەگە كەلگەندە، كۆپلىگەن ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ئۇنى قارشى ئېلىپ، ئۆز ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ھەقسىزلىقلىرى ئۈچۈن ئەپۇ سورايدۇ. ھونلار قۇرۇلتىيى، ۋېنگىرىيە ئاقسۆڭەكلەر جەمئىيىتى قاتارلىق چوڭ تەشكىلاتلار ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى ئۇچرىغان ھەقسىزلىقلار سەۋەبلىك ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتىنى داۋاملىق تەنقىدلەپلا قالماي، ئۇيغۇرلارنىڭ تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرىدۇ. تۇران قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئاندېرىئاسمۇ ئۇيغۇرلارنى قارشى ئېلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

2014-يىلى بولۇپ ئۆتكەن بۇ ۋەقە د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ كۆڭلىنى زىدىلىگەن بولسىمۇ، بۇ ۋەقەدىن كۈتمىگەن بىر ئىجابىي نەتىجە كېلىپ چىققان. ئۈمىد ئاگاھىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلگىرىكى زامانلارغا سېلىشتۇرغاندا ۋېنگىرىيەدە ئۇيغۇرلارنى بىلىدىغان، ئۇيغۇرلارغا قىزىقىدىغان، ئۇيغۇرلارنى باغرىغا باسىدىغانلارنىڭ سانى ھەسسىلەپ كۆپەيگەن. خىتاينىڭ توسقۇنلۇقى ئەكسىچە تەسىر يارىتىپ، ۋېنگىرىيە تۇپراقلىرىدا ئۇيغۇر مەستانىلىرىنىڭ سانىنى زور دەرىجىدە يۈكسەلتكەن. بۇ قېتىم ئاۋغۇست ئايلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن 6-نۆۋەتلىك تۇران قۇرۇلتىيى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلىدى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىدىن ئۈمىد ئاگاھى، دولقۇن ئەيسا قاتارلىق ئۇيغۇرلارنى ماجار خەلقلىرى قىزغىن باغرىغا باستى. ئۇيغۇرچە كىيىنگەن قىز-ئوغۇللارنى كۆرگەن ھامان، كىشىلەر «سىلەر ئۇيغۇرمۇ؟» دەپ سورىشاتتى ۋە «رەسىمگە چۈشىۋالساق بولامدۇ؟» دەپ ئىلتىماس قىلىشاتتى. د ئۇ ق تەرىپىدىن تىكىلگەن ئۇيغۇر چېدىرى، قازاقىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تىكىلگەن چېدىرلاردىن زىيارەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. ھەتتا رۇمىنىيە، سىلوۋاكىيە، سېربىيە قاتارلىق ئەللەردىن كەلگەن ساكلار، چاڭگولار ئالايىتەن ئۇيغۇر چېدىرىنى ئىزدەپ تېپىپ «ئۇيغۇرلارغا سالام بەرگىلى كەلدۇق، خاتىرە سۈرەتكە چۈشىۋالايلى» دېيىشەتتى. دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىن كەلگەن تۈركلەر بولسا، تاماقتا بىللە بولۇشنى، ناشتىلىقتا بىللە بولۇشنى ئىلتىماس قىلىشاتتى.

رۇمىنىيەدە ياشايدىغان ساك نەسىللىك، مېلىنا ئىسىملىك بىر خانىم 13-ئاۋغۇست ئۆزىنىڭ ئىككى ئوغلىنى ئەگەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر چېدىرىغا زىيارەتكە كەلگەندە «ئۇيغۇرلار ھەققىدە 10 يىلدىن بۇيان ئاڭلاپ ۋە ئىزدىنىپ كېلىۋاتىمەن. 2014-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋېنگىرىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىق ۋەقەسىنى مەتبۇئاتلاردىن ئاڭلاپ، بەكمۇ كۆڭلۈم يېرىم بولغان ئىدى. ئۇيغۇرلار ئەمدى تۇران قۇرۇلتىيىغا كەلمىسە كېرەك، دەپ ئويلاپتىكەنمەن. قۇرۇلتاي سەھنىسىگە ئېسىلغان كۆكبايراقنى كۆرۈپ، سىلەرنىڭ كەلگەنلىكىڭلارنى بىلدىم ۋە شۇنچىلىك سۆيۈندۈم. ئىككى ئوغلۇمغا ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، سىلەرنىڭ چېدىرىڭلارنى ئىزدەپ تېپىپ كەلدىم. بىز ساكلار رۇمىنىيەدە ياشايمىز. 2 مىليونغا يېقىن نوپۇسىمىز بار. بىز ياشاۋاتقان تۇپراقلار ئەسلىدە ھونلار زېمىنىغا تەۋە ئىدى. 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن رۇمىنىيەگە بۆلۈپ بېرىلگەن. بىزمۇ ھۆرلۈك ئۈچۈن ئىنتىلىمىز. بىراق، بىزنىڭ دەردىمىزدىن سىلەرنىڭ دەردىڭلارنىڭ بەكلا ئېغىرلىقىنى بىلىمىز. سىلەر ھەتتا ئۆزۈڭلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش گېردابىغا چۈشۈپ قاپسىلەر. ئۈستۈڭلاردىكى زۇلۇم بەك ئېغىركەن. ئەمما ئۈمىدسىزلەنمەسلىك كېرەك. تۇران قۇرۇلتىيىغا ئوخشاش، ھون-تۈرك نەسىللىك مىللەتلەر ھامان بىر كۈنى بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، بۇ مۇستەملىكىچىلىككە خاتىمە بېرىدىغان كۈنلەر چوقۇم كېلىدۇ. مەن بۈيۈك تۇراننى خىيال دەپ قارىمايمەن. ئۇ، يېقىن كەلگۈسىدىكى رېئاللىق» دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى.

قىسقىچە ئېيتقاندا، 2016-يىلى 12-14-ئاۋغۇست كۈنلىرى ۋېنگىرىيە پايتەختى بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلگەن 6-نۆۋەتلىك تۇران قۇرۇلتىيى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ خەيرلىك بولدى. 2014-يىلى يۈز بەرگەن ئۇ ۋەقەنىڭ جاراھەتلىرىنى مېھماندوست، قان بېغىغا سادىق ماجار خەلقى ۋە تۈركىي مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ مىھرىبانلىقلىرى بىلەن يۇيۇپ تاشلىدى. ئاي يۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنىڭ ئورنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك-ھۇن دۇنياسىدىكى ئورنىغا شاھىت بولغاندەك، قۇرۇلتاي سەھنىسىنىڭ بېشىغا، سەينانىڭ ئەتراپىغا، ئۇيغۇر چىدىرلىرىغا تىكىلىپ، بۇ قېتىمقى تۇران قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان تارىخى ئەھمىيىتىنى دۇنياغا جاكارلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.