ئاي يۇلتۇزلۇق كۆكبايراق ۋە ئۇيغۇر چېدىرىنىڭ تۇران قۇرۇلتىيىدىكى ھېكايىسى (4)

0:00 / 0:00

2016-يىلى 12-، 14-ئاۋغۇست كۈنلىرى ۋېنگىرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپېشتتىن 150 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىپايان يايلاقتا ئۆتكۈزۈلگەن 6-نۆۋەتلىك تۇران قۇرۇلتىيىغا 20 ئەتراپىدا ئۇيغۇر قاتناشقان ئىدى.

12-ئاۋغۇست ئەتىگەندە قۇرۇلتاي باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇرلارغا ئاتاپ ئىككى چېدىر تىكىلگەن. بۇلارنىڭ بىرى قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تىكىلگەن بولسا، يەنە بىرى ئۇيغۇرلارغا ئۇزۇندىن بۇيان دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان سىلوۋاكىيەلىك ھون ياش ئاتىللا تەرىپىدىن ھەدىيە قىلىنغان.

ئاتىللا ئەپەندى، بۇ چېدىرنى 500 كىلومېتىر يول يۈرۈپ، سىلوۋاكىيەدىن ئېلىپ كەلگەندىن سىرت، ئۇنى ئۆز قولى بىلەن تىكىپ بەرگەن. ئۇنىڭ بۇ خالىسانە ياردىمى يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنى ھاياجانغا سالغان.

6-نۆۋەتلىك تۇران قۇرۇلتىيىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆكبايراق قىممەتلىك بىر كەچمىشكە شاھىت بولۇپلا قالماي، ئۇيغۇر چېدىرىمۇ تەسىرلىك بىر ھېكايە ياراتتى.

11-ئاۋغۇست ۋېنگىرىيە پايتەختى بۇداپېشتقا يېتىپ كەلگەن د ئۇ ق رەھبەرلىرىدىن ئۈمىد ئاگاھى ۋە دولقۇن ئەيسا قاتارلىق 5 نەپەر ئۇيغۇرنى ئۇيغۇر مەستانىسى يانۇش ئەپەندى ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋېلىپ، ئۆزىنىڭ ئاقسۆڭەكلەر رايونىدىكى ھەشەمەتلىك داچىسىغا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. بىراق، بۇ ئۇيغۇر مېھمانلار كېچىنى بۇ ئارامخۇدا سارايدا ئەمەس، شاۋقۇن-سۈرەنلەر بىلەن تولغان كەڭرى يايلاقتا، يەنى قانچە 10 مىڭلىغان ئادەم چېدىر قۇرۇپ تۈنەيدىغان تۇران قۇرۇلتىيى مەيدانىدا ئۆتكۈزۈشنى ئىختىيار قىلدى. يانۇش ئەپەندى مېھمانلىرىنىڭ ئارزۇلىرىغا ھۆرمەت قىلدى.

ۋېنگىرىيە ئاقسۆڭەكلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى يانۇش ئەپەندى دەرھال تۇران قۇرۇلتىيى تەشكىلاتىغا تېلېفون قىلىپ، گېرمانىيەدىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللىرىگە مەركەزدىن بىر چېدىر قۇرۇپ بېرىشنى ئېيتتى.

قۇرۇلىدىغان چېدىرلار ناھايىتى كۆپ بولغاچ، تۇران قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرىگە دەخلى يەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئەسلىدە چېدىرلارنى مەيداننىڭ سىرتىغا ئورۇنلاشتۇرۇش بەلگىلەنگەن ئىكەن. دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىن كەلگەن قانچە ئونمىڭلىغان ئىنسان بۇ يەردىكى ئاتلىق پائالىيەتلەر، سەنئەتلەر، مىللىي نامايەندىلەرنى تولۇق كۆرۈش ئۈچۈن، مۇمكىن قەدەر چېدىرلىرىنى مەيدانغا يېقىن جايغا قۇرۇشنى ئويلايدىكەن. مەركەزدىن يىراقلاپ كەتكەندە، بۇ يايلاقتا كىچەيۇ كۈندۈز داۋاملىشىدىغان تۈرلۈك پائالىيەتلەردىن بەھر ئېلىشقا قۇلايسىزلىق تۇغۇلىدىكەن. پەقەت ئالاھىدە مېھمانلارغىلا مەركەز ئەتراپىدا چېدىر قۇرۇشقا ئىجازەت قىلىنىدىكەن. تۇران قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئاندېرىئاس ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە ئېتىبار كۆزى بىلەن قاراپ، ئۇيغۇر چېدىرىنى مەركەزدە قۇرۇشقا ئىجازەت بەرگەن.

