تونۇلغان تۈركولوگ، ئۇيغۇرشۇناس، پروفېسسور دوكتور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن يازغان «تۈرك خاقانلىقى ۋە تۈرك مەڭگۈ تاشلىرى» ناملىق كىتاب تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە دەرگاھ نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.
بىز نويابىر ئېيىنىڭ باشلىرىدا نەشر قىلىنغان كىتاب توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن كىتابنى نەشرگە تەييارلىغان ئەنقەرە گازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دەم ئېلىشقا چىققان ئوقۇتقۇچىسى ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ۋە گېرمانىيە گۆتىڭگەن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئابلەت سەمەت ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
پروفېسسور دوكتور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئالدى بىلەن كىتابنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «چوڭ ھەجىملىك بۇ كىتابتا ئورخۇن ئابىدىلىرىنىڭ ئۈچىنى يەنى كۈلتېكىن، بىلگە خاقان ۋە تۇنيۇقۇق ئابىدىلىرىنى يېڭىدىن ئوقۇپ مەنىسىنى يېزىپ چىقتىم. بۇرۇن ئوقۇغانلارغا قارىغاندا ئوخشىماسلىقلار بار. مەن ئوقۇپ يېڭى مەنە بەرگەن جايلارنى ئىزاھلاپ چىقتىم. بۇ كىتابنى ئورخۇن ئابىدىلىرى ھەققىدىكى ئەتراپلىق بىر تەتقىقاتنىڭ مەھسۇلاتى دېيىشكە بولىدۇ.»
ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن بۇ كىتابىدا ئورخۇن ئابىدىلىرىنى ئەدەبىي ۋە تارىخىي جەھەتتىنمۇ تەھلىل قىلىپ چىققانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «يەنە بىرى، ئورخۇن ئابىدىلىرىنى ئەدەبىي جەھەتتىن، سىياسەتشۇناسلىق ۋە قانۇن ئىلمى ۋە تارىخ جەھەتتىن ئەتراپلىق ھالدا تەھلىل قىلدىم. مەسىلەن، ئەدەبىي جەھەتتىن ھازىرغىچە ھېچكىم قىلىپ باقمىغان شەكىلدە، كىرىش قىسمى ۋە خۇلاسە قىسىملىرىنى تەھلىل قىلدىم. يەنە بىرى بۈگۈنكى تۈرك ئەدەبىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدۇم.»
«ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىپتۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا تونۇلغان تۈركولوگ پروفېسسور دوكتور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «مەسىلەن، ھازىرغىچە كۆكتۈركلەر ۋە ئابىدىلەر توغرىسىدا يىگىرمىدىن ئارتۇق رومان يېزىلىپتۇ. كۆكتۈرك تارىخى ناھايىتى كەڭ بىر تارىخ. كۆكتۈرك تارىخى توغرىسىدا خىتايچە مەنبەلەر تەرجىمە قىلىندى. مەسىلەن، ئىسەمبىكە توغان خانىم، ئەخمەت تاشاغىل ئەپەندىلەر خىتايچە مەنبەلەرنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلدى. گېرمانىيە ۋە فىرانسىيەلىكلەرنىڭ كۆكتۈركلەر توغرىسىدا يازغانلىرىمۇ تۈركچىگە تەرجىمە قىلىندى. مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، ناھايىتى ئەتراپلىق كۆكتۈرك تارىخى يېزىپ چىقتىم. مەن شۇنى دېيەلەيمەنكى، مەن يازغان تۈرك خاقانلىقى ۋە تۈرك مەڭگۈ تاشلىرى ناملىق كىتابتىكى كۆكتۈرك تارىخى ھازىرغىچە يېزىلغان ئەڭ ئەتراپلىق كۆك تۈرك تارىخىدۇر.»
پروفېسسور دوكتور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى مەزكۇر كىتابنىڭ ناھايىتى بۈيۈك بىر ئەسەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئەڭ بۈيۈك ۋە چوڭ ھەجىملىك بىر ئەسەر بولدى. ئورخۇن ئابىدىلىرىنىڭ ئورىگىنالىنى قويدۇم، ئۇنىڭ يېنىغا ئوقۇلۇشىنى بەردىم. ئۇنىڭ يېنىغا مەنىسىنى بەردىم. كىتابنىڭ ئاخىرىغا سۆز-ئىبارىلەرنىڭ لۇغىتىنى بەردىم. شۇنىڭ بىلەن چوڭ ھەجىملىك بىر ئەسەر ئوتتۇرىغا چىققان بولدى.
ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى ئورخۇن ئابىدىلىرىنى بۇرۇن ئوقۇغانلار بىلەن ئۆزى ئوقۇغانلىرى ئوتتۇرىسىدا كۆپ ئوخشىماسلىقلارنىڭ بارلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«مەڭگۈ تاشلارنى باشقىلار ئوقۇغان ۋاقىتتىمۇ بەزى يېڭىلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. مەن ئوقۇغانلاردىمۇ بار. مەيلى مەنا جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى ئوقۇلۇشى جەھەتتىن بولسۇن ئوخشىماسلىقلار بار. بۇلاردىن باشقا ئابىدىلەرنى ئەدەبىي، تارىخىي ۋە قانۇن ئىلمى جەھەتتىنمۇ تەھلىل قىلىپ كۆپ يېڭى نەرسىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. بۇ كىتابتا گەرچە كۆكتۈرك خاقانلىقى مەزگىلى ئاڭلىتىلغان بولسىمۇ، 740-يىلىدا يىلىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر دۆلىتى بۇ دۆلەتنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان بولغاچقا، ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قۇرۇلمىسىنى قەدىمى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن بۇ ئەسەر ئىنتايىن مۇھىم.»
«ھۆرمەتلىك پروفېسسور دوكتور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى، سىز يازغان بۇ ئەسەر تۈركولوگىيەگە نېمە يېڭىلىقلارنى قوشتى؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۇ كىتابنى ئوقۇغان كىشى، ئورخۇن ئابىدىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇنچىۋالا كەڭ مەنىدە تەھلىل قىلىنغانلىقىنى كۆرۈۋالالايدۇ. بولۇپمۇ ئەدەبىي جەھەتتىن. بۇ مەڭگۈ تاش تېكىستلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئوخشاتمىلار، ماقال-تەمسىللەر توغرىسىدا بەزى تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان ئىدى، ئەمما تېكىستلەرنىڭ ئەدەبىي ئالاھىدىلىكلىرى مەن تەھلىل قىلغاندەك تەھلىل قىلىنمىغان ئىدى. بۇ تېكىستلەردە ئاڭلىتىلغان تارىخى مەلۇماتلار توغرىسىدا ئەتراپلىق تەھلىل ئېلىپ باردىم. بۇلاردىن باشقا جەمئىيەتشۇناسلىق، ئىقتىسادشۇناسلىق جەھەتتىنمۇ تەھلىل قىلدىم. يەنە بىرى بولسا، ئەسەرنىڭ ئاخىرىغا مەڭگۈ تاشلار توغرىسىدا ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنىڭ تىزىملىكىنى قويدۇم. مەنچە تۈركولوگىيە تەتقىقاتىغا كۆپ يېڭى مەزمۇنلارنى قوشتى. بولۇپمۇ كۆكتۈركچە تېكىستلەرنىڭ ئەدەبىي ئالاھىدىلىكى، كۆكتۈرك دۆلىتىنىڭ قانۇنى، ئىقتىسادى ۋە تارىخى توغرىسىدا كۆپ يېڭى مەزمۇنلارنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. تىلچىلارلا ئەمەس، ئەدەبىياتچىلار، تارىخشۇناسلار، ئىقتىساتشۇناسلار ۋە قانۇنشۇناسلارمۇ پايدىلىنىشقا تېگىشلىك بىر ئەسەر بولدى دەپ قارايمەن. ئۇيغۇرشۇناسلارمۇ پايدىلىنىشقا تېگىشلىك كىتاب ھېسابلىنىدۇ.»
گېرمانىيە گۆتىڭگەن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئابلەت سەمەت ئەپەندى 1893-يىلىدا كۆكتۈرك ئابىدىلىرىنى تۇنجى قېتىم تومسېن ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن، ئۇ،تېكىستلەرنى تارىخى جەھەتتىن تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگەن بولسىمۇ، ئەدەبىي جەھەتتىن تەھلىل قىلىنىپ باقمىغانلىقىنى، ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇننىڭ بۇ تەتقىقاتىنىڭ ئۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈنمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
پروفېسسور دوكتور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇننىڭ تۈركولوگىيە توغرىسىدا يازغان 19 كىتابى، يۈز پارچىدىن ئارتۇق ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر رىۋايەتلىرى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى ۋە تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەرجىمىسىمۇ بار.