يانۇش ھوركوۋىچ: مېنى ئۇيغۇرلارغا مەستانە قىلغان نەرسە قانداشلىق مېھرى (2)

0:00 / 0:00

«بۇندىن 2200 يىللار ئىلگىرى ھۇنلارغا خاقان بولغان باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ ئەۋلادلىرى ئۇيغۇرلار بىلەن دىدار كۆرۈشكەنلىكىم ھاياتىمدىكى زور خۇشاللىق بولدى.»

11-ئاۋغۇست ۋېنگىرىيە پايتەختى بۇداپېشتتىكى 6-نۆۋەتلىك تۇران قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش ئۈچۈن گېرمانىيەدىن كەلگەن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ۋە باش كاتىپ دولقۇن ئەيسا قاتارلىق 5 نەپەر ئۇيغۇر مېھماننى قىزغىن كۈتۈۋالغان ئۇيغۇر مەستانىسى يانۇش ئەپەندى، مېھمانلىرىغا ئۆز تۇرالغۇسىنى ئازادە زىيارەت قىلىشقا ئىجازەت بەرگەن ئىدى.

ئۇيغۇرلار 65 ياشلىق بۇ بويتاق بوۋاينىڭ ئىككى قەۋەتلىك بىناسىدىكى ئازادە ئۆيلەرنى، تاملارغا ئېسىلغان يىراق تارىخقا ئائىت رەسىملەرنى، ھونلارنىڭ قەدىمكى زامانغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان ئوقيا، قىلىچ-قالقانلىرىنى، پادىشاھلارنىڭ نەسەبنامىلىرىنى ھەۋەس بىلەن كۆرۈپ چىقىشقاندىن كېيىن، بىنانىڭ ئاستىنقى قەۋىتىدىكى ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان فىلىم سىتۇدىيەسىنى زىيارەت قىلدى. بۇ جايغا 3 دانە فىلىم ئاپپاراتى، بىرقانچە كومپيۇتېر ۋە فىلىم ئىشلەشكە لازىملىق ئۈسكۈنىلەر قۇراشتۇرۇلغان، تاملار پەردىلەر بىلەن بېزەلگەن ئىدى. يانۇش ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۇ سىتۇدىيەنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھازىرلىدىم. كېرەك بولسا، خالىغانچە پايدىلانساڭلار بولىدۇ» دېدى.

12-ئاۋغۇست كۈنى يانۇش ئەپەندى 3 كۈنلۈك لازىمەتلىكلەرنى ئاپتوموبىلىغا بېسىپ، بىزنى تۇران قۇرۇلتىيى مەيدانىغا ئاپاردى. مېھمانلار 6-نۆۋەتلىك تۇران قۇرۇلتىيى ئاخىرلاشقۇچە، كېچىلەرنىمۇ 150 مىڭ كىشى قاتناشقان بۇ مۇراسىم مەيدانىدا-چېدىردا ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلىشقان ئىدى. ئۇيغۇر چېدىرىنى ئاتىللا ئىسىملىك بىر ياش ئالايىتەن سىلوۋاكىيەدىن ئەكېلىپ قۇرۇپ بەرگەن ئىدى.

چېدىر ئىچىدە نە يۇمشاق يېپىنچا، نە ئارامخۇدا ئۇيقۇ بولمايدىكەن. كېچە-كۈندۈز چېلىنىۋاتقان ناغرا-سۇناي، داقا-دۇمباقنىڭ ئاۋازىدا ئۇخلىماق تېخىمۇ تەسكەن. بۇ خىل مۇھىت گېرمانىيەدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يېڭىلىق ۋە كۆڭۈللۈك بولسىمۇ، ياشانغان بىر ئادەمگە نىسبەتەن جاپا ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي، ئۇيغۇرلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىشتىن زوق ئالىدىغان يانۇش ئەپەندى ئۆزىنىڭ ھەشەمەتلىك ئۆيىنى تاشلاپ، كېچىلەرنى مېھمانلىرى بىلەن بىرگە چېدىر ئىچىدىكى چىملىق ئۈستىدە يېتىپ ئۆتكۈزدى.

