ياۋروئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى كۈلتۈر ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ قوللىشى بىلەن تۇنجى نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى ياش يازغۇچىلار ۋە شائىرلار ئۇچرىشىشى يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ يىغىن 8-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە 5 كۈن داۋام قىلغان بولۇپ، يىغىنغا قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ۋە 22 ئاپتونوم رايوندىكى تۈرك خەلقلىرىدىن بىرەر ۋەكىل قاتناشتى. بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ياش شائىر ئابدۇلجان ئازناباقىيىف ئەپەندى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
بۇ يىغىن 8-ئاينىڭ 15-كۈنى باشلانغان بولۇپ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، تۈركىيە كۈلتۈر ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى پروفېسسور نابى ئاۋجى، ياۋروئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ياقۇپ ئۆمەرئوغلۇ سۆز قىلدى. كېيىن ھەر قايسى دۆلەت ۋە رايونلاردىن كەلگەن ۋەكىللەر سەھنىگە چىقىپ ئۆزلىرىنى ۋە ۋەكىل بولۇپ كەلگەن خەلقلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنىدىكى يىغىن، تۈرك دۇنياسى ئەدەبىياتىنىڭ ئورتاق دەۋرلىرى دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ يىغىندا پروفېسسور رامىزان قورقماز ئەپەندى، ئەنئەنىۋى ئەدەبىياتتىن پايدىلىنىش ئۇسۇللىرى توغرىسىدا توختالدى ۋە تۈرك خەلقلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەلىرىنىڭ ئورتاقلىقى توغرىسىدا يېڭى بىر كېلەچەكنى ئىنشا قىلىشنىڭ يوللىرى توغرىسىدا ياش يازغۇچى ۋە شائىرلار بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.
بۇ يىغىندا يەنە، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەت ۋە رايونلاردا كىتابلىرى نەشر قىلىنغان ۋە ياكى مەشھۇر گېزىت-ژۇرناللاردا ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان ياش يازغۇچى ۋە شائىرلار تۈرك دۇنياسى ئەدەبىياتلىرىدىكى يېقىنقى زامان يېڭىلىقلىرى ۋە تىل-ئەدەبىياتقا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل تېمىلاردا پىكىر ئالماشتۇردى ۋە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.
ئۇيغۇر شائىر ئابدۇلجان بۇ يىغىندا، ئۇيغۇر خەلقىم، ئەسسالام ئىستانبۇل دېگەن تېمىدىكى شېئىرلىرىنى ئوقۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدا يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا مەلۇمات بەرگەن ۋە ئۆزى يېزىپ نەشر قىلدۇرغان بىر قانچە پارچە كىتابلىرىنى ۋە ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن.
قازاقىستانلىق ئۇيغۇر شائىر ئابدۇلجان ئۇزۇن ۋاقىتتىن بىرى شېئىرىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولۇپ، يازغان ئەسەرلىرى ئۇيغۇر خەلقلىرى ئىچىدە سۆيۈپ ئوقۇلۇۋاتقان شائىرلاردىن بىرى ئىكەن. قازاقىستاننىڭ چېلەك ناھىيىسىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان شائىر، ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئىزدىنىپ كەلمەكتە ئىكەن. ئۇ يەنە قوشۇمچە بىر قانچە ژۇرناللاردا تەھرىرلىك قىلىدىكەن. قازاقىستاندىكى ۋارىس ئەدەبىي ئىجادىيەت بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى بولغان ئابدۇلجان، بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتنىشىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئاۋازىنى تۈرك دەرياسىغا ئاڭلاتقان بولدى.
بۇ يىغىن ئاخىرىدا يىغىننىڭ خۇلاسە دوكلاتى ئېلان قىلىندى. ياۋروئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ خۇلاسە دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: يىغىندا ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرە نەتىجىسىدە، تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق بىر ئالاقە تىلىنىڭ تۈركىيە تۈركچىسى بولۇش. تۈرك دۇنياسى ياش يازغۇچىلار ئۈچۈن ئورتاق بىر مۇكاپات تەسىس قىلىش. تۈرك دۇنياسى ياش يازغۇچىلار ئۇچرىشىشىنى ھەر يىلى ئۆتكۈزۈش. ھەر قېتىمقى پائالىيەتلەرنى تۈرك دۇنياسىدىكى بىر شائىر ۋە يازغۇچى نامىدا ئۇيۇشتۇرۇش. تۈرك دۇنياسى يازغۇچىلىرىنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلەرنى كۈچلەندۈرۈش. يىغىنغا قاتناشقان يازغۇچى-شائىرلارنىڭ كىتابلىرى ۋە ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرىنى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىش. بۇ پائالىيەتكە دەستەك بەرگەن تۈركىيە كۈلتۈر ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىغا تۈرك دۇنياسى ياش يازغۇچى-شائىرلار نامىدا تەشەككۈر ئېيتىش قاتارلىق قارارلار ئېلىنغان.
بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇر شائىر ئابدۇلجان ئازناباۋىيىف بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر شائىرەسى سېيتنىسا لوقمان ۋەتىنىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچى، شائىرلارنىڭ ھازىرقى ئىجادىيەت ئەھۋالى ھەمدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تۈرك دۇنياسى ئەدەبىياتىدىكى رولى ھەققىدە ئۆزىنىڭ ھېس قىلغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
0:00 / 0:00