تۈركولوگلار: ئۇيغۇر تەتقىقاتىنىڭ تۈركولوگىيە ئىلمىدىكى ئورنى يەنىلا ناھايىتى يۇقىرى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2013.11.21
Nuraniye-hidayet-ekrem.JPG «ھازىرقى زامان تۈركولوگىيە تەتقىقاتلىرى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنىدا دوكتور نۇرانىيە ھىدايەت ئەكرەم «كۆكتۈرك مۇزىكىسىنىڭ خىتاينىڭ سەنتەي مۇزىكىسىغا بولغان تەسىرى» تېمىسىدا ئىلمىي دوكلات بەردى. 2013-يىلى نويابىر، ئەنقەرە.
RFA/Erkin

تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «ھازىرقى زامان تۈركولوگىيە تەتقىقاتى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا 60 ئەتراپىدا تۈركولوگ قاتناشتى. 19-نويابىر كۈنى باشلانغان بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتى توغرىسىدا ئوقۇلغان ماقالىلەرنىڭ كۆپلۈكى دىققىتىمىزنى تارتتى. يىغىنغا قاتناشقان تۈركولوگلار ئۇيغۇر تەتقىقاتىنىڭ تۈركولوگىيە ئىلمىدىكى ئورنىنىڭ يەنىلا ناھايىتى يۇقىرىلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ يىغىندا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور نۇرانىيە ئەكرەم، نىغدە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئابدۇرېشىت قارلۇق، ئىستانبۇل بېيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىملار ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئىلمىي دوكلات بەرگەندىن باشقا يەنە كۆپ ساندا تۈركولوگلار قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى توغرىسىدا تەييارلىغان ئىلمىي دوكلاتلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتى فاكۇلتېتى تەرىپىدىن 2002-يىلىدىن تارتىپ ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ بۇ يىلقىسىدا ئۇيغۇر تەتقىقاتى توغرىسىدىكى ماقالىلەر بۇرۇنقىدىكىدىن كۆپ بولدى. ئۇنداقتا، ئۇيغۇر تەتقىقاتىنىڭ تۈركولوگىيە تەتقىقاتىدىكى ئورنى قانداق ؟ بەزى تۈركولوگلار يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغاندەك تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تۈركولوگىيە تەتقىقاتىنىڭ مەركىزىگە ئايلاندىمۇ؟

بۇ ھەقتە كۆز قاراشلىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن نەق مەيداندا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.