«تۈرك دۇنياسى ئاخباراتچىلار شۇراسى» يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش توغرىسىدا قارار ئېلىندى

0:00 / 0:00

2014-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە تۈركىيە ئەسكىشەھەردە «1-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى ئاخباراتچىلار شۇراسى» نامىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىننى ئەسكىشەھەر ۋالىيلىقى، ئەسكىشەھەر مەدەنىيەت پايتەختى ئورگىنى ۋە ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى فوندى، قاتارلىق تەشكىلات ۋە ئورگانلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى.

يىغىنغا تۈركىيە مىللىي مائارىپ مىنىستىرى نەبى ئاۋجى، ئەسكىشەھەر ۋالىيىسى ئازىم تۇنا، پارلامېنت ئەزاسى سالىھ كوجا، خەلقئارالىق تۈرك مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى دۈسەن كاسىنوف، تۈركىيە ئاخباراتچىلار فېدراسىيىسى رەئىسى ئاتىللا سەرتال، تۈركىيە ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى فوندى رەئىسى يىلماز قاراجا ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن 100 ۋەكىل، تۈركىيەدىن 250 بولۇپ جەمئىي 350 ژۇرنالىست قاتناشتى.

يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ياۋرو-ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلەر فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل چېنگىز تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ۋە خىتاي تۈرمىسىگە قامالغان ئۇيغۇر ژۇرنالىستلار توغرىسىدا سۆز قىلدى.

3 كۈن داۋام قىلغان بۇ يىغىننىڭ ئاخىرىدا تۈرك دۇنياسىغا ئالاقىدار 20 ماددىلىق بىر قارار ئېلىندى. تۈرك دۇنياسى ئاخباراتچىلار شۇراسى يىغىنىدا ئېلىنغان 20 ماددىلىق قاراردا، تۈرك دۇنياسى ئاخباراتچىلار ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت ۋاسىتىلىرى ئورنىتىلىپ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش تەلەپ قىلىندى. تۈرك دۇنياسى تەشۋىقات ئاخباراتچىلىرى، دۇنياۋى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قوغدىلىشى، رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇش جەھەتلەردە تىرىشچانلىق قىلىش دېگەنگە ئوخشاش قارارلار ئېلىندى.

بۇ قاراردا يەنە ئاخباراتتا ئۆچمەنلىك، دۈشمەنلىك ئىپادىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ھۆرمەت، شەپقەت، سەمىيمىلىك، تىنچلىق ئۈستىدە كۆپلەپ توختىلىش قارار قىلىندى. تۈرك دۇنياسى ئاخبارات ئاگېنتلىقى نام ئاستىدا بىر ئوگاننىڭ قۇرۇلۇشىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى بەلگىلەنگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئۇچۇر ئاگېنتلىقنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار ئاساس سېلىندى ۋە ئۇچۇرلارنىڭ دۇنياغا تارقىلىشى قارارلاشتۇرۇلدى. تۈرك دۇنياسى ئاخباراتچىلىرى، تۈرك دۇنياسىغا ئالاقىدار خىزمەت قىلىۋاتقان پۈتۈن تەشكىلات ۋە ئورگانلار بىلەن ئورتاق خىزمەتلەر ئېلىپ بېرىش قارار قىلىندى. تۈرك دۇنياسىدا ئاخبارات ئەركىنلىكى چەكلىمىگە ئۇچرىغان ئەھۋال ئاستىدا مۇناسىۋەت دۆلەتلەرگە كېرەكلىك ئاگاھلاندۇرۇشلارنى قىلىپ، ئورتاق ئىمزا قىلىش بىلەن بايانات ئېلان قىلىنىدۇ. ئوخشاش شەكىلدە پۈتۈن دۇنيادا ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ئالاقىدار چەكلىمە ۋە توسالغۇغا دىققەت قىلىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ ئۇچۇر ئىگىلەش ھوقۇقى قوغدىلىنىدۇ. يىغىندا يەنە تۈرك دۇنياسى ئايال ئاخباراتچىلار ئوتتۇرىغا چىققان مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە قىلىش نەتىجىسىدە تۈرك دۇنياسى ئايال ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى قۇرۇش قارارلاشتۇرۇلدى.

قاراردا يەنە، تۈرك دۇنياسىدا ئاخبارات ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ خەلقئارا قانۇننى چۆرىدىگەن ئاساستا تۇرغۇزۇش قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان بىر مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. قاراردا، «ئاخباراتلارغا ئالاقىدار چەكلىمە قويۇش، يوشۇرۇش، بۇرمىلاش قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئەمما مەتبۇئاتمۇ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك بىلەن كىشىلىك خۇسۇسىيەت ۋە مەخپىيەتلىكنىڭ قوغدىلىنىش پرىنسىپىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك»، دېيىلگەن.

يىغىندا يەنە قىرىم مەسىلىسىگە ئالاقىدار قارار ئېلىنغان بولۇپ، قىرىمدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى، ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ قوغدىلىنىش كېرەكلىكى، مەسىلە دېموكراتىك يول بىلەن ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەرمەنلەرنىڭ ئەزەربەيجان زېمىنى قاراباغدىن چىقىپ كېتىشى، ئىراق تۈركمەنلىرى، سۈرىيە تۈركمەنلىرى ۋە ياۋروپا تۈركلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ قوغدىلىشى توغرىسىدا قارار ئېلىنغان.

قارارنىڭ 11-ماددىسى مەخسۇس ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىنغان قاراردا مۇنداق دېيىلگەن: شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلىرىغا قارىتا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە بۇنىڭغا قارىتا دۇنيانىڭ تۇتقان پوزىتسىيىسى ئىنساننىڭ ۋىجدانىنى قاينىتىدۇ. خەلقئارالىق تەشكىلات ۋە ئورگانلار ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىيلىكلەرنى توختىتىش ئۈچۈن كېرەكلىك قەدەملەر بېسىشى كېرەك. خۇسۇسەن خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ھاكىمىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلىدى دېگەن سەۋەب بىلەن تۇتۇلغان ئاخباراتچى، ئاكادېمىك ئىلھام توختى ئۈچۈن دۇنيادا كۈنتەرتىپ پەيدا قىلىش كېرەك ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆزىتىشى بىلەن ئوچۇق سوتقا چىقىرىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن 3 ئاخباراتچى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، بۇ يىغىننىڭ لەۋھەسىدە تۈرك دۇنياسىغا ئالاقىدار 35 دۆلەت ۋە خەلقنىڭ بايراقلىرى قاتارىدىكى شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنىڭ ئورنىغا خىتاي بايرىقى ئېسىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان ئۇيغۇر ئاخباراتچىلار قاتنىشىشنى رەت قىلدى، بۇ يىغىندا تۈرك دۇنياسى بايراقلىرىنىڭ ئارىسىدىن شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى چىقىرىپ، خىتاي بايرىقىغا ئورۇن بەرگەنلىكىگە نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ بايانات ئېلان قىلىندى ۋە بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئورگانلارنى ئەيىبلىدى. ئۇيغۇر ئاخباراتچىلار نارازىلىق باياناتنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان جەمئىيەتنىڭ مەسئۇللىرىدىن دوكتور شەمسىدىن كۈزەجى شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ئېسىشنى ئۇنۇتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ چۈشەنچە بەردى ۋە كەچۈرۈم سورىدى.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان جەمئىيەت مەسئۇللىرىدىن ئاخباراتچى تامەر ئەريىيى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.