تۈرك تارىخچىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىغا ئەھمىيەت بەرمەكتە. بىر قىسىم ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىق تارىخچىلار مەخسۇس ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە بىر قاتار كىتابلارنى يېزىپ نەشر قىلدۇردى.
نۆۋەتتە، ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ھەر دەۋرى بويىچە سىستېمىلىق تەتقىقات قىلىش تۈركىيەدىكى تارىخشۇناسلىق ئىلمىنىڭ مۇھىم تېمىلىرىنىڭ بىرىدۇر. تۈركىيە تارىخچىلىرى ئەزەلدىنلا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا ئوينىغان رولىغا يۇقىرى باھا بەرگەن ئىدى. ئۆتكەن ئايدا «ئۇلۇسال تېلېۋىزيەسى» دە ئۆتكۈزۈلگەن تارىخ سۆھبەت پروگراممىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى رولى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى.
ئۆتكەن ئايدا «ئۇلۇسال تېلېۋىزيەسى» دە تارقىتىلغان 4 سائەت داۋاملاشقان تارىخ پروگراممىسىدا ئىستانبۇل مىمارسىنان ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ئەخمەت تاشاغىل ئەپەندى بىلەن تۈركىيە ئىشچى پارتىيەسى باش سېكرېتارى دوغۇ پەرىنچەك ئەپەندى قاتناشتى. ئۇلار، 4 سائەت بويىچە پروگرامما رىياسەتچىسى خۇلقى جەۋىزوغلۇ ئەپەندىنىڭ تۈرك تارىخى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
پروگراممىدا تۈرك ئاتالغۇسىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە مەنىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي تۈرك تارىخىدىكى ئورنى دېگەنگە ئوخشاش تېمىلاردا تارىخچىلار ئوتتۇرىغا قويغان كۆز قاراشلار دىققىتىمىزنى تارتتى.
پروفېسسور ئەخمەت تاشاغىل ئەپەندى ئومۇمىي تۈرك تارىخىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇيغۇرلار قۇرغان دۆلەتلەر مەزگىلىدە سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن زور تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۈگۈنگىچە ئىزچىل ھالدا ئۆز تىلى، ئۆز يېزىقىنىڭ بولغانلىقىنى، نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، بۈگۈن پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەر قەدىمكى تارىخىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرچە تېكىستلەردىن پايدىلىنىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر دۆلىتى مەزگىلىدە بولسۇن، ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتى مەزگىلىدە بولسۇن، قاراخانىيلار دۆلىتى مەزگىلىدە بولسۇن ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق مەدەنىيەت ياراتقانلىقىنى بايان قىلدى.