بىراق، بىرئازدىن كېيىن جاۋاب تۇران قۇرۇلتىيىدىن ئەمەس، ھونلار قۇرۇلتىيى ۋە «بارانتا گۇرۇھى» دىن كەلدى. يانۇش ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، د ئۇ ق ۋەكىللىرىگە تۇران قۇرۇلتىيى ئۆز نامىدىن بىر چېدىر قۇرۇپ بەرمەكچى بولغان. ئەمما گېرمانىيەدىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ چېدىرغا ئېھتىياجى بارلىقىنى بىلگەن ھونلار قۇرۇلتىيى، بۇ خىزمەتنى ئۆزلىرى ئۈستىگە ئېلىشنى، ئۇيغۇر ۋەكىللىرىگە خىزمەت قىلىشنىڭ بۇ پۇرسىتىنى ھونلار قۇرۇلتىيىغا ئۆتۈنۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. مەركىزى سىلوۋاكىيەدە بولغان «بارانتا گۇرۇھى» مۇ بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇيغۇر چېدىرىنى قۇرۇش ئىشىنى ھونلار قۇرۇلتىيىدىن تالىشىپ ئېلىۋالغان.

باش شتابى سىلوۋاكىيەدە بولغان «بارانتا گۇرۇھى» سىلوۋاكىيە ۋە ۋېنگىرىيەدە 6-7 مىڭ نەپەر ئەزاسى بولغان مۇشتلاشچىلار (يەنى بوكس) تەشكىلاتى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتامانى ئاتىللا ئىسىملىك ماجار ياش تىپىك ھون مىللەتچىسى بولۇپلا قالماي، يەنە «ئۇيغۇر ئاشىقى» ئىكەن.

ئاتىللا بىرئازدىن كېيىن ئۈمىد ئاگاھىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇيغۇر چېدىرىنى «بارانتا گۇرۇھى» نامىدىن ئۆزلىرى قۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى، تۇران تەشكىلاتى ۋە ھونلار قۇرۇلتىيىنىڭ چېدىرىنى رەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئالايىتەن سىلوۋاكىيەدىن چېدىر ئەكېلىش مۈشكۈل ئىش بولغاچ، ئۈمىد ئاگاھى ئۇلارنىڭ رىيازەت چېكىدىغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، چېدىرنى مۇشۇ يەردىن ھەل قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق ئاتىللا ھېچ ئۇنىمىدى. تالاش-تارتىشتىن كېيىن، ئۈمىد ئاگاھى ئۇيغۇر چېدىرىنى قۇرۇش ئىشىنى ئاخىرى «بارانتا گۇرۇھى»غا تاپشۇردى.

سىلوۋاكىيە بىلەن ۋېنگىرىيە چېگرىداش دۆلەتلەر بولسىمۇ، سىلوۋاكىيە پايتەختى بىراتىسلاۋا بىلەن بۇداپېشتتىكى تۇران قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزۈلىدىغان مەيداننىڭ ئارىلىقى 500 كىلومېتىردىن ئاشاتتى. ماجار يىگىتى ئاتىللا ئۇيغۇر چېدىرىنى ئۆزلىرى قۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىشنىڭ بۇ پۇرسىتىنى تۇران قۇرۇلتىيى ۋە ھونلار قۇرۇلتىيىدىن تالاشقان ئىدى.

دەرۋەقە، 12-ئاۋغۇست كۈنى تۇران قۇرۇلتىيى رەسمىي باشلىنىشتىن ئىلگىرى، بارانتا گۇرۇھىنىڭ ئاتامانى ئاتىللا چېدىر بىلەن 5 نەپەر مۇرىدىنى ئېلىپ، ئۇزۇن بىر مۇساپىنى بېسىپ تۇران قۇرۇلتىيى مەيدانىغا يېتىپ كەلدى. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى ۋە ئۇيغۇر چېدىرىنى تىكىش ئىشىنى ئورۇنلاشتۇردى. چېدىر تىكىش باشلىنىش بىلەنلا، ئەتراپتىكى بىر قىسىم ماجار مىللەتچىلىرىمۇ ئۆزلۈكىدىن ياردەملەردە بولدى. ئۇيغۇر چېدىرى تۇران قۇرۇلتىيى سەھنىسىگە يۈز مېتىر كېلىدىغان يەرگە، يەنى ئەڭ يېقىن جايغا قۇرۇلدى.