ۋېنگىرىيە ئاقسۆڭەكلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ھونلار قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرغۇچىسى يانۇش ھوركوۋىچ ئەپەندى بىلەن بۇ ئۇيغۇر چېدىرىدا زىيارىتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشقا يەنە پۇرسەت تۇغۇلدى. ئۇ زىيارىتىمىز ئەسناسىدا، ئۆزىنىڭ ھېس-ھاياجانلىرىنى «2200 يىللار ئىلگىرى ھۇنلارغا خاقان بولغان باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن دىدار كۆرۈشكەنلىكىم ھاياتىمدىكى زور خۇشاللىق بولدى» دېگەن ئىبارە بىلەن ئىپادىلىدى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا ياردەم قىلىشنى مەجبۇرىيەت دەپ بىلىمەن ھەم ياردىمىمدىن ھۇزۇرلىنىمەن. چۈنكى، بىز مىڭ يىل ئايرىلىپ، ئاران دىدار كۆرۈشكەن قان-قېرىنداشلارمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇيغۇرلار بۈگۈن ياردەمگە ئەڭ موھتاج بىر خەلق. ئۇيغۇرلار تارىختىكى ھۆكۈمرانلىق سەلتەنىتىدىن مەھرۇم بولۇپلا قالماي، دۇنيادىكى ئەڭ ناچار بىر مىللەتنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدا مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ دەرد-ئەلەملىرىگە ئەسىر بولۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ دۇنيادا بىر مۇنچە دۆلەتلىرى بار. ماجارلار، ئۆزبېكلەر، قازاقلار، ئەزەرىلەر، تۈركمەنلەر... دېگەندەكلەرنىڭ. ئەمما ئۇيغۇرنىڭ مىللىي روھىدىن باشقا ھېچنېمىسى يوق. بىچارە ئۇيغۇرلار ھەتتا ئەسىرلەر مابەينىدە شەكىللەنگەن مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىدىنمۇ ياتلاشتۇرۇلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش، ئەسلىدە بۈگۈنكى ھون، تۈرك نەسىللىك مىللەتلەرنىڭ ئورتاق بۇرچى ئىدى. ئەپسۇس، ئۇيغۇرلار كۈتكەنلىرىگە ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ.»

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى، ئۇيغۇر-ھون رىشتىنى باغلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا غايەت زور تۆھپە قوشقان بۇ ئادەمنىڭ، يالغۇز ئۆزى ئۇيغۇر مەستانىسى بولۇپلا قالماي، ۋېنگىرىيە، سىلوۋاكىيە، رۇمىنىيە قاتارلىق ئەللەردە يەنە بىرمۇنچە ئۇيغۇرپەرەسلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىققانلىقىنى، ئۇيغۇرلار بىلەن يىراق قەدىمكى زامانلاردا قان-قېرىنداش بولۇپ ياشىغان ساكلار، چاڭلار قاتارلىق مىللەتلەر بىلەنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋەت رىشتىنى ئۇلىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ ئادەمنىڭ ئۇيغۇر ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىنىڭ يۈكسەك باھاغا لايىقلىقىنى ئەسكەرتتى.

يانۇش ئەپەندىگە مۇناسىۋەتلىك بىزنى قىزىقتۇرغان يەنە بىر ھېكايىنى د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ ئېغزىدىن ئاڭلىدۇق. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يانۇش ئەپەندى تۇنجى قېتىم ميۇنخېندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشۈپلا، ئۇيغۇرلارنى رەسمىي بىر ئۆمەك شەكلىدە ھونلار قۇرۇلتىيى ۋە تۇران قۇرۇلتايلىرىغا تەكلىپ قىلغان.

