ئالماتادا جەمئىيەت ئەربابى تۇرغانجان روزاخۇنوف ئالەمدىن ئۆتتى

0:00 / 0:00

18-ئاپرېل كۈنى قازاقىستان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى كۆرنەكلىك جەمئىيەت ئەربابى، «ئىنايەت» جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى تۇرغانجان روزاخۇنوفتىن ئايرىلدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 20-ئاپرېلدا شەھەرنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىدە ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى.

تۇرغانجان ئىمىر ئوغلى روزاخۇنوف 1950-يىلى ھازىرقى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف ناھىيىسىگە قاراشلىق ياركەنت شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ شەھەردىكى لۇناچارسكىي نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملاپ، بالقاش شەھىرىدىكى كەسپىي-تېخنىكىلىق مەكتەپتە بىلىم ئالدى. پانفىلوف ناھىيىلىك ئېلېكتر تارماقلىرى مەھكىمىسىدە ئەمگەك پائالىيىتىنى باشلىغان ت. روزاخۇنوف پارتىيە ئورگانلىرىدا مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇرغان. كېيىنچىرەك ئۇ كالىنىن نامىدىكى ۋە كىروف نامىدىكى ئىگىلىكلەردە رەئىس ئورۇنباسارى بولۇپ خىزمەت قىلغان.

1992-يىلى ت. روزاخۇنوف پانفىلوف ناھىيىسىنىڭ بارلىق ئىگىلىكلىرى تەركىبىگە كىرگەن «يىپەك يولى» بىرلەشمىسىنىڭ پرېزىدېنتى بولۇپ سايلاندى. 2003- ۋە 2009-يىللار ئارىلىقىدا جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنومەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ بىرىنچى ئورۇنباسارى، قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيايىسىنىڭ ئەزاسى. 2009-يىلدىن باشلاپ ت. روزاخۇنوف ق. غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرى مۇدىرىنىڭ ئورۇنباسارى بولۇپ ئىشلىدى.

مەزكۇر مۇراسىمدا سۆزگە چىققان «ئىنايەت» بىرلەشمىسى بيۇروسىنىڭ ئەزاسى تەلەت ھەمرايېف، ئەدەبىياتشۇناس ئالىم رابىك ئىسمايىلوف، ئالماتا كۆۋرۈك ئىنشائاتلىرى زاۋۇتىنىڭ باش مۇدىرى ئەخمەتجان شەردىنوف، سالامەتلىكنى ساقلاش خىزمىتىنىڭ پېشقەدەم خادىمى ئەبەيدۇللام جاپپاروف، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىيېف، قازاقىستان ژۇرنالىستىكا ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى يولداش ئازاماتوف، سانائەتچىلەر، تىجارەتچىلەر ۋە يېزا ئىگىلىكى خادىملىرى بىرلەشمىسىنىڭ پرېزىدېنتى دىلمۇرات قۇزىيېف، «بىرلىك» بىرلەشمىسىنىڭ پرېزىدېنتى ئادىلجان زەيناۋدىنوف، ئاسفېندىياروف نامىدىكى تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى تۇرغان سۇپىيېف، «ئىنايەت» بىرلەشمىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ھەدىيەم ئەخمەتوۋا، «شەپقەت-شوۋ» تىياتىرىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت نەزەروف، شۇنداقلا ئۇنىڭ كەسىپداشلىرى، دوست-بۇرادەرلىرى، يۇرتداشلىرى ۋە باشقىلار ت. روزاخۇنوفنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى مەدەنىي تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنى يۇقىرى باھالىدى. ئۇلار مەرھۇمنىڭ «ئىنايەت» بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى سۈپىتىدە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىم-پەن، مائارىپ، سەنئەت، مەدەنىيەت ساھەلىرىدە، شۇنداقلا مەجرۇھ بالىلارنى ئاسراش، ياشلارنى ئىش بىلەن تەمىنلەش، ئاھالىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ۋە باشقىمۇ يۆنىلىشلەردە كۆپلىگەن پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكىتلىدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئاسفېندىياروف نامىدىكى تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى تۇرغان سۇپىيېف مەرھۇمنىڭ كىچىكىدىنلا زېرەك، ئوقۇمۇشلۇق بولۇپ ئۆسكەنلىكىنى، ئۆز خەلقىنىڭ تارىخىغا، مەدەنىيىتىگە كۆپ قىزىقىدىغان بالا بولۇپ تەربىيىلەنگەنلىكىنى، كۆپلىگەن ھۆكۈمەتلىك ۋە جەمئىيەتلىك ئورگانلاردا ئىشلەپ، چوڭ ھۆرمەت قازانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئۇ، ئۇيغۇرلار جايلاشقان ھەممە يەرلەرگە بېرىپ، بالىلارنىڭ بىلىم ئېلىشىغا، چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇشىغا كۆپ كۈچ چىقاردى. ئۇلارغا ئىنگلىز تىلىنى ئۆگىتىش بويىچە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلدى. ئۇ ئەدەبىيات، سىياسەت، سەنئەت ۋە باشقىمۇ تەرەپلەردىن سەككىز قىرلىق، بىر سىرلىق ئادەم بولغان. ئۇلارنىڭ ئائىلىسىمۇ ياركەنت رايونى بويىچە ئاتاقلىق ئائىلىلەردىن ئىدى.»