بىز ئۇيغۇر چېدىرى قۇرۇلۇۋاتقان شۇ ئەسنادا، نەق مەيداندا تۇرۇپ بارانتا گۇرۇھىنىڭ ئاتامانى ئاتىللانى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن بۇ مەرھەمىتىنىڭ سەۋەبىنى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى سورىدۇق. ئاتىللا مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىلوۋاكىيەدىن كەلدىم. ئىلگىرى ۋېنگىرىيەدە ياشايتتىم. بىز ھونلار بىلەن ئۇيغۇرلار بىر ئاتىنىڭ ئەۋلادلىرى. ئۇيغۇر تارىخى بىلەن ھون تارىخى چەمبەرچاس باغلانغان. مېنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ياخشى ئالاقەم بار. بىز قېرىنداش مىللەت بولۇپلا قالماي، پۈتكۈل ھون-تۈرك مىللەتلىرىنىڭ ئەجدادى بولغانلىقىمىزنى ئۆگەندىم. مېنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھۆرمىتىم يىلدىن-يىلغا كۈچىيىپ باردى. ئەلۋەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى بىزنى ئىنتايىن بىئارام قىلىدۇ. تارىختىن بۇيان، ھون-ئۇيغۇر مىللىتىدىن قورقۇپ سەددىچىننى قۇرۇپ ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىشقا مەجبۇر قالغان خىتايلارنىڭ بۈگۈن ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنى ئەقلىم قوبۇل قىلمايدۇ. ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن خىتاي مىللىتىگە بويسۇنغان ئەمەس، بەلكى بويسۇندۇرغۇچى بولۇپ ياشىغانىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ كۈنلەردە بېشىغا كېلىۋاتقان خىتاي زۇلۇمدىن پۈتۈن ماجار خەلقى، پۈتۈن ھون-تۈرك ئەۋلادلىرىنىڭ پەرىشان ئىكەنلىكىنى داۋاملىق ئاڭلاپ تۇرىمەن. مەن پۈتۈن ھون-تۈرك مىللەتلىرىنىڭ ئۇيۇلتاشتەك بىرلىككە كېلىپ، ئۇيغۇر قاتارلىق بەختسىز قېرىنداشلىرىنى ئاسارەت زۇلمىتىدىن ئازاد قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ۋە ئارزۇ قىلىمەن.»

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئاتىللانىڭ بۇ غەيرىتى ۋە ياردىمىدىن كۆپ تەسىرلەنگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئۇيغۇر چېدىرى قۇرۇلۇۋاتقاندا نەق مەيداندا سۇ، يېمەكلىك توشۇپ خىزمەت قىلغان ساك قىزى لاۋرا رۇمىنىيەدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا «مەن ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشكىنىمدىن بەكلا خۇش بولدۇم. بىز ساكلار تارىخىمىزنى ۋاراقلىساق، ھەر قەدەمدە ئۇيغۇرلار كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ. ساكلار ئارىسىدا ‹ئۇيغۇرلار قانداق بىر مىللەتتۇ؟ بىر كۆرگەن بولساق!› دەيدىغانلار كۆپ. ئۇيغۇرلار بىلەن ساكلارنىڭ قان-قېرىنداشلىقى، تارىختىكى كەچمىشلىرى ھەققىدە يېزىلغان ئەسەرلەرگە قىزىقىدىغانلارمۇ كۆپ. بىراق، ئۇيغۇرلار بىلەن ساكلار ئارىسىدىكى ئالاقە بەك ئاز. بىز تەرەپلەرگىمۇ قەدەم تەشرىپ قىلىشىڭلارنى بەك ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

ئۇيغۇر چېدىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ياردەم قىلغانلار ئىچىدە يەنە تۈركلەرمۇ بار ئىدى. گېرمانىيەنىڭ دۇيىسبۇرگ شەھىرىدىن كېلىپ تۇران قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ۋە ئۇيغۇرلارنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇيغۇر چېدىرىدا بىرگە تۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان تۈرك مىللەتچىسى ئابباس ئەپەندىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھون خەلقلىرى ئارىسىدىكى ھۆرمىتىدىن تەسىرلەنگەنلىكىنى، ئۇيغۇر بايرىقىنىڭ بۇ قېتىمقى تۇران قۇرۇلتىيىدا كۆپ ئەزىزلەنگەنلىكىدىن ئىپتىخار ھېس قىلغانلىقىنى، پۈتۈن دۇنيا تۈركلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يار-يۆلەكتە بولۇش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۇيغۇر چېدىرى خاس ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ياسالغان بولسىمۇ، بۇ چېدىردا ئۇيغۇرلار، ھونلار، ساكلار ۋە تۈركلەر بىرگە تۇردى. ئۇلارنىڭ ناشتىلىقى بىرگە، كۈنلۈك تاماقلىرى بىرگە بولدى. چېدىر ئەتراپىغا ئاييۇلتۇزلۇق كۆك بايراقتىن باشقا يەنە، ماجارلارنىڭ خاس بايرىقى، بۇداپېشت رايونىنىڭ يەرلىك بايراقلىرى، تۈرك مىللەتچىلىرىنىڭ بايرىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ بايرىقى قاتارلىقلار ئېسىلدى.

ئۇيغۇر چېدىرى قانداش مىللەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى ھەققىدە سۆھبەتلەر قۇرىدىغان، پىلان-پروگراممىلار تۈزىدىغان، ئىش بىرلىكى قۇرىدىغان پائالىيەت مەيدانىغا ئايلاندى.