تارىخچى تۇرغۇن ئالماس ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا (2)

0:00 / 0:00

تارىخچى تۇرغۇن ئالماس ئالەمدىن ئۆتكىلى ئون نەچچە يىللار بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر خەلقى ئۇنى چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە چىن مۇھەببەت بىلەن ئەسلىمەكتە.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ 1995-يىلىدىن تاكى تۇرغۇن ئالماس ئالەمدىن ئۆتكىچە بولغان جەرياندا ئۇنىڭ بىلەن كۆپ قېتىم ھەمسۆھبەتتە بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۇ، ئەينى يىللاردا تۇرغۇن ئالماسنىڭ كۈندە دېگۈدەك ئۆزى ئىشلەۋاتقان ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىغا كېلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ۋە بۇ يەردىكى دوختۇر، سېسترالار شۇنداقلا بىمارلار بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شۇنچە ئېغىر سىياسىي بېسىمى ۋە تەقىپلىرىگە قارىماي، تارىخچى تۇرغۇن ئالماس ھەر ۋاقىت كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد ۋە ئىشەنچ ئىچىدە ياشىغان. ئۇ يەنە ياشلارنى، ھەر ساھەدىكى كەسپىي خادىملارنى شۇنداقلا ئۆزىدىن مەسلىھەت سورىغان ھەرقانداق كىشىنى ئۈمىدۋارلىققا تولغان سۆزلىرى بىلەن ئىلھاملاندۇرغان.

تەكىتلەشكە تېگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى، 1990-يىلىدىن كېيىن، گەرچە تارىخچى تۇرغۇن ئالماسنىڭ ماقالە-ئەسەر ئېلان قىلىش، ئاممىۋى ۋە ئىلمىي ئورۇنلاردا نۇتۇق-لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق ھوقۇقلىرى چەكلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن دائىرىلەر ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدىكى يۈكسەك ئوبرازىنى چەكلەشكە ئامالسىز قالغان.

ھەر ساھەدىكى كەسپىي ۋە ئىلمىي خادىملاردىن تارتىپ ئەڭ ئادەتتىكى شەھەر پۇقرالىرىغىچە، سودا-تىجارەتچىلەردىن تارتىپ دېھقان-چارۋىچىلارغىچە نۇرغۇن-نۇرغۇن كىشىلەر ئىمكانىيەت بولسىلا تارىخچى تۇرغۇن ئالماسقا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈشكە تىرىشقان.

تارىخچى ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىنى ئۆز خەلقىنىڭ قۇچىقىدا ئۆتكۈزۈشكە مۇيەسسەر بولغان. ئۇ، ئاشۇ يىللاردا ئۇيغۇر خەلقىگە ئۆز تارىخىنى تونۇش، بىلىش شۇنداقلا ئۇزاق تارىخ جەريانىدا جۇغلانغان تەجرىبە-ساۋاقلارنى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇرغان. ئۆزىنىڭ مىللەت ئۈچۈن قۇربان بېرىش روھى ۋە تىنىمسىز ئىزدىنىشلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز كېلەچىكىگە بولغان كۈچلۈك ئىرادىسىنى نامايان قىلغان.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.