ت. روزاخۇنوف بولۇپمۇ ئاتاقلىق كومپوزىتور قۇددۇس غوجامياروف، مەشھۇر ئىگىلىك رەھبىرى مىرزىگۈل ناسىروف قاتارلىق شەخسلەرگە يادىكارلىق ئورنىتىشنىڭ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈشنىڭ، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان ئاتاقلىق يازغۇچىلار، تەنھەرىكەتچىلەر، ئارتىسلار، ئالىملار ۋە باشقىلارنى خەلققە تونۇشتۇرۇشنىڭ، ھەر ساھەلەر بويىچە مۇسابىقىلەرنى، ئۇچرىشىشلارنى، خەيرخاھلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشنىڭ تەشەببۇسكارى بولدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇ تارىخىي يادىكارلىقلارنىڭ بىرى «پورباجىن» قەلئەسىگە قىلىنغان ئىلمىي ئېكسپېدىتسىيە ئۇيۇشتۇرۇشتا ئالاھىدە پائالىيەتچانلىق كۆرسەتتى. مۇشۇ يىلى ئۇنىڭ تەشەببۇسى بىلەن موڭغۇلىيەگە يەنە بىر ئەنە شۇنداق سەپەر ئۇيۇشتۇرۇلماقچى ئىدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «دوپپالايف. كوم» ئۇيغۇر تورىنىڭ رەھبىرى سۈلفى مەشرەپوف ئۇستازى ت. روزاخۇنوفنىڭ بولۇپمۇ ياشلارنىڭ جەمئىيەتلىك ئىشلىرىغا كۆپ كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ مەسلىھەتى ۋە كۆرسەتمىسى بىلەن كۆپلىگەن لايىھىلەرنى يۈرگۈزگەنلىكىنى تەكىتلىدى: «ياشلارغا تونۇلغان لايىھىلەرنىڭ بىرى doppalayf.com تورى ئىدى. تۇرغان ئاكىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى مۇشۇ تور ئارقىلىق ياشلىرىمىزغا ئۆز مەدەنىيىتىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۆگىتىش ئىدى. ئۇ كۆپ ۋاقتىنى مائارىپ ساھەسىگە بۆلدى. شۇنىڭ نەتىجىسىدە كۆپلىگەن ياشلىرىمىز ھازىر چەتئەلدىكى يۇقىرى ئوقۇش دەرگاھلىرىدا بىلىم ئېلىۋاتىدۇ. تۇرغان ئاكا باي مىراس قالدۇرۇپ، ئۆزىگە ھەيكەل ئورنىتىپ كەتتى.»

س. مەشرەپوفنىڭ ئېيتىشىچە، ت. روزاخۇنوفنىڭ كۆپ كۈچ چىقىرىشى بىلەن چەتئەللەردىكى ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىنىڭ پروفېسسورلىرى ئۇيغۇر يېزىلىرىغا كېلىپ، ياشلارغا ئۆزلىرىنىڭ بىلىمىنى بېرىپ كەتكەن. ئۆتكەن يىلى ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئون بەش ئۇستازى پانفىلوف ناھىيىسىنىڭ ياركەنت شەھىرىدە ئورۇنلاشقان خېلىل ھەمرايېف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە بولۇپ، ئىككى ھەپتە مابەينىدە ئىنگلىز تىلىدىن ھەقسىز ساۋاق بەرگەن.

ت. روزاخۇنوف دوستلۇق مەھەللىسىگە دەپنە قىلىنغان بولۇپ، بۇ يەردە شۇنداقلا زىيا سەمەدى، مەسۈمجان زۇلپىقاروف، ئەنۋەر ھاجىيېف، بۈۋىخان ئەلاخۇنوۋا، ساۋۇت ئابدۇراخمانوف، دولقۇن ياسېنوف، تۇرغان توختەموف ئوخشاش ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتلىرى يەرلەنگەن.