يانۇش ئەپەندىنىڭ ئوي-خىيالى ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىگە باغلانغان ئىكەن. زىيارىتىمىز ئەسناسىدا ئۇنىڭدىن «سىز ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىگە قانداق قارايسىز؟» دېگەن سوئالنى سورىغان ئىدۇق، يانۇش ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «مۇستەملىكە بولۇش دېگەنلىك، يوقىلىش دېگەن بىلەن ئوخشاش ئۇقۇمنى بىلدۈرمەيدۇ. بىزمۇ سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىغا مۇستەملىكە بولغان. بۈگۈن ئۇيغۇرلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان خىتايلارمۇ، يىراق-يېقىن تارىخلاردا ئۇيغۇرلارغا، مانجۇلارغا، موڭغۇللارغا مۇستەملىكە بولغان. خىتايلار ئۆزلىرى مۇستەملىكىدىن قۇتۇلغىلى 100 يىل بولمىدى. خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلاردىن-ھۇنلاردىن قورقۇپ، سەددىچىننى بىنا قىلىپ، قانچە ئەسىرلەپ مۇداپىئەدە ياشىغانلىقىنى ئۇيغۇرلار ياخشى بىلىدۇ. تارىخىي نۇقتىدىن ئېيتساق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كەلگۈسىدىن ئۈمىدسىزلىنىشكە ئاساسى يوق. بۈگۈن ئۇيغۇرلار چوڭ بىر دۇنياۋى كۈچكە ئايلانغان خىتاي ئىمپېرىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بىراق، يىقىلمىغان ئىمپېرىيە بولمىغان. بۈيۈك ھون ئىمپېرىيەسى، بۈيۈك رىم ئىمپېرىيەسى، گېرمان ئىمپېرىيەسى، پارىس ئىمپېرىيەسى... بۇلارنىڭ ھەممىسى تارىخقا ئايلىنىپ كەتتى. خىتاي ئىمپېرىيەسىنىڭمۇ يىقىلىدىغان دەۋرى بولىدۇ. مۇستەملىكە ئاستىدىكى مىللەتنىڭ خىيالىمۇ قايغۇسىغا ئوخشاشلا كۆپ. ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ تۈگەپ كىتەرمىزمۇ؟ نەسلىمىز قۇرۇپ كىتەرمۇ؟ دۇنيادىن مىللەت سۈپىتىدە يوقىلىپ كىتەرمىزمۇ؟ دېگەندەك غەم ۋە ئۇنى قىلساق بولارمۇ، بۇنى قىلساق بولارمۇ؟ دېگەندەك خىياللىرى تۈگىمەيدۇ. بۇ خىل ھاياتنى بىزمۇ ياشىغان. بىزنىڭ نوپۇسىمىز سىلەرنىڭكىدىن ئاز ئىدى. بىز ھازىر ئاران 10 مىليون خەلق. سىلەرنىڭ نوپۇسۇڭلار بىزدىن بىر ھەسسە كۆپ. ئەينى چاغدا ماجار مىللەتچىلىرى مەخپىي تەشكىللىنىپ، مۇستەملىكىچى مىللەتكە قارشى كۈرەشلىرىنى ئۇزۇن داۋاملاشتۇرغان. ئەلۋەتتىكى، بۇنىڭ بەدىلىمۇ ئېغىر بولغان. ھازىر ئۇيغۇرلارمۇ قولىدىن كېلىشىچە تېرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئەمما يېتەرلىك ئەمەس.»

بىز يانۇش ئەپەندى بىلەن سۆھبىتىمىز جەريانىدا، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىدىن قانچىلىك بىر نەرسە بىلىدىغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلار قانداق قىلغاندا ھازىرقى مۈشكۈلاتلاردىن قۇتۇلالايدىغانلىقى ھەققىدىمۇ بەزى سوئاللارنى سوراپ، ئۇنىڭ قاراشلىرىنى بىلىشكە تېرىشتۇق. ئۇنىڭ جاۋابلىرىنى كېلەر قېتىملىق پروگراممىمىزدا دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.