تۇرغۇن ئالماس ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر مەشھۇر تارىخچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھونلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ۋە ھونلار ھەققىدە مەخسۇس تارىخىي كىتاب يازغان تۇنجى ئۇيغۇردۇر.
ئۇ ئۆزىنىڭ 1986-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» دېگەن كىتابىدا ئۇيغۇرلار بىلەن ھونلارنىڭ قانداشلىق ۋە قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئىلمىي پاكىتلار ئارقىلىق ئىسپاتلاپ، ئۇيغۇرلار بىلەن ھونلارنىڭ قانداشلىق مۇناسىۋىتىگە ئىزچىل گۇمانىي قاراشتا بولۇپ كېلىۋاتقان خىتاي ۋە بىر قىسىم چەتئەل تارىخچىلىرىغا رەددىيە بېرىدۇ.
تارىخچى تۇرغۇن ئالماسنىڭ قارىشىچە، «ھونلار ناھايىتى ئېگىز بويلۇق، قاۋۇل، ئۇستىخانلىق، قاڭشارلىق، يۈزلىرى ئاق سۈزۈك بولۇپ قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىياپەتلىرى بىلەن ئىرقىي جەھەتتە ئوخشاش.» شۇڭا تۇرغۇن ئالماس 1987-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا بەرگەن بىر قېتىملىق لېكسىيىسىدە ئېنىق قىلىپ: «قەدىمكى چاغدىكى ھونلار بىلەن ئۇيغۇرلار، تۈركلەرنىڭ تىلى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، چىراي شەكلى دېگۈدەك ئوخشاش ئىدى»، «ھونلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى چاغدىكى ئەجدادى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ھازىرقى چاغدىكى تۈركى خەلقلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىمۇ ئاساسلىق رول ئوينىغان، شۇڭا مېنىڭ ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى دېگەن كىتابىمغا كىرگۈزۈلگەن ھون ئىمپېرىيىسىنىڭ تەڭرىقۇتى باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ سىزما رەسىمى ئەمەلىيەتتە مېنىڭ رەسىمىمدۇر، مېنىڭ چىرايىم قەدىمكى ھونلارنىڭ چىرايى بىلەن ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ رەسىمىنى سىزىشتا مېنى ئۈلگە قىلىپ سىزغان ئىدى، ئەگەر باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ بېشىدىكى دۇبۇلغىنى ئېلىۋەتسە ئاستىدىن مەن چىقىمەن» دېگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئوغلى تەتقىقاتچى قۇتلۇق ئالماس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دادىسىنىڭ بۇ كۆز قارىشىنى دەلىللىدى.
باتۇر تەڭرىقۇت ھون ئىمپېرىيىسىنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 2010-يىلىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 174-يىلغىچە ھۆكۈم سۈرگەن تەڭرىقۇتى بولۇپ، ھون ئىمپېرىيىسىنى ئەڭ قۇدرەت تاپقۇزغان ئىمپېراتوردۇر. باتۇر تەڭرىقۇت تۇرغۇن ئالماسنىڭ قەلىمىدە ئەقىل-پاراسەت ۋە باتۇرلۇقتا تەڭداشسىز شەخس بولۇپ، «ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» دېگەن كىتابتا مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: «باتۇر تەڭرىقۇت ھونلار تارىخىدا ئۆتكەن ھەربىي ئىستراتېگىيە، تاكتىكا سەنئىتى جەھەتتە ئۆز زامانىسىدا تەڭدىشى يوق، سىياسىي دىپلوماتىيىسىدە ئاجايىپ تۇيغۇن، دۆلەت تەشكىلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە مەسىلىسىز تالانت ئىگىسى، جەڭگىۋارلىقتا كارامەت قەھرىماندۇر».
تۇرغۇن ئالماس باتۇر تەڭرىقۇتنى ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمانلىق داستانى بولغان «ئوغۇزخان» داستانىدىكى ئۆزىنى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈيۈك خاقانى دەپ ئاتىغان ئوغۇزخاننىڭ ئۆزى شۇ دەپ قارايدۇ. باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ رەسىمى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن سىزىلغان ھون تەڭرىقۇتلىرىنىڭ بىردىن-بىر رەسىمىدۇر.